有价值的文章
才值得我们收藏

ئاۋازلىق-ئايالىمنىڭ ئەپتى بەشرىسى15

ئايالىمنىڭ


               
               
               
               
                                               
                                                               
                               
               
               


سالونىمىزنىڭ ئىلتىماسى-قەدىرلىك ئوقۇرمەن ۋە ئاڭلىغۇچى دوسىتلار سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارسىز سالونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىدىن ئېغىز ئاچقىنى بوممايدۇ،سالونىمىزنىڭ بۈگۈنى دەل سىلەرنىڭ قوللىشىڭلاردۇر،ئەمما يېقىندىن بۇيان قوللاش بەكلا تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ،مەيلى تېما تارقىلىشى ۋە ئاستىدىكى سۈرۈتلىك ئېلان چېكىش قاتارلىقلار بولسۇن، بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ،بىز سۈرۈشتۈردۇق، ئادەتتىكى بىر مەينەت نەرسە يوللايدىغان سالونلاردىمۇ ،3-،5،پىرسەنتكىچە ئادەم تېمىلارنى ھەمبەھىرلەپ تارقىتىدىكەن ۋە ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىدىكەن،ئەگەر بىزنىڭ سالون داۋاملىق مۇشۇنداق قوللاش تۆۋەن بولۇۋەرسە سىلەرنىڭچە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەر،سەمىمىي ئۆتۈنۈشىمىز قەدىردانلار، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنىڭ رۇياپقا چىقىشى ئۈچۈن، ئەدىپلەرنى قوللاپ قويۇڭلار،تېمىلارنى چەمبىرەك ۋە توپلاردا يوللاپ، ئەڭ ئاستىندىكى ئېلاننى چىكىپ قويساڭلار

تارتۇقلاڭ

ئون ئۈچ ياشلىق بىر سەبى قىز ،خارلىنىۋاتقان ،چەيلىنىۋاتقان بىر سەبىي غۇنچە كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ،بىر كېچە ئۇيقۇمنى پۈتۈن دىگۈدەك  قاچۇرۇپ، ۋۇجۇدۇمنى ئاچچىق خېياللار قوينىدا قاتتىق ئۆرتەپ چىقتى .
ئەگەر مېھرىنسا كىچىكلىكىدە يۈتۈپ كەتمىگەن بولسا ،ئاشۇ رەھىمسىز ،رەزىل ئادەملەرگە نۇچراپ قالمىغان بولسا ،ئاشۇ قەبىھ ھەم ئازابلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولسا ،بەلكىم ،بۈگۈنكى مېھرىنسانىڭ ئورنىدا  باشقا بىر مېھرىنسا ،مەۋجۇت بولغان بولارمىدى ؟ئۇنى بۇ رەھىمسىز تۇرنۇش قاينىمغا زادى قانداق كۈچ ،قانداق رەزىللىك سۆرەپ كىردى ،ۋىجدانىنى ،ئەرلىك ھەم دادىلىق بۇرۇچنى يوقاتقان ئاشۇ رەھىمسىز دادا -بۇ سوئالغا بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك توغرا جاۋابنى بەلكىم تاپالمىساق كېرەك ،ئاشۇ رەزىل دادا بولمىغاندا ئېدى ،ئاشۇ رەزىل دادىنىڭ ئورنىدا باشقا بىر دادا بولغاندا ئېدى ،مېھرىنسا بۇقەدەر ئازابلىق كەچمىشلەرگە مۇپتىلا بولمىغان بولاتتى .
مېھرىنساغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقىنىمنى  ياكى ئۇنىڭغا بولغان قارشىمنىڭ ئۆزگىرىۋاتقىنىنى بىلەممىدىم ،ئەمما ،خېيال ئىكرانىمدا پۈتۈنلەي مېھرىنسا قالدۇرغان ئاچچىق ئەسلىملەر ،ئىچ -باغرىم شۇقەدەر ئاچچىق ھەم ئازابلىق ھىسلارغا تولغان .
ئوغلۇم كەلدىڭمۇ،مېھرىنسانىڭ ئەھۋالىدا يەنىلا ياخشىلنىش يوق، ئۇ تاڭ ئېتىشىغا يەنە سنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىۋاتىدۇ،بولسا يېنىغا بىر كىرىپ چىققىن ،-ئەتىسى سەھەر ئوغلۇمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، يەنە دوختۇرخانىغا بېرىپ ،ئانامنىڭ يېنىغا كىرشىمگە ،ئۇ ھەركۈنكى سۆزلىرىنى يادلاشقا باشلىدى .ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،قانداق سەۋەب، قايسى كۈچ مېنى مېھرىنسانىڭ يېنىغا كىرىشكە بۇنچە ئالدىرايدىغان قىلىۋەتكەنكىن تاڭ،ئالدىراڭغۇلۇق بېلەن قەدەملىرىمنى تىزلىتىپ ،يەنە مېھرىنسانىڭ يېنىغا كىردىم .
ئەنۋەر كەلدىڭىزمۇ؟بۇياققا كېلىڭ ،سىزنى بەك ئۇزاق ساقلىدىم -چىرايلىرى تاتارغان ھالسىز مېھرىنسا ،يەنە ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ،ئۇزاق ھېكايىنى ئاڭلاشقا تەييارلانغان ،ھالسىز ،مەن .
گۈزۈلۈم مېنى كەچۈرگىن ،مېنىڭ سەۋەبىمدىن كۆپ ئازار يىدىڭ، قارا چىرايلىق يۈزلىرىڭگە ،ۋۇ رەھىمسىز خوتۇن، ھامان بىركۈنى ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتمەيدىغان بولسام -كۆزلىرىمنى ئاچقىنىندا ،كۆز ئالدىمدا يەنە ھېلىقى مەلئۇن ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ -قارا ساڭا يەيدىغان نەرسە ئەكەلدىم ،يەۋالغىن .
مەن ئۇنىڭغا ھېشنىمە دېمەي ،كۆزلىرىمنى بىر نۇقتىغا تىكىپ يېتىۋەدىم.
جېنىم ،ساڭا ئۇۋۋال قىپ قويدۇم، ھازىر يىمىسەڭ كۆڭلۈڭ تاتقاندا يە ،بىلسەڭ، مەن سېنى بەك ياخشى كۆرىمەن ،شۇڭا ،سەن بۇ ھالدا تۇرساڭ پەقەت چىدىمايدىكەنمەن، كۆڭلۈمنى چوقۇم چۈشەنگىن ،مەن ھازىر چىقىپ كەتنىسەم، ئاۋۇ دەللە خوتۇن كىرىپ قالسا ھەر ئىككىلمىزنىڭ تىرىسىنى تەتۈر سويىدۇ ،خەير گۈزۈلۈم ،مەن يەنە كېلىمەن-تاتۇق شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ،ئۇنىڭدىمۇ كۆيۈم، مېھرى-مۇھەببەت بارلىقىغا ھەيران قېلىپ، ئۇ ئەكىرگەن نەرسىلەرگە تۈكرۈپ قويماقچى بولدۇم ،ئەمما ،تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان توختا دىگەن بىر ئاڭغا ئەگىشىپ ،يەنە ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم .
ئۇنىڭ بۇنداق مۇلايىملىشىپ كېتىشىدىن ھەيران قالغان بولساممۇ ئەمما ،قېچىش ھەتتاكى ،ئۆلىۋېلىش ئۈچۈنمۇ بىر كۈچ  لازىم بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ،ئۇ ئەكىرگەن نەرسىلەرنى يەپ، ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ،ئاچچىق كۆيۈك ئازابىدا ،قان يىغلىغنىمچە يېتىۋالدىم .
ما خوجايىن ،مانا سىز ئۆز كۆزىڭىز بېلەن كۆرۈپ بېقىڭ چىرايى ئازراق كۆيۈپ قالغان بولىسىمۇ ئەمما ،پىچەت مال بۇ ،ئېرىم خاپا قىلمىغان بولسا  ئۆزۈم بىر قوللۇق تۇتاتتىم ،ئەمما ئېرىمنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ ،شۇڭا بۇ ياخشى مالنى سىزگە تەۋسىيە قىلاي دەپ  ئويلاپ قالدىم-ئەتىسى ھېلىقى ھازازۇل ئايال ،بىر  ئەرنى باشلاپ كىرىپ ،ئاغزى بېسىقناي سۆزلەپ كەتتى .تۇنجى قېتىم قوتاندىكى قويلارغا ئوخشاش باھا كېلىشىپ ،سېتىلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ، قەدىر قىممىتى ۋە ئەركىنلىكى يوقالغان ھاياتىمغا قاتتىق ئېچىنىپ تولغىنىپ كەتتىم .
مەن سېنىڭ كىم كەلسە سېتىپ ئوينايدىغان قۇلۇڭما ،مېنى قويۇۋەت ،مەن يۇرتۇمغا ،ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا كېتەي،ماڭا بۇنداق قىمما ،ئۇۋالىمغا قالىسەن ،بۇ دىگەن ئۆتنە جاھان ،ئامماقنىڭ بەرمىكى بار جاھان، ماڭا قىلغابلىرىڭ ئۆزۈڭگە يېنىپ قاممىسۇن-ئۆزۈممۇ بىلمەيلا ھۆڭۈرەپ يىغلىغنىمچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،شۇنداق دەپ ۋارقىراپ كەتتىم.
ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ۋۇ ئىپلاس يېتىمى ،ماڭا مۇشۇنداق ۋارقىراۋاتانسەن، داغمال ئاز كەلگەن ئوخشىمامدۇ -ئايال كېلىپلا چېچىمدىن تۇتۇپ تامغا بىرنەچچىنى ئۈستۈرىۋەتتى .يەنە ھوشۇمنى يوقاتتىم .
ھوشۇمغا كەلگەن چېغىمدا ،باشقا بىرجايدا ،يورۇق ،ئازادە ،ئەمما يەنىلا بىر ئۆيگە سولانغان ھالەتتە سۇنايلىنىپ يېتىپتىمەن .
ئىسمىڭ نېمە ؟-بىر ھازادىن كېيىن ،ئىشىك ئېچىلىپ ،مەندىن سەل چوڭ دىمەتلىك بىر ئايال كىرىپ ،يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ،شۇنداق دېدى -ئېسىت ،ئايدەك جامالىڭ بار قىزكەنسەن، يۈزۈڭدىكى داغ گۈزەللىكىڭگە بىر ئۆمۈر تەسىر يەتكۈزىدىغان بولدى-دە ،ئىسمىڭنى دېيىشنى خالىمساڭ بوپتۇ، ياخشى ئارام  ئالغىن ،ئاۋال ياراۇ ساقايسۇن -ئايال شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كېتىشكە تەمشەلدى .
جېنىم ھەدە سىزدىن ئۆتۈنەي ،مېنى قويۇۋەتكەن بولسىڭىز ،مەن يۇرتۇنغا كېتەي ،بۇ جاي بەكلا قورقۇنۇچلۇقكەن -ئايالغا يالۋۇردۇم .
بولدى مەندىن ھېچنىمنى ئۆتۈنمە ،مېنىڭ قولۇمدىن كەممەيدۇ -ئايال شۇنداق دەپ قويۇپ نىشىكنى سىرتىدىن تاقاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .شۇ ياتقانچە ،يۈزلىرىمدىكى ۋە باشقا جايلىرىمدىكى كۆيۈك يارلىرى ساقايغىچە ساق ئىككى ئاي يېتىپ قالدىم ،بۇ جەرياندا ھېلىقى ئايال ،ماڭا شۇنداق ياخشى قاراپ، ھالىمدىن ئوبدان خەۋەر ئالدى ،مەن ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىغا قاراپ، بۇ ئايال بالسى يوق بولسا مېنى بېقىۋالماقچىمۇ نېمە دەپمۇ ئويلاپ قالغان ئېدىم ،لېكىن ئايال مېنىڭ ئۆيدىن سىرىتقا چىقشىمغا پەقەتلا يول قويمايتتى ،بۇنىڭ بېلەن ،بۇ خىل ئويلىرىم يەنە ئەكسىنى تېپىپ ،يۈرۈكۈم ئەندىشە ئىچىدە ئۆرتىنەتتى .
ئايدەك رۇخسارىڭ بار چىرايلىق قىزكەنسەن، تىرەڭنىڭ ياخشىلىقىدىن كۆيۈك ئىزىدىمۇ جىق تارتۇىلار قامماپتۇ ،ئەمدى سېنى تۈزەپ قوياي ،ئىش ئۈگنىدىغان ۋاقتىڭ كېلىپ قالدى .-ئۈچ ئاي بوغاندا ئايال يېنىمغا كىرىپ، مېنى چىرايلىق تۈزەشتۈردى ،
ھەدە،سىز بەك ئاقكۆڭۈلكەنسىز ،مېنى قويۇۋەتسىڭىز بولمامدۇ، مەن يۇرتۇمنى ،ئاتا-ئانامنى بەكلا سېغنىپ كەتتىم -ئايالغا شۇنداق دەپ قار-يامغۇر يىغلاپ يالۋۇردۇم.
جېنىم قىزىم ،بۇنداق دېمە ،مەن سېنى قويۇۋىتەلمەيمەن، مېنىڭ ئۈستۈمدىمۇ ،مېنى باشقۇرىدىغان ئادەم بار ،مېنىڭ سۆزلىرىمنى چىرايلىق ئاڭلاپ، خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقساڭ، سەنمۇ بارا-بارا ئىشەنچكە ئېرىشىسەن، ئىشەنچكە ئېرىشسەڭ،ئەركىنلىشەلەيسەن ،شۇڭا ،ئارتۇق ئىشلارنى ئويلىماي خىزمىتىڭگە ياخشى ماسلاش ،مەن نېمىشقا بۇيرىسام، شۇ ئىشنى قىل،ئون تۆت ياشنىڭ قارىسىنى ئېپقاپسەن، بۇ ،دەل سېنىڭ ھۆسىن تۈزەيدىغان مەزگىلىڭ، ئەگەر سەن خىزمەتكە ماسلاشمىساڭ ،مەنمۇساڭا ئارا تۇرۇپ بولاممايمەن، ما لوبەن سېنى  ھېلقىدەك ئىپپەت ساتىدىغان يەگە ئاپىرىپ قويىدۇ -ئايالنىڭ سۆزلىرى شۇقەدەر سىلىق ھەم يېقىملىق ئېدى .
-مېنىڭ ئىسمىم مېھرىنسا ،نېمە دەيمەن؟ياق مەن ئۇنداق قىممايمەن دەمدىم ،ئۇ دېدىغۇ، ماسلاشسام ،ئەركىن بولالايدىكەنمەن ،مەن پەقەت ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرگەندىلا ئاندىن يۇرتۇمغا قېچىپ كېتەلەيمەن ئەمەسمۇ؟-شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن ،بېشىمنى لىڭشىتىپ ،ماقۇللۇق بىلدۈرىۋەتكەندىن كېيىن ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم .
مېھرىنسا ،سەن بۇ خالتىدىكى خۇرۇچنى ،ئادىل  باشلاپ،كۆرسىتىپ قويغان جايلارغا ئاپىرىپ تارقىتىسەن ،ئادىل ئالدىڭدا ،ساڭا يول باشلاپ ماڭىدۇ، سەن ئۇنىڭغا ئەگىشىسەن ،ئۇ ساڭا قايسى جاينى،قايسى ئادەمنى ئىشارە قىلسا ،سەن سومكاڭنى ئېچىپ ،شۇنىڭغا خۇرۇچ بېرىسەن -ئايال مېنى ،بىر ئوغۇل بالىنىڭ يېنىغا باشلاپ چىققاندىن كېيىن ،ماڭا بىر سومكىنى ۋە ،بىرقۇر ئوقۇغۇچىلار فورمىسىنى ئۇزىتىپ شۇنداق دېدى .خۇرۇچ دىگەندىكىن ،كۆپ ئويلانمايلا ،ئۇ بەرگەن نەرسىلەرنى ئېلىپ ،25ياشلار ئېپچۆرىسىدىكى قارامتۇل ،بىر يىگىتكە ئەگىشىپ ماڭدىم .
ئادىل ئالدىدا مەن كەينىدە ماڭاتتىم، ئۇ بىر يەرلەرگە كىرىپ، بىر كىملەردىن پۇل نېلىپ چىقاتتى ،ئاندىن ماڭا شەرەت قىلاتتى ،مەن ئۇنىڭ شەرەت قىلغىنىنى كۆرۈپ، ئۇ كىرگەن جايلارغا كىرىپ ،ياكى ئۇ پۇل ئالغان ئادەملەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ،سومكىدىكى خۇرۇچلارنى تارقىتىپ بېرەتتىم.
بۇ خىزمەت ھېچ بوممىغاندا ،ھېلىقى تاتۇق ئەرنىڭ يېنىدا تۇرغانغا قارىغاندا كۆپ ئاسان ئېدى ،شۇنداق قىلىپ، بۇ خىزمەت بېلەن خېلىلا چىقىشىپ قالدىم ،ئارىدىن بىرەر ھەپتىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ،ھېلىقى ئايال مېنى ،ئون نەچچە قىزبالا ياتىدىغان بىر ياتاققا يۆتكەپ  ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى ،ئۆزەمچە ،ئۇلار بېلەن پاراڭلىشىپ ،دوسىتلىشىپ، قېچىپ كېتىش توغرىسىدا ،مەسلىھەتلىرىمىزنى پۇشرىۋالالايمىز دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن، ئەپسۇس ،ئۇلار شۇنچىلىك قوپال ،قىزلار ئېدىكى، بىر -بىرى بېلەن پەقەتلا ،پاراڭلاشمايدىغان ،بىر-بىرىگە پەقەتلا ئىشەبمەيدىغان دەرىجىدە ،بىر-بىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىشاتتى ..
ھەي ،سەن ،بۇنچە كۆپ پۇللارنى نەدىن تاپتىڭ، خوجايىندىن ئوغۇرلىدىڭما – ياتاقدىشىم رەيھاننىڭ ،يېنىدا داۋاملىقبيۈز يۈەنلىك پۇللارنى كۆرۈپ تۇرۇشۇم، مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ ،ئۇنىڭدىن سورىدۇم،چۈنكى مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە ياكى پۇلىغا خىيانەت قىلغانلارنى ئۆچ كۆرەتتىم .
ئوغۇرلىسام نېمە بوپتۇ ،مەن قىينىلىپ جاپا بېلەن خەقنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىپ ،يۈرەكلىرىم پوكۇلداپ تۇرۇپ ،ئوغۇرلىغان پۇللاردىن ئازراق نىسىۋەمنى ئېلىۋالدىم خالاس ،بۇ پۇللار كېيىن ،ماڭا ،چوقۇم لازىم بولىدۇ -رەنانىڭ سۆزلىرىدىن تىڭىرقاپ قېلىۋاتاتتىم.
ھەي ،خەقنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىشتىن نۇمۇس قىمامسەن ،،ئۇنداق قىلساڭ قانداق بولىدۇ-ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ،سەل ئاچچىقىم كېلىپ قېلىۋاتاتتى .
سەن تولا ماڭا تەربىيە بېرىمەن دىمە ،مېنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتىم سېنىڭكىدىن مىڭ ھەسسە ياخشى ،گۈلى سەتەڭ ،باشتا مېنى سەن قىلىۋاتقان ئىشنى قىلىشقا بۇيرىغان بىراق مەن ئوغۇرلۇق قىلىشنى تاللىۋالدىم ،بىلەنسەن، سەن تارقىتىۋاتقان ئۇ خۇرۇچ دىگەن نەرسە ،زەھەرلىك چىكىملىك دەل ئۆزى شۇ ،سەن شۇ نەرسە بىلەن خەقنىڭ پۇلىنى ھەم جېنىنى ئېلىۋاتىسەن، مەن ناھايىتى شۇ بايۋەتچىلەرنىڭ پۇلىنى ئالدىم خالاس ،بىلدىڭما ؟-رەيھاننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، ھەمدە ،ھېلىقى ئايال بېلەن كۆرۈشۈپ ،سۆزلىشىش ئۈچۈن ماڭدىم .
نەگە بارىسەن –
گۈلى سەتەڭ بېلەن سۆزلىشىمەن ،ئۇ بۇنداق قىلسا بوممايدۇ، ئۇ مېنى ئالداپتۇ –
ساراڭمۇ سەن، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشسەڭ ئۆلگىنىڭ شۇ ،ئۇ بۇيرىغان ئىشنى قىممايمەن دىيەلەمتىڭ ،ئۇ چىرايلىق گەپ سۆز قىلغىنى بېلەن ،كەينىدە ،پالتا-پىچاق تۇتقان نې قول چوماقلىرى بار ،چىرايلىق گېپىنى ئاڭلىمساڭ،ئۇلارغا ھايت دېسىلام، بىردەمنىڭ نىچىدە ،تۈزلىنىپ كېتىسەن -رەيھاننىڭ چاقىرىشى بېلەن ئىزىمدا توختاپ قالدىم .
بىراق ،ئۇ مېنى بۇنداق يامان ئىشقا ساسا بوممايدۇ-دە ،بولدى مەن قېچىپ كېتىمەن ،قېچىپ كېتىپ ،ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن –
قېچىپ كېتەمسەن ،تېخى ساقچىغا مەلۇم قىلامسەن، سەن ساقچىغا مەلۇم قىپ بوغۇچە ،ئۆلۈكۈڭ چاڭجىياڭ دەرياسىغا تاشلىنىپ بولامىكىن –
نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن -رەيھاننىڭ سۆزلىرىدىن قورقۇپ قالدىم .
سېنىڭ نالدىڭدىمۇ، ئارقىڭدىمۇ ،ئادەملەر بار ،ئېلىپ ماڭغىنىو شۇنچە قىممەتلىك مال تۇرسا ،ئەجەبا  سېنى شۇنداقلا بىر ئادەم بېلەن يولغا سەپ قوياما ،سەن ھازىر ھەممىدىن بەك خەتەر ئىچىدە مېھرى -رەيھاننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بارغانسىرى تېنىمگە تىترەك ئولۇشۇپ جاقىلداپ تىترەپ كېتىۋاتاتتىم .
ئۇنداقتا قانداق قىلىمەن ،مېنىڭ بۇمداق ئىشنى قىلغۇم يوق ،قېچىپ كەتكۈم با ،ماڭا ياردەم قىلغىن رەيھان -رەيھانغا ئېسىلىپ يالۋۇردىم .
راستىنلا قېچىپ كەتكۈڭ باما ؟-سورىدى رەيھان .
ھەئە راسلد قېچىپ كەتكۈم با ،بۇ يەر بەك قۇرقۇنۇشلۇقكەن -مەن يىغلىدىم .
ئۇنداق بوسا ،بۇ نىشلارنى مەڭگۈ سىر تۇتۇشقا ۋەدە قىل، ئىككىمىز بىللە قېچىپ كېتەيلى ،مەن بۇ پۇللارنى قېچىپ كېتىش ئۈچۈن يىغدىم ،مېنىڭمۇ يۇرتۇنغا كەتكۈم با ،مېھرى ،ئانام ئېتىپ بېرىدىغان شۇ تاماقلارنى بەك سېغىدىم -رەيھان شۇنداق دەپ ،مېنى باغرىغا باستى ،ئىككىمىز ئېسەدەپ ،خېلى ئۇزاق يىغلىشىپ كەتتۇق .
ۋۇ قانجۇق ئوغرى ،تېخى بىزنى ھېشنىمنى بىلمەيدۇ دىگەنمىدىڭ -ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ،رەيھان ئىككىمىز قانداق قېچىپ كېتىش توغرىسىدا تازا باش قاتۇرىۋاتقان چېغىمىزدا ،بىر نەچچە تاقىرباش ئادەملەر كىرىپ ،رەيھاننى شۇنداق دەپ چېچىدىن تارتىپ ،سۆرىگنىچە نېلىپ چىقىپ كەتتى.
ئاكا ماڭا رەھىم قىلىڭ ،مەن خاتا قىپتىمەن، ئەمدى ھەرگىز ئوغۇرلىمايمەن، ھەممىسنى سىزگە ئەكىلىپ بېرىمەن، مېنى مۇشۇ بىر قېتىم كەچۈرىۋېتىڭ -رەيھاننىڭ نالىلىرى يۈرەكنى ئېزەتتى ،ئۇنىڭغا شۇقەدەر ياردەم قىلغۇم بار ئېدىيۇ، ئەمما ،ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇدەك كۈچ -قۇدرىتىم يوق بولغاچقا ،ئۇنىڭ نالە قىلشىلىرىنى ئاڭلاپ ،ئۇنىڭ مېنى ئىقرار قىلشىشىنى ھېلىقى ئەرلەرنىڭ مېنمۇ ئاشۇنداق سۆرەپ مېڭشىنى كۈتۈپ ،لاغىلداپ تىترىگنىمچە ،يۈزلىرىمگە يېقىلغان ھېلقى داغمالنى ئەسلەپ ئولتۇردۇم .
ۋۇ گەپ ئاڭلىمايدىغان ئىت ،بۈگۈنچە مۇشۇ يەردە يېتىۋال، ئەتە كېتىسەن -بىر ھازادىن كېيىن ،ھېلىقى ئەرلەر شۇنداق دەپ، قان ئىچىدە ياتقان رەيھاننى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى رەيھان ،نېمە بولدۇڭ، ئۇلار سېنى بەك قاتتىق ئۇرىۋەتتىمۇ -بېرىپ ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتتۇم .
ئۇرىۋەتكەن بوسىلا مەيلى ئېدى ،مېھرى،-رەيھان شۇنداق دەپ، باغرىمغا ئۆزىنى ئېتىپ ،ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى ،ئىككىمىز بىر ھازا ئاشۇنداق كۆز يېشى قىلدۇق، باشقا كارۋاتتىكى قىزلار ،خۇددى ھېشنىمنى كۆرمىگەبدەكلا جىمجىتقىنە يېتىۋېرىشتى ،ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم -يۇ ،لېكىن بۇ ياتاقتا ،بىر-بىرىگە نىسبەتەن  ئىشەنچ دەيدىغان نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى ئوبدان بىلەتتىم .
ئۇلارغا مەن دېمىدىم رەيھان ،مەن ھېشنىمە دېمىدىم -رەيھاننى چوقۇم مەندىن گۇمانلىنىدۇ دەپ ئويلايتتىم .
سېنىڭ دېمگىنىڭنى نوبدان بىلىمەن مېھرى ،-رەيھان ،جانسىز پۇتلىرىنى تەستە يىغىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن -قۇلقۇمغا كېلىپ پىچىرلىدى -چوقۇم قېچىپ كەتكىن مېھرى، ئۇلار مېنى باشقا يەرگە ئاپىرىۋېتىدۇ، ئەمدى قېچىپ كېتەلەمدىم يوقمۇ ،ئۇقمايمەن، لېكىن سەن چوقۇم قېچىپ كېتەلەيسەن، چوقۇم قېچىپ كەت مېھرى ،كېيىن قېچىپ كېتىپ قاسام، شىنجاڭغا سېنى ئىزدەپ بارىمەن، ماڭا يۇرتىڭنىڭ نىسمىنى دەپ بەرگىن .

رەيھان ئىككىمىز يۇرتىمىزنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىشكەندىن كېيىن ،چوقۇم قېچىپ كېتىشكە ئەھدىلەشتۇق .ئەتىسى ،ھېلىقى پاينەكباش ئەرلەر كىرىپ ،رەيھاننى ماشنا بېلەن ئېلىپ كەتتى ،بىچارە رەيھاننىڭ ماڭا ئۆتۈنۈش ،ئامالسىزلىق ئىچىدە تىكىلگەن كۆزلىرى ،كۆز قۇرۇمدا مەڭگۈ ساقلىنىقلىق -مېھرىنسا سۆزلەپ شۇيەرگە كەلگەندە ،كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياشلار توختىناي سىرغىپ چۈشتى ،ئاندىن ئۇسساپ كەتتىم ،دەپ بوشقىنە شىۋىرلىدى .ئۇنىڭ بىرنەرسە ئىچىمەن دىگنىنى ئاڭلاپ، شۇنچىلىل خۇشال بولۇپ كەتتىم،نېمىشقا بۇنداق خۇشال بولدىغنىمنى بىلمەيمەن، لېكىن بۇنىڭ سۆيگۈ ئەمەس ،بەلكى ئىنسانىي مېھرى مۇھەببەت ئىكەنلىكى ماڭا ،ئوبدان ئايان

بۇ جاي قايتىلانما ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ

ئاكا ماڭا رەھىم قىلىڭ ،مەن خاتا قىپتىمەن، ئەمدى ھەرگىز ئوغۇرلىمايمەن، ھەممىسنى سىزگە ئەكىلىپ بېرىمەن، مېنى مۇشۇ بىر قېتىم كەچۈرىۋېتىڭ -رەيھاننىڭ نالىلىرى يۈرەكنى ئېزەتتى ،ئۇنىڭغا شۇقەدەر ياردەم قىلغۇم بار ئېدىيۇ، ئەمما ،ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇدەك كۈچ -قۇدرىتىم يوق بولغاچقا ،ئۇنىڭ نالە قىلشىلىرىنى ئاڭلاپ ،ئۇنىڭ مېنى ئىقرار قىلشىشىنى ھېلىقى ئەرلەرنىڭ مېنمۇ ئاشۇنداق سۆرەپ مېڭشىنى كۈتۈپ ،لاغىلداپ تىترىگنىمچە ،يۈزلىرىمگە يېقىلغان ھېلقى داغمالنى ئەسلەپ ئولتۇردۇم .
ۋۇ گەپ ئاڭلىمايدىغان ئىت ،بۈگۈنچە مۇشۇ يەردە يېتىۋال، ئەتە كېتىسەن -بىر ھازادىن كېيىن ،ھېلىقى ئەرلەر شۇنداق دەپ، قان ئىچىدە ياتقان رەيھاننى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى رەيھان ،نېمە بولدۇڭ، ئۇلار سېنى بەك قاتتىق ئۇرىۋەتتىمۇ -بېرىپ ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتتۇم .
ئۇرىۋەتكەن بوسىلا مەيلى ئېدى ،مېھرى،-رەيھان شۇنداق دەپ، باغرىمغا ئۆزىنى ئېتىپ ،ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى ،ئىككىمىز بىر ھازا ئاشۇنداق كۆز يېشى قىلدۇق، باشقا كارۋاتتىكى قىزلار ،خۇددى ھېشنىمنى كۆرمىگەبدەكلا جىمجىتقىنە يېتىۋېرىشتى ،ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم -يۇ ،لېكىن بۇ ياتاقتا ،بىر-بىرىگە نىسبەتەن  ئىشەنچ دەيدىغان نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى ئوبدان بىلەتتىم .
ئۇلارغا مەن دېمىدىم رەيھان ،مەن ھېشنىمە دېمىدىم -رەيھاننى چوقۇم مەندىن گۇمانلىنىدۇ دەپ ئويلايتتىم .
سېنىڭ دېمگىنىڭنى نوبدان بىلىمەن مېھرى ،-رەيھان ،جانسىز پۇتلىرىنى تەستە يىغىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن -قۇلقۇمغا كېلىپ پىچىرلىدى -چوقۇم قېچىپ كەتكىن مېھرى، ئۇلار مېنى باشقا يەرگە ئاپىرىۋېتىدۇ، ئەمدى قېچىپ كېتەلەمدىم يوقمۇ ،ئۇقمايمەن، لېكىن سەن چوقۇم قېچىپ كېتەلەيسەن، چوقۇم قېچىپ كەت مېھرى ،كېيىن قېچىپ كېتىپ قاسام، شىنجاڭغا سېنى ئىزدەپ بارىمەن، ماڭا يۇرتىڭنىڭ نىسمىنى دەپ بەرگىن .

رەيھان ئىككىمىز يۇرتىمىزنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىشكەندىن كېيىن ،چوقۇم قېچىپ كېتىشكە ئەھدىلەشتۇق .ئەتىسى ،ھېلىقى پاينەكباش ئەرلەر كىرىپ ،رەيھاننى ماشنا بېلەن ئېلىپ كەتتى ،بىچارە رەيھاننىڭ ماڭا ئۆتۈنۈش ،ئامالسىزلىق ئىچىدە تىكىلگەن كۆزلىرى ،كۆز قۇرۇمدا مەڭگۈ ساقلىنىقلىق -مېھرىنسا سۆزلەپ شۇيەرگە كەلگەندە ،كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياشلار توختىناي سىرغىپ چۈشتى ،ئاندىن ئۇسساپ كەتتىم ،دەپ بوشقىنە شىۋىرلىدى .ئۇنىڭ بىرنەرسە ئىچىمەن دىگنىنى ئاڭلاپ، شۇنچىلىل خۇشال بولۇپ كەتتىم،نېمىشقا بۇنداق خۇشال بولدىغنىمنى بىلمەيمەن، لېكىن بۇنىڭ سۆيگۈ ئەمەس ،بەلكى ئىنسانىي مېھرى مۇھەببەت ئىكەنلىكى ماڭا ،ئوبدان ئايان





赞(0) 打赏
版权说明:文章来自网友分享,仅供读者参考,并请自行核实相关内容微信资源搜索 » ئاۋازلىق-ئايالىمنىڭ ئەپتى بەشرىسى15

评论 抢沙发

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址

觉得文章有用就打赏一下文章作者

支付宝扫一扫打赏

微信扫一扫打赏