有价值的文章
才值得我们收藏

ئاۋازلىق-ئايالىمنىڭ ئەپتى بەشرىسى16

ئايالىمنىڭ16


               
               
               
               
                                               
                                                               
                               
               
               

سالونىمىزنىڭ ئىلتىماسى-قەدىرلىك ئوقۇرمەن ۋە ئاڭلىغۇچى دوسىتلار سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارسىز سالونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىدىن ئېغىز ئاچقىنى بوممايدۇ،سالونىمىزنىڭ بۈگۈنى دەل سىلەرنىڭ قوللىشىڭلاردۇر،ئەمما يېقىندىن بۇيان قوللاش بەكلا تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ،مەيلى تېما تارقىلىشى ۋە ئاستىدىكى سۈرۈتلىك ئېلان چېكىش قاتارلىقلار بولسۇن، بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ،بىز سۈرۈشتۈردۇق، ئادەتتىكى بىر مەينەت نەرسە يوللايدىغان سالونلاردىمۇ ،3-،5،پىرسەنتكىچە ئادەم تېمىلارنى ھەمبەھىرلەپ تارقىتىدىكەن ۋە ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىدىكەن،ئەگەر بىزنىڭ سالون داۋاملىق مۇشۇنداق قوللاش تۆۋەن بولۇۋەرسە سىلەرنىڭچە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەر،سەمىمىي ئۆتۈنۈشىمىز قەدىردانلار، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنىڭ رۇياپقا چىقىشى ئۈچۈن، ئەدىپلەرنى قوللاپ قويۇڭلار،تېمىلارنى چەمبىرەك ۋە توپلاردا يوللاپ، ئەڭ ئاستىندىكى ئېلاننى چىكىپ قويساڭلار

ئالدىنقى قىسىملارنى بۇيەردىن ئاڭلاڭ، قايسى قىسىمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز شۇ قىسىمنى بېسىڭ

بىرىنچى قىسىم

ئىككىنچى قىسدىم

تۆتىنچى قىسىم

تۆتىنچى قىسىم

بەشىنچى قىسىم

ئالتىنچى قىسىم

يەتتىنچى قىسىم

سەككىزىنچى قىسىم

توققۇزىنچى قىسىم

ئونىنچى قىسىم

ئون بىرىنچى قىسىم

ئون ئىككىنچى قىسىم

ئون ئۈچىنچى قىسىم

ئون تۆتىنچى قىسىم

تارتۇقلاڭ

رەھمەت سىزگە -مېھرىنسا ،مەن ئەكەلگەن سۇدىن بىر ئوتلام ئوتلىغاندىن كېيىن ،ماڭا مىننەتدارلىق نەزىرى بىلەن قاراپ شۇنداق دىگەندىن كېيىن ،يەنە ھېلايىسىنىڭ داۋامىنى سۆزلەشكە تەرەددۇتلاندى-
رەيھان كەتكەندىن كېيىن ،مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنى تىغدەكلا يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم ،چۈنكى ،ماڭا كۆيۈنىدىغان ،چىرايلىق گەپ قىلىدىغان ھېلىقى ئايالنىڭ تەبىئىيتىنى رەيھان ماڭا ئاشكارلاپ بەرگەن ئېدى ،ياتاقتىكى باشقا قىزلارنىڭ ھېچقايسىسىغا دىگۈدەك ئىشەنگىنى بولمايتتى ،ئۇلار بىر-بىرىنىڭ سايىسىدىنمۇ قورقۇپ، ھۈركۈپ يۈرەتتى .
توغرا قېچىشىم ،كېرەك، چوقۇم قېچىپ كېتەي  ،ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ،بۇ قېتىم چوقۇم قېچىپ كېتىمەن -ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەۋەتكەندىن كېيىن ،بىر نەچچە كۈن قانداق قېچىپ كېتىش ھەققىدە باش قاتۇرۇپ يۈردۈم .
ئادىل ھەركۈنى ئالدىمدا ماڭىدۇ، ئارقامدا رەيھان دىگەندەك ،مېنى پايلاپ يۈرىدىغان ئادەمنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ ،ئادىل ،ئاشخانا ،مېھمانخانا ،قەھۋەخانا ،دىگەندەك ئورۇنلاارغا كىرىپ تاكى مالنى تاپشۇرىۋېتىپ چىققانغا قەدەر مەن يالغۇز ھالدا ئۇنى ساقلايمەن، دېمەك، ماڭا قېچىپ كېتىشكە ئىمكان تولۇپ تېشىقلىق دىگەن گەپ ،مۇشۇنداق تۇرسا ،مەن نېمىشقا قېچىپ كېتەلمىگۈدەكمەن، توغرا ،ئادىل ھېلىقى مېھمانخانىدىن ھەممىدىن ئۇزاقتا قايتىپ چىقىدۇ ،ئىشنى ئادىل ئاشۇ مېھمانخانىغا كىرىپ كەتكەندىن باشلاي ،بار كۈچۈم بېلەن يۈگۈرسەملا چوقۇم قېچىپ كېتەلەيمەن، بىراق يېنىمدا بىر موچەن پۇل بوممىسا ،پويىز ئىستانسسى ،ئاپتۇۋۇز بېكىتى دىگەنلەرنى زادى نەدىنمۇ تاپارمەن ؟توغرا بۇنى ئادىلدىن سورىساملا بوممىدىمۇ ،شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن ،ئەتىسى ئادىل بىلەن خۇرۇچ تارقاتقىنى چىققان چېغىمدا ،چاندۇرماستىن ،ئۇنىڭدىن -ئادىل ،بۇ شەھەر ،بەكلا چوڭكەن ،بۇ شەھەردە ۋوگزال ،بىكەت دىگەنلەر كۆپتۇ ھەقاچان -دەپ سورىدۇم .
نېمە ۋوگزال،بىكەت دىگەنلەر جىق بوسا ،قېچىپ كېتىشىڭگە قولاي بولامدىكەن ؟-ئادىل خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا شۇنداق دېدى .
كىم شۇنداق دەيدۇ؟سوراپ باقتىم شۇ، ساڭا دىسەم،مېنىڭ ئۆز ئاپام تۈگەپ كەتكەن ،ئۈگەي ئاپام  مېنى بەك خارلايدۇ، دادام بوسا قىمار ئويناپ ،ھاراق ئىچىپ ،مېنى بىكار تۇرماي ئۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇرتۇم شۇنداق نامىرات تۇرسا ،ئۇ يەرگە قايتىپ ،زۇلۇمغا ئۆزۈمنى تۇتۇپ بېرىپ نېمىمۇ قىلارمەن ،مەن بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم، خىزمىتىممۇ شۇنداق ئاسان، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقالىساملا ،ئاچىنىز نېمە يەينەن دىسەم ،شۇنى بېرىدۇ، بۇنداق تۇرمۇشنى مەن چۈشۈمدىنۇ نىزدەپ تاوالمايمەن قارا -ھودۇقۇپ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ،زورىغا قاملاشتۇرۇپ شۇ گەپلەرئى قىلدىم ،ئۆزۈمنى يالغان گەپ قىلاممايمەن ھەم قىمماينەن دەپ ئويلايتىم ،ئەمما تۇنجى قېتىم ،ئۆزۈمنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يالغان سۆزلىدىم .
ھە ،سەنمۇ خېلى گەپ قىلالايدىكەنسەن ھە مېھرى -دېدى ئادىل كۈلۈپ تۇرۇپ-مەن تېخى سېنى پەقەتلا گەپ قىلاممايدىغان ،كۆڭلىدە قېچىپ كېتىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان گومۇش قىز دەپ يۈرۈپتىمەن ،ساڭا دىسەم قارا مېھرى ،مەنمۇ ئانامدىن كىچىكلا يىتىم قالغان ،ئۆگەي ئانامنىڭ كۆزىگە سىغماي، دادامغا تولا چېقىشتۇرۇپ ،داداممۇ راسىت يالغاننى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۇنىڭ دېگنىنى راسىت قىلىپ ،مېنى ئۇرۇپ تىللاپ ،ئۆيدىن كۆڭلۈم سوۋۇپ كەتكەچكە ،ياخشى ،يامان بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ،جەمىيەتچى بوپ كەتتىم، كېيىن ،بىرنەچچە ئاغىنەمنىڭ ئىچكىرىگە  كىرىپ چىقمايمىزمۇ ،دىگەن گېپى بىلەن ،مانا بۇيەرگە كىرىپ قالدۇق، باشتا ،مەنمۇ سەندەك بىكاغا ئىشلەيدىغان ،لوبەننىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان يۇۋاش بالا ئېدىم، قېچىپ كېتىشنىنۇ ئويلىغان ،بىراق، جاپانىڭ تېگى نالتۇن دەپ،مانا ھازىر لوبەننىڭ غوللۇق ئادىمى بوپ قالدىم ،تېخى ماڭا قىلغان سودامدىن پايدىمۇ ئايرىپ بېرىدۇ ،مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن شۇنداق رازى ،يۇرتۇمغا قايتىپ كېتىشنى ئەسلا ئويلاپمۇ باقمىدىم ،ساڭا دىسەم مېھرى  تىرىشقىن، ماڭا ئەگىشىپ ئوبدان ئىشلە ،شۇنداق قىلساڭلا ،سەنمۇ مەن ئېرىشكەن كۈنگە ئېرىشىپ ،يۇرتۇڭدىكىدەك، بىرسى بىلەن توي قىلىپ، چىرايلىق ئۆي تۇتۇپ ،باياشات ئۆتەلەيسەن .ساڭا دىسەم ،ھېلقى گۈلى ئاچىمىزمۇ سەندەكلا بۇيەرگە ئېقىپ كەپ قالغان، كېيىن لوبەننىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەچكە،قىزلارنى باشقۇرۇۋاتىدۇ، ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ بىر لاۋدا بېلەن توي قىلدى، ئۇنىڭ تېخى ئىككى ياشلىق بالىسىمۇ بار .
ھە رەھمەت ساڭا ئادىل، مەن چوقۇم سەن دىگەندەك قىلىمەن -كۆڭلۈمدە ئۇ دەۋاتقان بۇ ياخشى تۇرمۇشتىن شۇنچىلىك سەسكىنىپ ،بۇرۇنراق قۇتۇلغۇم كېلىپ تۇرسىمۇ ،ئەمما ،ئاغزىمدا يەنىلا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قۇۋۋەتلىدىم .
ئەمدى ساڭا دەپ بىرەي ،بۇ شەھەردە  ۋوگزالدىن ئالتىسى بار ،ئاۋ تەرەپنى بويلاپ ماڭسساڭ ،شىمالى ۋوگزال، شەرق تەرەپكە قاراو ماڭساڭ ،يەنە شەرقى ۋوگزالمۇ بار ،شەھەرنىڭ جەنۇبىدا تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋوگزالىمۇ بار ،بىز داۋاملىق مال ئاپىرىدىغان ھېلقى ئەڭ چەت  مېھمانخانىنىڭ ئەتراپىدا ،لەنجۇغا قاتنايدىغان ۋوگزال بار ،شىنجاڭغا بارىدىغانلار ،شۇيەردىن پويىزغا چىقىپ ،لەنجۇدا ئالمىىشىپ ،ئاندىن شىنجاڭغا بارىدۇ .-ئادىل گەپدان ،بىلەرمەنلىك قىلىشقا ئۇستا بالا بولسا كېرەك، ئۇ شۇنداق دەپ ،ماڭا ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي چۈشەندۈرۈپ كەتتى .
ئادىل ،بولدى قىغىنە ،نېمانداق ،ماڭا چۈشەندۈرۈپ كېتىسەن، مەن يا ساڭا ئۇ ۋوگزالغا بارىمەن دىمسەن، مەن سەندىن بۇ شەھەردە نەچچە ۋوگزال بار دەپ سورىدۇم خالاس ،كاللا ئىشلەتمىسەم بولمايدۇ-دە .مەقسىدىم،شىنجاڭغا بارىدىغان يولنى بىلىۋالغاندىن كېيىن ، ئادىلنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇش ئېدى .
ئادىلدىن شۇ گەپلەرنى سورىۋالغاندىن كېيىن ،بىرنەچچە كۈنگىچە پۇرسەت كۈتتۈم .مەقسىدىم ،قولۇمدىكى خۇرۇچ ئاز قالغان چاغدا ،ئاندىن قېچىپ كېتىش ئېدى  بىراق خۇرۇچ ئاز قالغانچە ،ئادىل شۇنچىلىك تىز قايتىپ چىقىۋاتاتتى، ياكى ،كۆڭلىدىكى ئەندىشە تۈگىگەندەك ،مېنى بىللە باشلاپ كىرىۋاتاتتى .زادى قانداق قىلىشىم كېرەك ؟
توغرا ،ئاشۇ مال بېلەنلا قاچسام بولىدىغۇ،شۇنداق قىلسام، نۇرغۇن ئىنساننى زەھەرلىنىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايمەن ،زەھەر دىگەن بۇ نىجىسنى يوقۇتۇشقا ،ئازراق بولسىمۇ تۆھپە ،قوشالايمەن، شۇنداق تۇرۇپ ،يەنە نېمىشقا ،بۇنى بىللە ئېلىپ قېچىپ دەرياغا تاشلىۋەتمەيمەن -تۇيۇقسىز كاللامغا كەلگەن ،شۇ خېياللارنى تەستىقلاپ ،بىركۈنى ئادىل ئەڭ كۆپ مال تارقىتىدىغان بىر ئاشخانىغا كىرىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،سومكامنى يۈدۈپ، بار كۈچۈم بىلەن دەريا بويىغا قاراپ يۈگۈردۈم، مەقسىدىم ،قولۇمدىكى بۇ نىجىس سومكىنى بالدۇرراق كۆزدىن يوقۇتۇش ئېدى .
ئەنە ئاۋۇ ياقتىكەن ،دەريانىڭ ئۇتەرىپىدىكەن -قولۇمدىكى سومكىنى سۇغا تاشلاش ئۈچۈن تەرەددۇتلىنىپ تۇرسام، ئادىل  بىرنەچچەيلەن بېلەن قارشى تەرپىمدە پەيدا بولۇپ،ئۇلارغا مېنى ئىشارە قىلدى ،كۆۋرۈك خېلى ئۇزۇن  پىيادە ماڭماقمۇ خېلى تەس بوغاچقا ،ئۇلارنىڭ مېنىڭ يېنىمغا كېلىشىگە خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى .
مېھرى ئۇنداق قىمما  سومكىنى ماڭا ،بە ،مەن لوبەنگە دەپ ،سېنى يۇرتۇڭغا يولغا سەپ قوياي-چىرايلىرى تاتىرىپ كەتكەن  ئادىل ،بارا-بارا ماڭا يېقىنلاپ كەلگەچ ماڭا يالۋۇرۇشقا باشلىدى-سومكىنى دەرياغا تاشلىساڭ، سەنمۇ ،مەنمۇ ،ھەر ئىككىلىمىز تەڭلا تۈگشىمىز .
كارىم يوق، بۇ نىجىسنى كۆزاىن يوقۇتىۋەتسەم ،ئۆلسەممۇ رازىمەن -شۇنداق دەپ ،سومكىنى دەرياغا پىررىدە چۆرۈۋەتتىمدە  كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ يۈگۈرەپ كەتتىم، ئۇلار كەينىمدىن قوغلاۋاتاتتى، مەن قېچىۋاتاتتىم، ئۇلارغا تۇتۇلۇپ قالغىنى ئازلا قالاتتىميۇ، يەنە بىر ئاماللارنى قىلىپ قېچىپ كېتەتتىم ،چوقۇم قېچىپ كەت مېھرى ،بۈگۈن قېچىپ كېتەلمىسەڭ ئۆلگۈنۈڭ شۇ ،-ئۆز-ئۆزۈمگە توختىماي شۇنداق دەپ پىچىرلايتتىم .
مېھرى توختا-ئادىل كەينىندە تۇرۇپ ۋاقىراپ قوياتتى -ئۇنى دەرھال تۇتۇڭلار ،بوممىسا ،ئاكامغا ھېچقايسىنىز جاۋاب بېرىپ بولاممايمىز –
ئاخىرى مىڭ تەسلىكتە ھېلىقى ۋوگزالغا كېلىۋالدىم ،ئەمدى  ھەممە ئۈمۈت ،ۋوگزالغا قانداق كىرىۋېلىپ، پويىزغا قانداق چىقىۋېلىشمدىلا قالغان ئېدى،ئەگەر بۈگۈن پويىزغا چىقۋالالىسام، چوقۇم يۇرتۇمغا قايتىپ كېتەلەيتتىم .
زۇۋانىڭنى چىقارما ،زۇۋانىڭنى چىقارساڭلا ئۆلىسەن -ۋوگزالنىڭ  كىرىش ئىشىكىگە يېقىنلاپ كېلىشىمگە ئەگىشىپ،بەسىتلىك كەلگەن بىر ئەر شۇنداق دەپلا،ئاغزىمنى مەھكەم  ئېتىپ ،بىقىنىمغا پىچاقنى نىختىدى .خۇددى چىڭراق بىرنى تىنىپ قالساممۇ، پىچاق بىقنىمغا كىرىپ كېتىدىغاندەكلا ئېدى ،ھېچقاچاندا قوقمايدىغان ئادەم، شۇ ۋاقىتتا ،قوقۇپ  زۇۋانىم سىرتىمغا چىقمايلا قالدى.مەن ھوشۇمنى تېپىپ ،ئىككى تەرپىمگە قارىغان چېغىمدا ،ئاللىقاچان، ئەينەكلىرى قاپقارا بىر ماشنىنىڭ ئىچىدە تۇراتتىم، ئىككى تەرپىمدە قاۋۇل ئىككى ئادەم، مېنى مەھكەم تۇتۇپ ئولتۇراتتى .
مېھرى ،ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ، ماڭىمۇ قىلدىڭ، ئەمدى ئاكام ھەر ئىككىلمىزنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغان بولدى -ئادىل ماشنىنىڭ نالدىدا ئولتۇرۇپ ،ھۆڭۈرەپ يىغلىغاچ جاقىلداپ تىترەپ تۇرۇپ،ماڭا تاپا -تەنا قىلىۋاتاتتى -نېمىشقا زادى نېمىشقا شۇنچىۋالا مالنى دەرياغا تاشلىۋېتىسەن، سېنى يۈز قېتىم ساتسىمۇ ،شۇ مالنىڭ پۇلىنى تېپىپ بېرەلمەيسەن مېھرى -ئالدىك ئەسەبىيلىشىپ ،كەينىگە بۇرلۇپلا ،چاچلىرىمدىن تۇتقىنىچە  ماشنىنىڭ كەينى تەرپىگە نەچچىنى ئۈستۈرىۋەتتى -سەن ئاكامنى تاپاممايدۇ ،دەپ ئويلاپ قاغانمىدىڭ ،ئاكامنىڭ ئاسماننىڭ قەھرىدىمۇ ،يەرنىڭ تېگىدىمۇ ئادىمى بار جېنىم مېھرى، تېخى ساڭا ئىشىنىپ ،كەلگۈسىدە ،سەن بىلەن توي قىلىپ ،بەخىتلىك ئائىلە قۇرارمەنكىن دەپ ئويلاپ كېتىپتىمەن ،خام -خېيال قىپتىمەن .
ساڭىما ،مەن سەن بىلەن بەخىتلىك ئائىلە قۇرامدىم ،ئۆلگىنىم ياخشى مېنىڭ ،سەندەك قولى قىپقىزىل قان بىلەن بۇيالغان رەزىل ئەبلەخ بىلەن  بىر ئۆمۈر ئۆتەمدىم، مەن بىر سەبىي قىزبالا تېخى ئادىل ،سەندە ئازراق ۋىجدان بولدىغان بولسا مېنى سىڭلىڭ نورنىدا قوغدىغان بولساڭ توغرا بولاتتى ،بىلدىڭمۇ ؟-
سەن تېخى ماڭا ۋىجداندىن سۆز ئېچىۋاتامسەن، بۇ دۇنيادا ۋىجدان دەيدىغان گەپ  بامىكەن ،-ئادىل كۆزلىرىگە قان تولغان ھالدا گېلىمنى سىقتى –
ئاكامنىڭ بۇيرىقى بار ،بولدى قىل، ئۇنى چوقۇم تىرىك قايتۇرۇپ كەل ،دىگەن ،ئەمدى بولدى قىل-يېنىمدىكى ئىككىسى شۇنداق دەپ،ئادىلنى توسىۋالدى .
سىلەر چىقىپ كېتىڭلار -ھېلىقى ئۇۋىغا كەلگەندىن كېيىن ،ئۇلار مېنى يەر ئاستىدىكى بىر قاراڭغۇ ئۆيگە ئەكىرىپ تاشلىدى .گۈلى دىگەن ھېلىقى ئايال ،تاراقلاپ ماڭغىنىچە ،مېنىڭ يېنىمغا كىرىپ، باشقىلارنى چىقرىۋەتتى .
ئىززىتىڭنى قىلغاننى بىلمەيدىكەنسەن ،شۇنچە چىرايلىق ئىززەتلىسەم، بىزگە ئاشۇنداق يۈزسىزلىكنىمۇ قىلامسەن ؟قارا ،گۈزەللىكىڭگە  گۈلدەك جامالىڭغا ،كىچىك تۇرۇپلا ھەممىدىن ئايرىلىدىغان بولدۇڭ-ئايال گەپنى سىلىق باشلاپ ،يۈز كۆزلىرىمنى سىلىدى -مالنى قانداق قىلدىڭ -ئاندىن تۇيۇقسىز ئەسەبىيلىشىپ ۋارقىراپ كەتتى -بىلەمسەن ،قانجۇق ،ئۇ مالغا سەندەك پاسكىنىدىن ئونى كېلەتتى ،بىزنى دەسمىرىمىزدىن ئايرىماقچىمىدىڭ قانجۇق ،-تۇيۇقسىزلا كۆز ئالدىمدا ،خۇددى بىر تىرىك ئالۋاستى پەيدا بولغاندەك، ئايال ،ئەسەبىيلەشكىنىچە ،مېنى قالايمىقان تېپىپ ،ئۇرۇپ ،،ئاغزىغا  كەلگەن قالايمىقان تىللار بىلەن تىللاپ ،چاچلىرىمدىن يۇلۇشقا باشلىدى –
ئۇف ،ئۆزەڭنى تۈزەشتۈر ،-ئۇ خېلى ئۇزاق ئۇرغان  بولسىمۇ ،يىغلىمىدىم ،ۋايجانمۇ دىمىدىم ،بىر ھازادىن كېيىن ،ئۇ ئۆزى چارچىغان بولسا كېرەك، شۇنداق دەپ ،ئۇرۇشتىن توختىدى -يۈزۈڭگە نېمىشقا ئۇرمىدۇم بىلەمسەن، ؟ئەسلىدە سەندەك قانجۇقنى مۇشۇ بالىلارغىلا تۇتۇپ بەرسەم بولاتتى ،بىراق ،سەن ئارقىلىق پۇل تاپمىسام بوممايدۇ، ئادەمگەرچىلىك قىلغاننىڭ بىلمىدىڭ، ئەمدى تېنىڭ ئارقىلىق زىياننى تولدۇرىسەن –
ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ ،مېنى بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ،يۇيۇندۇرۇشقا باشلىدى.
ھەدە سىزدىن ئۆتۈنەي ،مەن سىزنىڭ قىزىڭىزدەك ،سىڭلىڭىزدەك،ئادەم،ماڭا رەھىم قىلىڭ ،مېنى پاك ياشىغىنى قويۇڭ، مەن سىزگە ئات ئىشەكتەك بىر ئۆمۈر ئىشلەپ قەرزىمنى تۆلەي -شۇ پەيتلەردە ھېلىقى نىجىسنى تاشلىۋەتمىگەن بولسام ،مۇشۇ كۈنگە قالماس ئېدىم، دەوپ،پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم.
بۇ گەپلەرنى  ماڭا ساتقىنلىق قىلىشتىن ئاۋال دىيىشىڭ كېرەكتى، ئەمدى كىچىكتىڭ -ئايال خۇددى يۈز-كۆزۈمگە گىرىپ قىلماي ،پىچاق بىلەن تىلىپ تاشلاۋاتقاندەك ،ئاچچىق تولغىناتتىم، چۈنكى گىرىمىم پۈتسىلا ،پاكلىقىمدىن ئايرىلىدىغان بىر جايغا ،خۇددى رەيھانغا ئوخشاشلا پالىۋېتىلىدىغانلىقىم ماڭا ئوبدان ئايان ئېدى .
ئاچا ،مېنى قويۇۋېتىڭ، سىزدىن ئۆتۈنەي ،مېنى سېتىۋەتمەڭ -ئايالغا  يىغلاپ يالۋڭرىۋاتقان چېغىمدا ،تۇيۇقسىزلا  ،دەرىزىدىن ماراۋاتقدن كىچىككىنە بىر  بالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى -ئاچا بالىڭىز دەرىزىدن قاراۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە ماڭا قىلغانلىرىڭىز ،بالىڭىزغا يېنىپ قاممىسۇن.
بالامنى ئاغزىڭغا ئامما ۋۇ قانجۇق ،مېنىڭ ئوغلۇم ھەرگىز سېنى دوراپ قاممايدۇ .
يالۋۇرۇشۇم ،ئەسكەرتىشىم ،ئايالغا  تەسىر قىممىددى ، ،شۇ
،ئەمما ،ماڭا ،شۇ ئايانكى، ئايال ھامان ،ماڭا قىلغانلىرىنىڭ دەردىنى تارتىدۇ، ئۇنىڭ بالىسى ،مۇشۇ شارائىتتا چوڭ بولسا ،زادى نېمە بومماقچى ،ئۆزى يامان ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنە باللىرىنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بۇ نادەملەرگە ،زادى نېمە دىگۈلۈك .
گۈزۈلۈم ،بۈگۈن سەن مېنىڭ بولدۇڭ، ساڭا خېلى كۆپ پۇل خەجلىدىم ،شۇڭا ،ماڭا پۇلۇمنىڭ دەردىنى چىقرىۋالغۇدەك بىر راھەت ئاتا قىممىساڭ بوممايدۇ -قان يىغلاشلىرىمغا پەرۋامۇ قىمماستىن ،رەيھاننى ئېلىپ ماڭغان پاينەكباشلار ،مېنى ماشنىغا بېسىپ ،بىر مقاراڭغۇ كوچىدىكى ميېپىق شەكىلدىكى بىر مېھمانخانىغا ئەكىرىپ ،بىر ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ قويغاندىن كېيىن ،كېتىپ قالدى ،ياتاقتا ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ياتقان بىر ئەر ماڭا قاراپ تۇراتتى ،ئۇ ئاچكۆز بۆرىدەك ،ماڭا قاراپ ئېتىلىپ ،شۇ گەپلەرنى دىگەچ ،ئۇدۇل كەلگەن يېرىمگە ئاچكۆزلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى .
يالۋۇردۇم ،يىغلىدىم ،قاخشىدىم ،كىيىملىرىنى يىرتتىم ،ئۇ ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي مېنى ئۇرۇپ ،ھوشۇمدىن كەتكۈزىۋەتتى .
ھوشۇمغا كەلگىنىمدە ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ،ھېلىقى مەلئۇننىڭ قوينىدا يېتىپتىمەن ،شۇنداق قىلىپ، 14ياشلىق بىر سەبىي قىزچاق ،پاكلىقىدىن ،بارلىقىدىن ،ئايرىلدى، شۇنىڭدىن تارتىپ ،ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدلىرى ،ئىشەنچى ،ھەمممىسى  بىراقلا يوقالدى،ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆلدى .
مېھرىنسا سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگىنىدە  يوغان ،،يوغان تىنغىنىچە كۆزلىرىنى يۇمۇپ يېتىۋالدى، تولا يىغلىغانلىقتىن بولسا كېرەك  ،ئۇنىڭ نەپسى پەقەتلا يېتىشمەي قېلىۋاتاتتى .
دوختۇر،دوختۇر-دوختۇرنى چاقىردىم ،دوختۇر كىرىپ ،ئوكسىگىن شىلانكىسىنى  مېھرىنسانىڭ بۇرنىغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن ،ئۇ تىنىچلىنىپ ئۇخلاپ قالدى ،ئۈنسىز ھالەتتە ،مېھرىنسانىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتىم .
بەزى ئەركەكلەر ئۈچۈن جىنسىيەت شۇنچە مۇھىممۇ، ئۇلارنىڭ نەپسى نېمە ئۈچۈن ،كىچىككەن ،سەبىيكەن دېمەيدۇ .
ئاھ مېھرىنسا  ،14يېشىڭىزدا ،شۇ دەرتلەرگە قانداقمۇ چىدىغانسىز ؟سىشگە ئېچىنىمەن  ،ئىچىم ئاغرىيدۇ، بىراق ،مېنى كەچۈرۈڭ، ئەمدى ،سىزگە ھەرگىز ئەر بولاممايمەن  .چۈنكى مەن نۇرغۇن ئەركەكلەرگە ئوخشاشلا ،پاكلىققا ئىنتىلىدىغان ،بىر ئەركەك ،پاكىز ئېچىلغان گۈل ئۈچۈن سايرايدىغان بۇلبۇل

赞(0) 打赏
版权说明:文章来自网友分享,仅供读者参考,并请自行核实相关内容微信资源搜索 » ئاۋازلىق-ئايالىمنىڭ ئەپتى بەشرىسى16

评论 抢沙发

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址

觉得文章有用就打赏一下文章作者

支付宝扫一扫打赏

微信扫一扫打赏