有价值的文章
才值得我们收藏

ئايالىمنىڭ ئەپتى بەشرىسى11-قىسىم

ئايالىمنىڭ 11

تارتۇقلاڭ

مېھرىنسانىڭ يالۋۇرۇشلىرى خېيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى ،ۋۇجۇدۇمدا ئۇنىڭ ھېلىقى مەلئۇن دادىسىغا بولغان غەزەپ -نەپرەتتىن باشقا ھېشنىمە يوق .
جېنىم بالام ،مېھرىنسا بۇ ئەھۋالدا ،شىنجاڭغا ساق بارالىغۇدەك ئەمەس ،سىزدىن خۇش بولاي ،ياخشىلىقنى ئاخىرغىچە قىلىپ، ئۇنى ماڭا بىللە ئاپىرىشىپ بەرگەن بولسىڭىز ،ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز ،ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىمايدۇ، تاساددىپىي ھالدا ،يولا بارغۇچە ئۇنىڭغا بىر ئىش بوپ قاسا ،مەن بۇنى كۆتۈرەلمەيمەن -مېھرىنسانىڭ ئاپىسىنىڭ يالۋۇرۇشلىرى  يەنە باغرىمنى ئەزدى ،نېمە دەيمەن، شۇنچە دەرت تارتقان بۇ ئايالنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى رەت قىلىۋېتەلەمدىمەن، ئۇنىڭغا ياق دېيالەمدىمەن.ئانالسىز مېھرىنسانى  بىرقۇر تەييارلىق قىلغۇزىۋەتكەندىن كېيىن ،شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتۇق.
يول بويى ،مېھرىنسا مىشىلداپ يىغلىغاچ ،ماڭا يالۋۇرۇپ ماڭدى ،نېمىشقىكىن تاڭ ،ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرى مېنىڭ يۈرۈكۈمنى پەقەتلا ئېرىتەلمىدى، چۈنكى شۇ تاپ ،مېنىڭ يۈرۈكۈم،مېھرىنسا دىگەن بۇ ئايالغا نىسبەتەن  تاشتەكلا قېتىپ كەتكەن ئېدى .
ھە قايتىپ كەلدىڭلارمۇ ؟-بىز قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،خۇددى بىزنىڭ كېلشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ،ئادىلاخۇن دىگەن مەلئۇن ،ھېلىگەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى ئويناتقىنىچە ،ھويلىسىدىن چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى .
قىزىم ،ساڭا دەيدىغان گەپ با ،بۇ قېتىمقىسى خۇشخەۋەر -ئادىلاخۇنۇن ،مەن بېلەن ئايالىنى كۆمىگەندەكلا ،مېھرىنسانىڭ قولىدىن تارتىپ ماڭدى.
يەنە نېمە دەيسەن ۋۇ ئەبلەخ ،مەن سېنى كەچۈرمەيمەن بىلدىڭمۇ؟سەن مېنى يەنا سېتىۋەتمەكچىما ،مەن سېنىڭ نېمەڭ شۇنى بىلەمسەن، سەندەك ھايۋان دادامنىڭ بولغىنىدىن نەپرەتلىنىمەن ،مەندىن نېرى تۇر -ئادىلاخۇن ،مېھرىنسانى بىر تەرەپكا تارتىپ، قۇلاقلىرىغا بىرنىملەرنى دەپ پىچىرلىغاندىن كېيىن ،مېھرىنسا ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ ،شۇ گەپلەرنى دەپ ،ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى .
ھېي، ساڭا جان كىرىپ قاپتىغۇ، قارىغاندا ئاۋۇ كونا ئېرىڭ سېنى يەنە ئالاي  دىگەن ئوخشىمامدۇ ؟ئوبدان بىلىۋال ،ئۇ سېنى ئەمدى خوتۇن قىممايدۇ،ئۇنىڭدا ساڭا بەگۈدەك بىر نەرسىمۇ قاممىدى ،تېخى قايسى كۈنى ماڭا 50مىڭ يۈەن پۇلنى بېرىپ بالاڭنى ئېلىپ كەتتى،داۋۇت بايغا تەگسەڭ ،كۈنلىرىڭ باياشاتچىلىقتا ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلاپ بولدى، تېگۋاساڭلا ،پات ئارىدا يوغان دەپى ،دۇنيا ساڭىلا قالىدۇ . -ئادىلاخۇن ،خۇددى بىرسى بىلەن سودىلىشىۋاتقاندەكلا ئۆزىنىڭ قىزىغا شۇ گەپلەرنى قىلغۇچە ،قىلچىلىك يۈزى قىزىرىپمۇ قويمايۋاتاتتى .
سەن ،سەن ئىبلىس ،سەن مېنىڭ دادام ئەمەس ،ھەممىگە سەن سەۋەبچى ،ھەممىنى سەن قىلغان، سەن مېنى مۇشۇ كۈنگە چۈشۈرۈپ قويغان، سەنمۇ بىر دادىمۇ، سەنمۇ ئادەممۇ ،ۋۇ ئەبلەخ -ئاچقۇچتەكلا قالغان مېھرىنسا دادىسىنىڭ گېلىدىن چىڭ سىققىنىچە شۇنداق دېدى –
ئاخىرقى ياشاش ئۈمۈدۈمنىمۇ يوققا چىقاردىڭ، بالامنى نېمىشقا ساتتىڭ،سەن ماڭا بالا تۇغۇشۇپ بەرگەنمىدىڭ، بالامنى ساتىدىغانغا نېمە ھوقۇقىڭ بار .
ۋۇ قانجۇق ،نېرى تۇر -ئادىلاخۇن مېھرىنسانىڭ قولىنى كاپ قىلىپ تۇتۇپلا ،قاتتىق بىرنى قايرىدى -ۋايجان -مېھرىنسا شۇنداق دەپلا يەرگە تىزلاندى -جېنىڭ مۇشۇنچىلىك تۇرۇپ ،ماڭا مۇشۇنداق قىلىۋاتامسەن، كىم سېنى مېنىڭ قىزىم دەيدۇ، مېنىڭ قىزىم كىچىكىدە يۈتۈپ كەتكەن ،ساقچىلار ئەكەپ قويسا بوپتۇ دەپ ،دەرۋازىنى ئېچىپ ،ئۆيگە كەرگۈزۈپ قويسامزە ،تېخى ئۆزەڭنى مېنىڭ قىزىم دەپ قاپسەندە .
شۇ قەدەر ئارلاشقۇم، ئادىلاخۇننى بىر مۇشىت سېلىپ ،ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ، ئادالەتنى ياقىلىغۇم بار ئېدىيۇ ،ئەمما ،مېھرىنسانى بۇنىڭغا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن، ئورنۇمدىن قىمىز قىمماي تۇرۇۋەردىم .
دادىسى ،بۇ سىلىنىڭ نېمە قىلغانلىرى، ئۆزلىرىنىڭ پۇشتىدىن مۇشۇنداق تانسىللىرى بولامدۇ ؟مېھرىنسا يۈتۈپ كەتكەن چېغىدا ،13ياشقا كىرىپ بولغان تۇرسا ،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دادىسىنى ،ئۆزىنىڭ ئۆيىنى خاتا تونۇپ قېلىشى مۇمكىنمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن دىگەن بىر ئانا ،مېھرىنسانى ئۆز قولۇم بېلە پوق سۈيدىكىنى ئېرىقداپ  بېقىپ چوڭ قىلغان ،مېنىڭ كۆزۈملا ئەمەس ، يۈرۈكۈم تونۇيدۇ ،ئۇ مېنىڭ قىزىم -مېھرىنسانىڭ ناپىسى چىدىمىدى بولغاي، شۇنداق دەپ ئارىغا كىردى .
ھېي زاتى پەس كۇرۇك مېكيان ،ساڭا كىم گەپ قىل دىدى ،سېنىڭ قىزىڭ بولسا ،قىزىڭنى ئېلىپ كۆزۈمدىن يوقۇلۇشمامسەن ،ساڭا دەپ قوياي مېھرىنسا بۈگۈن مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايدىغان بولساڭ، مېنىڭ سەندەك قىزىم يوق، ماۋۇ بىكارغا يەپ ياتىدىغان كۇرۇك مېكيان بېلەن كۆزۈمدىن يوقالساڭ بولىدۇ، ئەگەر داۋاملىق مېنىڭ قىزىم بولۇشنى ئويلىساڭ، بېرىپ ناۋۇ يالاڭتۆش بېلەن ئاجرىشىپ ،داۋۇتباي بېلەن توي قىلىسەن، مەن ئاللىقاچان پۈتۈشۈپ بولدۇم، مۇشۇ ۋاقتىڭدە ،سەندەك بىز بۇزۇقنى ئاغىنى ئاجاق بوسىمۇ ئەر چىققىنغا خوش بوساق بولىدۇ ،بىلدىڭما ؟-
ھېي ئادەم سۈرەتلىك مەلئۇن، قىزىڭنى سېتىشتىن نۇمۇس قىممىدىڭمۇ، ھايۋان جېنىدا پەرزەنتلىرىنى ياتلاردىن قوغداپ باقىدۇ، سەن زادى نېمە ،ئۆزەڭنىڭ قىزىڭنى مالغا ئوخشاش سېتىپ ئويناشتىن نۇمۇس قىمامسەن -ئەمدى ئۆزەمنى باساممىدىم ،بېرىپلا ،ئادىلاخۇننىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ ،بىر مۇشىت سالدىم، ئادىلاخۇن بىر تەرەپكە يىقىلدى -ئەگەر بالام بېلەن ئانامنى  دېمىگەن بولسام، ئەڭ ئاۋۋال سەندەك مەلئۇننى كۆزدىن يوقۇتۇپ ،ئاندىن ئۆزۈم بېرىپ قانۇننىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلغان بولاتتىم ،بىلدىڭما –
ھېي سولتەك، بۇ مېنىڭ ئائىلەم، مېنىڭ ئائىلەمگە ئارلىشىدىغانغا سېنىڭ نېمە ھوقۇقۇڭ بار ،نېمەڭگە ماڭا بۇنداق چوڭچىلىق قىلىپ بېرىسەن خەپ سېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتمەيدىغان بولسام -ئادىلاخۇن ،ياتقان يېرىنىڭ يېنىدىكى  كەتمەننىڭ سېپىنى ئېلىپلا ،ئورنىدىن تۇرۇپ ،مېنى ئۇرۇش ئۈچۈن، قالايمىقان شىلتىدى .
ۋۇ ھايۋان، سەن -شۇنداق دەپلا ،كالتەكنى چاققانلىق بېلەن تۇتۇۋالدىم -سەن ھايۋانغا بۈگۈن بىر دەرىس بېرىپ قويمىسام -سۆزۈمنى تۈگىتىپ كالتەكنى قولۇمغا ئېلىپ،ئادىلاخۇننى ، بىر ئېغىز گەپ قىلىپ ،بىر كالتەك ساۋاشقا باشلىدىم .
خوتۇننى خوتۇندەك كۆرمىگنىڭگە يەيسەن بۈگۈن .
ۋايجان –
قىزىڭغا دادا بولاممىغنىڭ ئۈچۈن يەيسەن بۈگۈن .
ۋايجان-
ئادەمدەك ياشىيالمىغىنىڭ ئۈچۈن يەيسەن بۈگۈن –
ۋايجان .
ئاجىزلارغا باشپاناھ بولاممىغنىڭ ئۈچۈن يەيسەن بۈگۈن –
ۋايجان –
قىز -ئاياللارنى بۇلغىغانلىقىڭ  ئۈچۈن يەيسەن بۈگۈن –
ۋايجان –
قىزىڭنى ،نەۋرەڭنى پۇلغا ساتقانلىقىڭ ئۈچۈن يەيسەن بۈگۈن –
ۋايجان –
شۇ تەرىقىدە ،بەش -ئالتە كالتەك سېلىۋېدىم، ئادىلاخۇن  بولاممايلا قالدى .
ۋاي ئۇكام بولدى قىسىلا ،بۇنداق ئۇرۇۋەسىللىرى ئۇ ئۆلۈپ قالىدۇ، ئەسكى بوسىمۇ، مېھرىنسا ئىككىيلەنگە يەنە ئۇ تۇرۇپ بەمىسە بوممايدۇ -مېھرىنسانىڭ ئاپىسىنىڭ  يۈگۈرەپ كېلىپ ئارىغا كىرىشى بېلەن ،مەنمۇ نۇرۇشتىن توختىتدۇم .
ۋاي مەن بولاممىدىم، ھەممە يېرىم ئاغرىپ كەتتى ،مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ،مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش-توۋا دەيمەن، تېنىنىڭ ئاغرىغنىنى تۇيۇيدىكەنيۇ، يۈرىكىنىڭ ئاغرىغنىنى تۇيىمايدىكەن، بۇ زادى قانداق ئىنسان بولدى ئەمدى ،يا ۋەتەن بۇرچىنى ،يا ئەلنىڭ بۇرچىنى ،يا ئائىلە بۇرچىنى ياكى ئەرلىك ،ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلاممايدىغان بۇنداق ئادەمگە زادى نېمە دىگۈلغك -ئۆز-ئۆزۈمگە شۇگەپلەرنى دىگەندىن كېيىن ،مېھرىنسا بېلەن ئاپىسىغا ياردەملىشىپ ،ھېلىقى گۆش تاغرىنى يۈدۈپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدىم .
مەن سېنى سولتىۋېتىمەن ،سەن مېنى بەك قاتتىق ئۇرىۋەتتىڭ، چوقۇم سولتىۋېتىمەن -ئادىلاخۇن يولدا ماڭغۇچە ھەسىرەپ، ھۆمۈدەپ شۇ گەپلەرنى قىلدى .
سەن مېنى سولتىۋېتەمسەن، مەن سېنىمۇ، قىزىڭنى ،نەۋرەڭنى ساتقان سەندەك ئادەمنى يۈز يىل كېسىۋەتسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ، ئەسلى تۈرنىدە يېتىشقا تىگىشلىك ئادەم سەن بىلىۋال ،بۇرۇن ئەرز قىلاي دەپ ئويلىغانتىم ،لېكىن ئاتام يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتىسى بارلارنى ئاتىسىدىن ئايرىۋەتمەي دەپتىكەنمەن، ئەمدى سەندەك مەلئۇنغا ئىچ ئاغرىتىشىمنىڭ ھاجىتى قاممىدى .
ئۇنداق قىمماڭ ئوغلۇم، ھەرگىز ئەرز قىمماڭ، ئۇنى ئەرز قىلسىڭىز بىر ئۆمۈر تۈرمىدىن چىقاممايدۇ، بىز قانداق قىلىمىز ،ئەسكى بوسىمۇ بېرى ياخشى -مېھرىنسانىڭ ناپىسى يەنا يالۋۇرۇشقا باشلىدى .
ئادىلاخۇن دىگەن بۇ ئادەم راستىنلا ئۇششۇق ئادەم ئىكەن، دوختۇرنىڭ ساقكەنسىز گۆشىڭىز ئازراق زەخملنىپتۇ، دېيىشلىرىگىمۇ ئۇنماستىن ،مەن ياتاقتا يېتىپ داۋالانمىسام بوممايدۇ دەپ ۋايجانلاپ يۈرۈپ، ماڭا يەنە نەچچە مىڭ يۈەن زىياننى سېلىپ ،ساق بىر ھەپتە دوختۇرخانىدا ياتقاندىن كېيىن ،ئاندىن قايتىپ چىقتى.
ئۆزىنىڭ خۈدكى بولغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر ،مېنىڭ ئۇرغانلىقىمنىمۇ ھېچنىنە دىمەيلا ئىچىگە يۈتۈپ ،ئۆزىلا بىلىپ قالدى .
ئەمدىكى گەپ ،پۈتۈنلەي مېھرىنسادىن قانداق ئاجرىشىشقا باغلىق بولۇپ قالغان ئېدى ،ئۇنى بىللە ئېلىپ بېرىپ ،ئاجراشقاندىن كېيىن يولغا سەپ قويمىسام، ئۇنىڭ مېنىڭ كەينىمدىن كېلىپ ،مەن بېلەن ئاجرىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئېدى .
تۇنسا ،قىزىڭنى چوقۇم قايتۇرۇپ كەل ،ئەگەر ئۇنى قايتۇرۇپ كېلەممەيدىغان بولساڭ، كۆرىدىغىنىڭ بار -ئادىلاخۇن ،بىزنىڭ يۇرتقا قاراپ ماڭار چېغىمىزدا ،مېھرىنسانىڭ ئاپىسىنى بىزگە بىللە قوشۇپ قويۇپ،ئۇنىڭغا قايتا-قايتا شۇنداق دەپ جىكىلىدى .
ئەركەك سۈرەتلىك، يېشى ئاللىقاچان خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ، تېخىچە قىزىدىن پايدىلىنىپ ،پۇل تېپىشقا ئۇرىنىۋاتقان بۇ مەلئۇن دادىغا زادى نېمە دەپ باھا بېرىشنى بىلەلمىدىم، ئەمما نېمىشقىكىن ،مېھرىنساغا پەقەتلا ئىچ ئاغرىتالمىدىم ،بەلكىم ،ئۇنىڭ ماڭا قىلغان باغرى تاشلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ ،مەندىن يوشۇرۇپ كەلگەن ئەپتى بەشرىسى ،ماڭا شۇنداق باغرى تاشلىقنى ئۈگەتكەن بولسا كېرەك .
مېنىڭ ئاجراشقۇم يوق، مەن رازى ئەمەس ،بىزنىڭ مېيىپ بالىمىز بار ،مەن ئۇنى باقمىسام بوممايدۇ، مەن قەتئىي ئاجراشمايمەن -يولدا كەلگۈچە بىر چىرايلىق ئاجرىشىقا قوشۇلۇپ كەلگەن مېھرىنسا ،ئاجراشتۇرىدىغان ئورۇندىكى مەسئۇل خادىم ،ئىككى ئېغىز گەپ سورا سورىماي تۇرۇپلا ،شۇنداق دەپلا ،ھەممە ئىشنى بۇزدى .
بىز سىلەرنى ئاجراشتۇرالمايمىز ئەپەندىم ،بالاڭلار مېيىپكەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسىنىڭ بالىنى ئۆزىنىڭ باققۇسى باركەن ،بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاجراشتۇرساق قەتئىي بوممايدۇ ،مېيىپ بالىلار پەقەت ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورتاق تەربىيەسىدىلا ،مۇكەممەل ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ، مېيىپلارنى قوغداش قانۇنى ،سىلەرنىڭ ئاجرىشىشىڭلارغا يول قويالمايدۇ ئەپەندىم .-
مېنى ئاجرىشالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭما مېھرىنسا ،مەن سوتقا ئەرز قىلىمەن، تاكى سەندىن ئاجراشقانغا قەدەر بۇ نېيتىدىمدىن ھەرگىز يانمايمەن، مېنى بوش چاغلاپ قاپسەن -شۇ گەپلارنى ئاڭلاپ يېنىپ چىققاندىن كېيىن ،مېھرىنساغا  قاراپ شۇنداق دېدىم .
قانداق بولدى ئاجرىشىپ بولدۇڭلارمۇ؟-بىز بېلەن ئاجراشتۇرۇشقا بىللە كەلگەن ،ئانام بېلەن ،مېھرىنسانىڭ ئانىسى ،سىرىتقا چىقشىمىزغا شۇنداق دەپ سورىدى .
مەندىن سورىماي ،ئۇنىڭدىن سوراڭلار -مەن مېھرىنسانى كۆرسىتىپ شۇنداق دېدىم.
مەن ئاجراشمايمەن ئاپا، بالامنى ئۆزۈم باقاي ماقۇل دېسىلە ،مەن خاتا قىپتىمەن، مەن پۇشايمان قىلدىم، بىر ئۆمۈر سىزنىڭ ھەم ئەنۋەرنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالاي، ئوغلۇمغا ئۆزۈم قاراي، ئەنۋەرگە گەپ قىلسىڭىزچۇ ،ئۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ، مەن ھېچچىشنى قەستەن قىلمىدىم جېنىم ئاپا ،ئەنۋەر ھەممىنى بىلىدۇ،مەن ھەممە ئىشنى دادامنىڭ مەجبۇرى بىلەن قىلغان، مەن ئەنۋەردىن ئاجرىشىپ يۇرتۇمغا قايسام ،دادام يەنە مېنى سېتىۋېتىدۇ -مېنىڭ سۆزۈم تۈگىمەي تۇرۇپلا ،مېھرىنسا ،ئانامنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ ،ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى .
بۇلار راستمۇ ؟-ئانام ماڭا قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى .
ئانا ،ئۇنىڭغا ئىشەنمە ،ئۇ تۈزىلىدىغان ئايال ،ئەمەس ،ئۇ مەڭگۈ پۇشايمان قىلىشنى بىلمەيدۇ –
بولدى ،ئاۋۋال بىزنىڭ ئۆيگە قايتىپ ،ئاپىڭىز بىلەن بىر كېچە ئوبدان ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ،قىزىم، مەن ئەنۋەر بېلەن سۆزلىشىپ باقاي -ئانام بىچارە ساددا خوتۇن ،مېھرىنسانىڭ ھېلىە مىكرىگە ئالدىنىپ ،مېنىڭ قاتتىق توسۇشلىرىمغىمۇ قارىماستىن ،ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۇنمىغنىغا قارىماستىن  مېھرىنسا ئىككىسىنى ، بىزنىڭ ئۆيگە  ئېلىپ كەلدى .
مېھرىنسا يېڭى ئۆيگە كىرىپ ھەيران قالغان بولسىمۇ ،ئەمما ئارتۇق گەپ قىلمىدى .
جېنىم ئوغلۇم، مەن مېھرىنسا بېلەن پاراڭلاشتىم ،ئۇ ساڭا يۈز كېلەممىگۈدەك بىرە ئىش قىمماپتۇ ،ئەكسىنچە نۇرغۇن جاپا ،مۇشەققەتلەرنى چېكىپتۇ ،ئەگەر ئۇنى مۇشۇنداقلا كەتكۈزىۋەتسەك ،بىزنىڭ مېھرىنسانىڭ دادىسىدىن پەرقىمىز قالامدۇ ،مەن سېنىڭ ئاناڭ، مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگىن ،ئازمايدىغان ئىنسان يوق ،ئوغلۇڭنىڭ ئەھۋالى مانا بۇ ،نېمىلا دىگەن بېلەن ، بالا دىگەننىڭ ئۆزىنىڭ ئانىسى باققانغا يېتەمدۇ دەمسەن ،ئوغلۇڭنى ئويلاپ بولسىمۇ ،مېنىڭ سۆزلىرىمگە بىر ماقۇل دەپ قويغىن -ئانام مېھرىنسا بېلەن بىردەم مۇڭدىشىپ چىقىپلا ،ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ قالدى بولغاي، مېنىڭ يېنىمغا كىرىپ ،شۇگەپلەرنى دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى .
ئانا ،سەن مېنى چۈشەنمەيسەن ،چۈنكى سەن مەن ئەمەس ،ماڭا يۈز كېلەممەيدىغان ئىش قىممىدىم دىسىلا ،يۈز كېلەممەيدىغان ئىش قىممىغان بولامدۇ، بوپتۇ، بۇندىن بۇرۇنقىسىنىغۇ، كەچۈرىۋېتەرمەن، ئەمما ،مەن بېلەن ئاجراشماي، تۇرۇپ ،ھېلىقى ئەر بېلەن قېچىپ كەتكىنى قانداق كەچۈرىۋېتىمەن ،دەپ باققىنە ،قانداق ئەركىشى ئاشقان تاماققا ئېغىز تىگىشنى خالايدۇ، مەن مېھرىنسانىڭ نەپتى بەشرىسىنى بىلگەندىن كېيىن ،شۇنداق ئازابلاندىم جېنىم ئاپا، مەن بىر ئادەمدىن ئەمەس ،نەچچە ئادەمنىڭ نەپسىدىن ئاشقان ،بۇلغانغان بىر تاماققا ئېغىز تىگىپ كەپتىمەن، ئەگەر سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بېلەن يارىشىدىغان بولسام، ئويلاپ باقە جېنىم ئانا ،تالايلىغان ئەركەكلەرگە ئەرمەك بولغان ئاشۇ بۇزۇق ئايال بېلەن ،بىر ياستۇققا باش قويۇشنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن، ئۆلۈم بېلەن باراۋەر ئەمەسمۇ؟ئەگەر مېھرىنسانىڭ ئازراق بولسىمۇ ،غورۇرى بولغان بولسا بولغان بولسا ،ئاللىقاچان ،ئۆلۈۋرلىپلا، بۇ نومۇسسىز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولاتتى  ،ئەمدى مېنى قىستىما جېنىم ئانا ،مېنى سەن ئوغۇلبالا ،ئەركاك دەپ ،تۇغۇپتىكەنسەن، مەن سەن تۇغقانغا لايىق ياشاپ باقاي –
سۆزلىرىم تۈگىگەندىن كېيىن ،ئانام ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى .دېمىسىمۇ، مېنىڭ ئەمدى، مېھرىنسا بىلەن، بىر ئۆيدە ياشاپ، بىر ياستۇققد باش قويۇپ ئۇخلاشنى قانداقمۇ غورۇرۇم كۆتۈرسۇن .نېمىلا دىگەن بېلەن ،مەنمۇ بىر غورۇرى بار ئەركەكقۇ ؟
مېھرىنسا ،جېنىم قىزىم ،بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز ،كۆزىڭىزنى ئاچسڭىزچۇ جېنىم قىزىم ،نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ -ئانام چىقىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ،ھويلىدىن يىغا-زارە ئاۋازى ئاڭلاندى ،بۇ مېھرىنسانىڭ ئاپىسىنىڭ ئاۋازى ئېدى .
تۇرە ئورنۇڭدىن ،مېھرىنسا قان ئىچىدە ياتىدۇ، ئۇ بايا دىيىشكەن گەپلەرنىڭ ھەممىسنى ئاڭلىغان ئوخشايدۇ، ئەمدى قانداق قىلىمىز !-ئۇزاق ئۆتمەيلا ،ئاناممۇ ،ھەسىرەپ -ھۆمىدىگىنىچە كىرىپ كەلدى .


赞(0) 打赏
版权说明:文章来自网友分享,仅供读者参考,并请自行核实相关内容微信资源搜索 » ئايالىمنىڭ ئەپتى بەشرىسى11-قىسىم

评论 抢沙发

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址

觉得文章有用就打赏一下文章作者

支付宝扫一扫打赏

微信扫一扫打赏