有价值的文章
才值得我们收藏

ئايالىمنىڭ ئەپتى-بەشرىسى13

ئەپتى-بەشرىس13

سالونىمىزنىڭ ئىلتىماسى-قەدىرلىك ئوقۇرمەن ۋە ئاڭلىغۇچى دوسىتلار سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارسىز سالونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىدىن ئېغىز ئاچقىنى بوممايدۇ،سالونىمىزنىڭ بۈگۈنى دەل سىلەرنىڭ قوللىشىڭلاردۇر،ئەمما يېقىندىن بۇيان قوللاش بەكلا تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ،مەيلى تېما تارقىلىشى ۋە ئاستىدىكى سۈرۈتلىك ئېلان چېكىش قاتارلىقلار بولسۇن، بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ،بىز سۈرۈشتۈردۇق، ئادەتتىكى بىر مەينەت نەرسە يوللايدىغان سالونلاردىمۇ ،3-،5،پىرسەنتكىچە ئادەم تېمىلارنى ھەمبەھىرلەپ تارقىتىدىكەن ۋە ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىدىكەن،ئەگەر بىزنىڭ سالون داۋاملىق مۇشۇنداق قوللاش تۆۋەن بولۇۋەرسە سىلەرنىڭچە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەر،سەمىمىي ئۆتۈنۈشىمىز قەدىردانلار، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنىڭ رۇياپقا چىقىشى ئۈچۈن، ئەدىپلەرنى قوللاپ قويۇڭلار،تېمىلارنى چەمبىرەك ۋە توپلاردا يوللاپ، ئەڭ ئاستىندىكى ئېلاننى چىكىپ قويساڭلار

ئالدىنقى قىسىملارنى بۇيەردىن ئاڭلاڭ، قايسى قىسىمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز شۇ قىسىمنى بېسىڭ

بىرىنچى قىسىم

ئىككىنچى قىسدىم

تۆتىنچى قىسىم

تۆتىنچى قىسىم

بەشىنچى قىسىم

ئالتىنچى قىسىم

يەتتىنچى قىسىم

سەككىزىنچى قىسىم

توققۇزىنچى قىسىم

ئونىنچى قىسىم

ئون بىرىنچى قىسىم

تارتۇقلاڭ

ھە ،بۇ يەردىما ،بۇيەردە ھېچچىش بوممىدى، ئۆزىمىزنىڭ ئائىلە ئىشىمىز ،خوتۇن ،ئەمىسە مەن قايتقاچ تۇراي، كۆڭلۈڭ خالىغاندا ،كەينىمدىن بارارسەن ،ئەمىسە مەن قايتاي -ئادىلاخۇن سەت ھېجايغىنىچە شۇنداق دەپ، تېز-تېز قەدەملەر بېلەن كېتىپ قالدى .
تۆۋە دەيمەن ،مۇشۇمۇ بىر دادا بولدىمۇ ئەمدى، قىزىغا قىلغانلىرى ئاز كەلگەندەك ،قىزى سەكراتتا ياتسىمۇ ،ئۇنى بىر قېتىم كۆرۈپ قويۇشقا يارىماي ،ئامانلىق ساقلىغۇچىلاردىن قورقۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇقەدەر يۈرىكى يوق ئادەم ،يەنە نېمىشقا يامان ئىشلاردىن قولىنى تارتمايدۇ ؟
ئەنۋەر دىگەن قايسىڭلار -دوختۇرنىڭ تويۇقسىز چاقىرىشى بېلەن خېياللىرىم بۆلۈندى .
ھە ،ئەنۋەر دىگەن مەن شۇ-ھەيرانلىق ئىلكىدە ،شۇنداق دەپ جاۋاب بەردىم .
بېمار توختىماي سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى چاقىرىپ جۆيلىۋاتىدۇ، بولسا كىرىپ ،بىمارغا ئاز -تولا تەسەللىيلىك گەپلەرنى قىلىپ بەرسىڭىز ،بەلكىم ئۇ ھوشىغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن ،ئۇ تېخىچە خەتەردىن ئۆتۈپ كەتكىنى يوق ،ھوشىغا كەلسە ،ئەھۋالى ئاندىن تۇراقلاشقان بولاتتى –
دوختۇرنىڭ سۆزلىرىگە نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەي داڭ قاتقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم ،مەن قانداقسىگە مېھرىنساغا تەسەللىيلىك گەپ سۆزلەرنى قىلالايمەن، ئەگەر كېسەل كارۋىتىدا ياتقىنى مېھرىنسا ئەمەس ،ناتۇنۇش بىرى بولغان بولسا ،مەندىن شۇ ئېھتىياجنى تەلەپ قىلسا ،شەرتسىزلا ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ،ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولاتتىم، بىراق ھازىر ،مېنىڭ تەسەللىيرىمنى كۈتىۋاتقىنى مېھرىنسا ،ئۇنىڭغا قانداق قىلىپ، تەسەللىيلىك گەپ سۆزلەرنى ئېيتالىشىم مۇمكىن .
ئوغلۇم ،باغىن ،كىرىپ ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ -سۆزلەرنى قىپ بەرگىن  ئۇنى كەچۈرگەنلىكىڭنى ئېيتقىن ،ئىككىڭلار دەسلەپ قاچقاندىكى ئەسلىملەرنى ئېيتقىن ،مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ،شېرىن دەقىقىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن ،بۇ جان قۇتقۇزىدىغان ئىش ،سەل قاراشقا بولمايدۇ -ۋاراڭ-چۇرۇڭلاردىن  سىرىتقا چىققان بولسا كېرەك، قاچان چىققانلىقىغىمۇ دىققەت قىمماپتىمەن،ئۇ شۇنداق دەپ ،مېنى مېھرىنسانىڭ يېنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلدى .
بوينۇمغا تاش ئېسىپ قويغاندەكلا ئېغىر قەدەملەر بېلەن مېھرىنسا ياتقان جىددىي كۆزۈتۈش ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم .
ئەنۋەر ،مېنى كەچۈرۈڭ، مەن خاتا قىپتىمەن -مېھرىنسا ئۈزۈپ،ئۈزۈپ ،بوشقىنە شىۋىرلاپ قوياتتى -مەن سىزنى سۆيۈمەن، مەن راس خاتا قىپتىمەن ،مەن سىز بولمىسىڭىز ياشىيالمايمەن، ئەنۋەر ،ئەنۋەر ،مېنى تاشلاپ كەتمەڭ-ئۇنىڭ ئاۋازى بەزىدە شۇنچىلىك بوش ،بەزىدە كۈچىيىپ كېتەتتى .
مېھرىنسا ،ئۆزىڭىزگىمۇ ،ماڭىمۇ قىلدىڭىز ؟بىلەمسىز ،مەن ئەسلى بىر دەرتمەن يۈرەك ئېدىم ،ئاشۇ دەرتلەرگە چىدىماي، سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا قېچىپ چىققان بىر سەرسان ئاشىق ئېدىم-ئۆزۈممۇ بىلمەيلا ،مېھرىنسانىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ،ئولتۇرۇپ، ئېغىر قىلىپ سۆز باشلاپ، ئايتىللا بېلەن بوغان بارلىق سەرگۈزەشتىللىرىمنىڭ بىرىنىمۇ قويماي مېھرىنساغا سۆزلەپ بەردىم -مانا بۇ مەن مېھرىنسا ،مانا بۇ ئەنۋەر ،مەن دەل مۇشۇنداق دەرتمەن بىر يۈرەك بوغانلىقىم ئۈچۈن، سىزنىڭ دەرتمەن كۆزلىرىڭىزگە ئاشىق بولغان، ئاشۇ دەرتمەن كۆزلەرنى  كۈلدۈرۈشنى، بەخىتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمۈد قىلغان ،گەرچە سىزنى چۈشەنمىسەممۇ، ياخشى كۆرمىسەممۇ، ياخشى كۆرۈشكە ،چۈشۈنۈشكە تىرىشقان ،شۇڭا سىز قېچىپ كېتەيلى دەپ قولۇمنى تۇتقان ۋاقتىڭىزدا قىلچىلىك ئىككىلەنمەيلا ،قولىڭىزدىن تارتىپ ماڭغان ،بىراق سىز ئەنۋەرنىڭ يۈرىكىگە مەڭگۈ ساقايمايدىغان جاراھەتنى سوۋغا ئەتتىڭىز ،ئەمدى ئەنۋەر ھېچكىكگە ئىشەنمەيدۇ، ھېچكىم بېلەن بەخىتلىك بولاممايدۇ ،ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى جاراھەت مەڭگۈ ساقايمايدۇ ،ئۇ بۇ ھاياتىدا بەخىتتىن مەڭگۈ بەھرىمان بولاممايدۇ -سۆزلىرىمنىڭ ئاخىرىنى دەۋاتقان چاغلىرىمدا ئىختيارسىز يىغلاپ تاشلىدىم .
بولدى يىغلىماڭ ئەنۋەر ،ھەممىسىگە مەن سەۋەبچى ،ھەممىسىنى مەن كەلتۈرۈپ چىقارغان -تۇيۇقسىز كۆزلىرىمدىكى ياشلارنى سۈرتىۋاتقان بىر قولنىڭ يۈزۈمگە يىنىك تىگشىدىن چۆچۈپ كەتتىم ،مېھرىنسا  ياشىا تولغان كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە ،ماڭا قاراپ ياتاتتى .
سىز ،سىز مېنى ئەخمەق قىپسىز ،يەنە ساختا ھوشىسىز بولۇپ يېتىۋېلىپ مېنى ئەخمەق قىپسىز ،شۇنداقمۇ؟-قاتتىق ۋاقىراپ،ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم-مەن سىزگە دوختۇرنى چاقىرىپ بېرەي ،دوختۇر – .
ياق،دوختۇرنى چاقىرماڭ ئەنۋەر، مەن سىزنى ئالدىمىدىم ،مېنى سىز ھوشۇمغا كەلتۈردىڭىز ،چۈشۈمدە مەن ئاڭلىغان ،سىز ئېيتىپ بەرگەن ئۇزۇن ھېكايە مېنى ھوشۇمغا كەلتۈردى -مېھرىنسانىڭ جانسىز تۇرقىدىن ،ئۇ ھېچبىر مېنى نالدىغاندەك قىلمايتتى .
ئولتۇرۇڭ ئەنۋەر ،مەن بايا سىزنىڭ ھېكايىڭىزنى ئاڭلىدىم، ئەمدى سىز ،كۆزىڭىزگە قادالغان مىخ ،ھاياتىڭىزغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ، بەخىت يولىڭىزنى توسۇش ئۈچۈن ئۈنۈپ قالغان ،مەندەك بىر شۇم بۇيىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ بېقىڭ ،بۇ بىر ئارنۇمۇسلۇق ھېكايە ،ھەم ئېنتايىن شەرەپسىز ھېكايە ،ھېكايەمنى ئېيتىۋالغاندىن كېيىن ،ئۆلسەممۇ رازىمەن –
نېمە دەيمەن ،ئاڭلاشنى خالىمساممۇ ،كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان بىر بېمارنىڭ تەلۋىنى يەردە قويسام بولمايدۇ-دە .
شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن ،قايتىدىن ئورنۇمنى تېپىپ نولتۇردۇم .
بۇ بەك ئۇزاق ھېكايە ئەنۋەر -مېھرىنسا ئېغىر كىچىك تىنغىنىچە ،شۇنچىلىك يىنىك ھەم پەس ئاۋازدا سۆز باشلىدى -ئەقلىمگە كەلسەم،دادام قىمارۋاز ،ئويۇنچى ئادەم بولۇپ ،ئۆي بېلەن كارى يوق، قىمار ئويناپ ،ئىچىپ  چېكىپ يۈرەتتى  ،يېنىمدا ئۆگەي ئاپام ماڭا ھەمراھ ئېدى  ،ئۇ يۇۋاش، ،نېمە دېسەم شۇنى قىپ بېرىدىغان ،مۇلايىم ئايال ئېدى ،ئۇ مېنى باشقا ئانىلاردەك باشقۇرۇپ تۇرمىغاچقىمۇ ،ياكى  دادامنىڭ كارى بوممىغاچقىمۇ نەيتاۋۇر ،كىچىكىمدىن شوخ،ئەركە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئېدىم،دادامنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، مەھەللىمىزدىكى  بالىلارنىبۋە ساۋاقداشلىرىمنى ،ئاتا-ئانىلىرى ،مەن بېلەن ئارلىشپ ،ئۆتۈشتىن قاتتىق توساتتى.
ھەممىدىن بەك قاباھەتلىك كۈنلىرىم ،مەن 13ياشقا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ كۈنلەردىن باغلاندى ،نەچچە كۈندىن كېيىنلا مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم بولاتتى،مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەم قوياتتىم.
قىزىم ،دادىڭىز سىزنى ئوينىتىپ كەلمەكچىكەن ،مېنى بېرىپ ئەكەل دىگەن ئېدى -بىركۈنى مەكتەپتىن يالغۇز  قايتىدىغان چېغىمدا ،مەن داۋاملىق ئۆيىمىزدە كۆرىدىغان بىر ئاكاش،شۇنداق دەپ ،ئالدىمنى توسىدى ،ئۇ ئاكاشنى بۇرۇن كۆپ كۆرگەنلىكىم سەۋەبلىك كۆپ ئويلانمايلا ،دادامنىڭ تۇنجى قېتىم ،مەن ئۈچۈن ئىنسابقا كېلىپ، ماڭا ئاتىلىق مېھرىنى يەتكۈزمەكچى بولغانلىقىدىن شادلىنىپ ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم .
تاغا مېنى نەگە نېلىپ بارىسى بۇ قەيەر ،مەن ھېچ بىلەممىدىمغۇ-ئۇ ئادەم مېنى ،مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئەگرى -بۈگرى بىر يوللارغا باشلاپ كىرگەندىن كېيىن ،بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.ئۆزەمگە پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بىر جاينى كۆرۈپ، قورققىنىمدىن،شۇنداق دەپ قېچىپ كەتمەكچى بولدۇم.
نەگە قاچاتتىڭ ،داداڭ ماڭا بىرمۇنچە قىمار قەرزى بولۇپ قېلىپ ،سېنى شۇ پۇللارغا ھېسابلاپ بەردى ،ئەڭ ياخشىسى ،ماڭا قارشىلىق قىمما ،بوممىسا جېنىڭدىن جۇدا بولىسەن -ھېلىقى ئادەم ،شۇنداق دەپ، مېنى قورقۇتىۋەتكەندىن كېيىن ،ھېلىقى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، يەر ئاستىغا ئىچكىرىلەپ سېلىنغان بىر قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويۇپ ،ئىشىك دەرىزىلەرنى مەھكەم ئېتىۋەتتى .ئۇ ۋاقىتلاردا تېلىفون يوق بولسا كېرەك ،ھېلىقى ئادەم كېتىدىغان چېغىدا ماڭا ،-داداڭ ماڭا 20مىڭ يۈەن قەرز بوپ قاغان ،ھازىر بېرىپ ئۇنى ئىزدەيمەن، ئەگەر ئۇ 20مىڭ يۈەن پۇلنى تاپالىسا سېنى قويۇپ بېرىمەن ئۆيۈڭگە قايتىسەن ،ھېچكىكگە ھېچنىمە دىمەيسەن ،ئەگەر ئۇ 20مىڭ يۈەننى بەرمىسە مەندىمۇ باشقا ئامال يوق، سېنى 20مىڭ يۈەنگە سېتىۋېتىمەن -دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .
دادام ئۇنىڭغا 20مىڭ يۈەن پۇلنى بېرىمەن دەپ ،كەينىگە سوزىدىمۇ، ياكى ،مېنى ئالىدىغانغا ئادەم چىقمىدىمۇ،مەن ئاشۇ قاراڭغۇ ئۆيدە ساق 20كۈندەك يېتىپ كەتتىم،بۇ جەرياندا  ،ھېلىقى ئادەم، خۇددى ئىتقا نان تاشلاپ بەرگەندەك ،ھەركۈنى ماڭا بىر تالدىن نان تاشلاپ بەردى .ئورۇقلاپ ،بىر تېرە ،بىر نۇستىخان بولۇپ قالدىم، ئەمما ،دادامنىڭ ھېلىقى پۇلنى جۇغلاپ ،مېنى ئېلىپ كېتىشىنى تۆت كۆزۈم بېلەن كۈتتۈم،مېنىڭچە بولغاندا ،دادام، ئاشۇ پۇللارنى جۇغلاش ئۈچۈن ،مۇشۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن ئېدى، لېكىن ئۇ ھامان جۇغلاپ ،مېنى ئېلىپ كېتەتتى، چۈنكى نېمىلا دىگەن بېلەن، مەن  ئۇنىڭ دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر قىزىدە .
مەخمۇت ،قىزىمنى زادى نەگە يوشۇرۇپ قويدۇڭ، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئەلپازى بەك يامان تۇرىدۇ، بالامنى تاپالمىسام ،ساقچىلارغا مەلۇم قىلىمەن دەيدۇ، مىڭ جازادا قورقۇتۇپ يۈرۈپ ،ئاران توسىۋالدىم ،بوسا شۇ قىزنى ماڭا بەرگەن بولساڭ، سەن بىر پۇل كۆرمىگەن ئادەم بوممىغاندىكىن ،كېيىنچە مەن ساڭا تولۇقلاپ بېرىۋالسام ،يېشىغىمۇ يېتەي دەپ قالدى كۆردۈڭ، بوسا چوڭ ئوغلۇڭ، رەپقەتكە تويلۇقسىزلا ،كېلىن قىلىۋالساڭمۇ مەيلى -ئارىدىن 25كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ،دادام بۇ نۆيگە كېلىپ ،ھېلىقى ئادەم بېلەن سۆزلەشتى .
يەنە شۇ قۇرۇق گەپما ،قىزىڭنى مەن سېتىۋېتىپ بولدۇم ،ئەمدى بېشىڭنى تاشقا ئۇرساڭمۇ بىكا ،ئالە ماۋۇ مىڭ يۈەن پۇل سېنىڭ نېسىۋەڭ، ئايالىڭنىڭ ئاغزىنى قانداق قىلساڭ قىلىپ ،ئۆزۈڭ ئەت .ئەگەر ئۇ ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىدىغان بولسا ،سەنمۇ ،مەنمۇ ،ھەر ئىككىلىمىز ئامان قالمايمىز ،بىلدىڭما ؟-
ھە ،رەھمەت،رەھمەت ،سەن خاتىرجەم بول ،ئايالىمغا مەن با ،بوسا ،ئاشۇ قىزىمنى سېتىۋەتمىسەڭ بولاتتى ،ئۇ مېنىڭ بىر تال قىزىم ئېدى ،بوپتۇ، ئەمىسە ھېلىقى قىمار قەرزىممۇ ،مۇشۇ يەردە تۈگىدى، ئامماڭ بەرمەڭ بولدۇق، بودا ئوينىساق يېڭىباشتىن ئوينايمىز ھە -دادام ھېلىقى ئادەم بەرگەن مىڭ يۈەن پۇلنى نېلىپ كېتىپ قالدى.
دادا ،مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ، مەن تېخى مۇشۇ يەردە -دەپ ۋارقىرىغان جانسىز ئاۋازلىرىم ئۇنىڭ قۇلقىغا كىرىپمۇ چىقمىدى .
ھە داۋۇت لاۋبەن، بۇ قىزنىڭ رۇخسارى ئايدەك گۈزەل ،ئەمدى تېخى 13ياشقا كىردى ،بۇنى نەكىرىپ ساتىدىغان بولسىڭىز  سىزگە نۇرغۇن پايدا يەتكۈزەلەيدۇ ،ئەسلىدە ،ماجىڭلىغا تەڭلەي دىگەنتىم،ئەمما سىز بېلەن كۆڭۈل يېقىن بوغاندىكىن ،ئاۋال سىزگە تەڭلەپ باقاي دىدىم-مەخمۇت دىگەن ئادەم ،شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بىر پاينەكباش ئادەمنى باشلاپ كىرىپ،مېنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ ،شۇ گەپلەرنى قىلدى ،شۇ چاغدا ،مەن ئاران 13كە كىرگەن ئېدىم، شۇقەدەر قوقتۇم،بەدەنلىرىم جاقىلداپ تىترىگنىچە ،جانسىز قوللىرىم بىلەن ،مەخمۇتنىڭ ئايىغىغا يۈكۈنۈپ ،پۇتلىرىغا ئېسىلدىم ،
جېنىم ئاكا  مېنى سېتىۋەتمىگەن بولسىڭىز ،دادامدا پۇل بوممىسا ئانامدا با ،ئانامغا دېسىڭىز ئۇ چوقۇم بېرىدۇ، مېنى سېتىۋەتنىگەن بولسىڭىز ،مەن تېخى كىچىققۇ -قار يامغۇر يىغلىغنىمچە ئۇنىڭغا يالۋۇردۇم .
نېرى تۇر-ئۇ قاتتىق بىرنى تېپىۋەتتى ،نېمە بولغىنىمنى بىلمەي تۇرۇپلا ھوشۇمنى يوقاتتىم .
قىزىمىزنى داۋالاتقىنى ئېلىپ ماڭدۇق ،بۇيەردە ساقايمايدۇ دېدى ،شۇڭا ئىچكىرىدىن داۋاسى تېپلىپ قالا دەپ،شۇ ياق تەرەپكە ئېلىپ ماڭدۇق -كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا ،كۆز ئالدىمدا دېھقان سۈپەت ،بىر ئەر ،بىر ئايال تۇراتتى ،ھېلىقى پاينەكباش ئادەممۇ ،مەخمۇت دىگەن ئادەممۇ ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىپ بولغان ئېدى ،پويىزنىڭ  داقۇدۇق ،داقۇدۇق قىلىپ ماڭغان ئاۋازى چۈشۈمدىكىدەك قۇلقۇمغا كىرىپ تۇراتتى .
ئۆزۈمنىڭ راستىنلا مۇشۇ بىر جۈپ ئەر ئايالنىڭ پەرزەنتى بولۇپ قېلشىمنى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چۈش بولۇپ قېلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قېلاتتىم، بۇنىڭ ئۈچۈن،مەن راستىنلا ساقايماس كېسەل بولۇپ قالساممۇ رازى ئېدىم.
قىزىم ئويغاندىڭىزمۇ ،دورىڭىزنى ئىچىپ يېتىۋېلىڭ، ئورنىڭىزدىن تۇرسىڭىز خەتەرلىك-ئەمما ،زورىغا بېشىمنى كۆتۈرۈپ باقماقچى بولۇپ، شۇنداقلا باش كۆتۈرۈشۈمگە ،ئايال مېنى زورلاپ ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن ،بىر ئىستاكان چاينى بىر قوشۇق دورا بېلەن مەجبۇرىي ئىچكۈزىۋەتتى .بېشىمنىڭ شۇنداق ئېغىرلاشقىنىنى بىلىمەن ،يەنە ھوشۇمنى يوقاتتىم.
ئاكا بۇنى ئەكەلمەك ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىدى، بىر تېرە ،بىر ئۇستىخان بوغاندىكىن ،ساقايمسا كېسەل دېسە ،ئىشەبمەيدىغان ئادەم يوق ئىكەن ،ھەتتا پويىز خادىملىرنىڭىمۇ ،بىزگە ئىچى ئاغرىپ كەتتى .يولدا بىر قېتىم بېشىنى كۆتۈرىۋىدى، شۇنداقلا بىر دورا ئىچكۈزۈپ قويسام يەنا ئۇخلاپ قالدى -يەنە بىر قېتىم كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا ،يەنە بىر قاراڭغۇ ئۆيدە يېتىپتىمەن ،ھېلىقى دېھقان سۈپەت ئايال ئاللىقاچان ،مودا كىيىملەرنى ئالماشتۇرىۋالغان بولۇپ،يۈزلىرىنىڭ ھەممە يېرى تاتۇق بولۇپ كەتكەن بىر ئادەنگە توختىماي ۋالاقلاپ سۆزلەۋاتاتتى .
بۇ بىزگە ئەرزان توختىمىدى، بوپتۇ ،يىگۈزۈپ، ئيچكۈزۈپ ،بىر نەچچە كۈن باقساق ،ئادەم ئىسكەتىگە كەلسە خېلى چىرىيى بار نېمىدەك قىلىدۇ .كىچىك پۇل تاپىدىغانغا ئەمەس يوغان پۇل تاپىدىغانغا ئىشلىتەيلى،-ھېلىقى نادەم شۇنداق دەپ ،يانچۇقىدىن بىر باغلام كۆك رەڭلىك پۇلنى چىقرىپ ،ئۇلارغا ئۇزاتتى .
ئاكا ،ھازىر ،خەق باللىرىغا بەك ھېزى بولدىغان بوپ كېتىپتۇ،يوللارمۇ شۇنداق چىڭ ،بىز جېنىمىزنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ ،يول مېڭىۋاتىمىز ،يەنە ئازراق..-ئەر شۇنداق دەپ ،پۇلغا رازى بوممىغاندەك قاراپ قويدى .
ھېي ،بارغانچە قارنىڭ يوغىناپ كېتىۋاتىدۇيا سېنىڭ ،پۇلنى ئامماي پىچاق يىگۈڭ كېلۋاتامدۇيا سېنىڭ ،ئۇنتۇپ قامما ،سېنى مۇشۇ يولغا باشلاپ ،يول تېپىپ بەرگەن مەن جۇمۇ- تاتۇق ئەر شۇنداق دەپلا قولىغا يوغان بىر پىچاقنى ئېلىپ،ئۈستەلگە شۇنداقلا بىر سانچىۋىدى ،يۈرۈكۈم ئاغزىمغا كەپلىشىپ،ئوچۇق تۇرغان كۆزلىرىمنى زورىغا يۇمۇۋالدىم .ھېلىقى ئىككىسىمۇ ئارتۇق گەپ قىلىشماي ،خوپ ئاكا ،دېيىشكىنىچە چىقىپ كەتتى .
بولدى كۆزۈڭنى ئاچ،بايا كۆزۈڭنى ئاچقىنىڭنى كۆمىدى دەپ قالدىڭما-تارتۇق ئەر ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يېنىمغا كېلىپ،مېنى بىرنى تېپىپ قويدى .
جالاقلاپ تىترىگنىمچە ،كۆزلىرىمنى مەھكەم يۇمۇپ يېتىۋالدىم .
زىبا ،بۇياققا كىرىپ ،سىڭلىڭنى ئېلىپ چىقىپ كەت -تارتۇق ئەرنىڭ چاقىرىشى بېلەن ئوغۇلبالىچە ياسانغان بىرى كىرىپ ،مېنى يۈدۈپلا كۆتۈرۈپ ماڭدى .
ئۇنىڭغا ياخشى قارا ،باشقا ئىشى بار ،بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىمەن، ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرۇپ ،يۇيۇپ تاراپ،ئىسكەتىگە كەلتۈرۈپ بول -تارتۇق ئەر جىكىلەپ قويدى .
مېنى زادى قانداق ئىشقا سالىدىغاندۇ ،مەن تېخى ئەمدىلا 13ياشقا كىرگەن تۇرسام، مېنى يەنە قانداق باشقا ئىشقا سالىدىغاندۇ؟مەن تېخى بىر ئۆسمۈرغۇ، قورقۇنۇچتىن ۋۇجۇدۇم توختىناي تىترەيتتى .
ھېي بۇزۇق ،مېنىڭ ئىسمىم زىبا ،بۇيەردىكى گەپ ئاڭلىمايدىغان ھەرقاندىقىنى گەپ ئاڭلىتىشقا مەسئۇل، قارىغاندا ئاكامنىڭ ساڭا كۆزى چۈپتۇ ،ئۇ كۆزى چۈشكەننى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدۇ، شۇڭا ،چىرايلىق مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ ماڭا ماسلاش ،ئاكامنىڭ كۆزى چۈشكىنمۇ بىر ھېسابتا ياخشى ،ئۇنىڭ نەزىرىگە بىر مەزگىل بولسىمۇ ئىلنىۋالساڭ، بۇ يەردىكى ھېچكىم سېنى بوزەك قىلاممايدۇ، تەقدىرىڭگە مۇشۇ يەردە تۇرۇش ياشاش پۈتۈلگەن ئىكەن، ئەمدى قوبۇل قىمماي ئامالىڭ يوق، چۈنكى بۇ بارسا كەلمەس يول، كىلەلەيسەن كېتەممەيسەن، قېچىشنى ھەرگىز ئويلاپ قامما ،قېچىپلا قالساڭ بولدى تۈگەشكىنىڭ شۇ -ھېلىقى ئوغۇلبالىدەك قىز مېنى ئىككىنچى قەۋەتتىكى دەرىزىللىرى مەھكەم ئېتىۋېتىلگەن يەنە بىر قاراڭغۇ ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن ،شۇگەپلەرنى قىلغاچ ،مېنى يۇيۇندۇرۇپ قويماقچى  بولۇپ، داستا سۇ تەييارلاپ، كېيىملىرىمنى يەشمەكچى بولدى-قارىغىنە ،ئېچىپلا كېتىپسەنغۇ، نېمى دىگەن سېسىق –
مەن يۇيۇنمايمەن ،مەن بۇزۇق ئەمەس -شۇنداق دەپ ،باركۈچۈمنى يىغىپ ،زىبانى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدۇم .
ھېي ،رەسۋا ،نېمانداق بوپتۇ دىگەننى بىلمەيسەن، يۇيۇنماي نېمە قىمماقچىدىڭ -زىبا مېنى مەجبۇرىي كىيىملىرىمنى يىرتىپ دىگۈدەك سۇغا بېسىپ ،چاڭىلدىتىپ ئۇرغاچ،بەدەنلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدى .
ئەمدى بولدى قارىغىنە ،ئىسكەتىڭ خېلى تۈزۈك نېمكەنسە ،ئاكامنىڭ  كۆزى بار جۇمۇ!مەن ساڭا يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كىرەي ،ساڭا دەپ قوياي ،بۇ يەردە گەپ ئاڭلىساڭ ياخشى  ياشايسەن، گەپ ئاڭلىمساڭ ،ئىتتەك خارلىنىپ ئۆتىسەن ،ئەتىۋالىق خېنىم بولىدىغان چاغلىرىڭ ئەمدى كەممەسكە كەتتى .-زىبا شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .
ئۈمۈد يىپلىرىم ئۈزۈلدى، ئۆزۈمنى خۇددى زۇلمەت قوينىغا تاشلىنىپ قالغاندەك ،ئاچچىق چىرقىغىنىمچە ،دەرىزىگە قويۇپ قويۇلغان ئەينەك تەخسىنى چېقىپلا ،تومۇرۇمغا قاتتىق سۈركۈدۈم، قان شۇرۇلداپ ئېقىشقا باشلىدى .
ئاكا ،ماۋۇ قانجۇق ئۆلىۋامماقچى بوپتۇ -زىبا مېنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ناڭا ئەكىرگەن تاماقلارنى تاشلىۋېتىپ چىقىپ كېتىپ ،ھېلىقى تارتۇق ئەرنى باشلاپ كىردى .
ساق قاسا ساقچە ،ئۆلۈپ قاسا ئۆلۈكچە ،قولىنى تېڭىپ قويۇڭلار ،ۋۇ ئىززىتىنى بىلمەيدىغان قانجۇق -تاتۇق ئەر شۇنداق دەپلا ،قورسىقىمغا قاتتىق بىرنى دەسسىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى .
ۋوي بېمار ھوشىغا كەپتىغۇ-مېھرىنسا سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ،بىمارنى يوىلاش ئۈچۈن كىرگەن دوختۇر،ئۇنىڭ سۆزلەۋاتقىنىنى ئاڭلاپ ،شۇنداق دېدى -ھوشىغا كېلىپلا بۇنداق سۆزلىگنى تۇرسا ھاياتىغا خەۋپ يەتمەمدۇ ،قانداق ئادەم سىز ،چىقىپ كېتىڭ .
كۆزلىرىم پۈتۈبلەي ياش يۇقى، ئچىنىش ،غەزەپ، ۋە ئىچ ئاغرىقى بىرلىشىپ كەتكەن ئاچچىق تۇيغۇ ۋۇجۇدۇمنى ئەزگەن  ھالدا ،مېھرىنسانىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقتىم .

تەرەققىيات قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ ، بىزنى قوللاپ سالونىمىزنى دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ ، ياخشى ئەسەرلەردىن تەڭ بەھىرلىنەيلى

赞(0) 打赏
版权说明:文章来自网友分享,仅供读者参考,并请自行核实相关内容微信资源搜索 » ئايالىمنىڭ ئەپتى-بەشرىسى13

评论 抢沙发

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址

觉得文章有用就打赏一下文章作者

支付宝扫一扫打赏

微信扫一扫打赏