有价值的文章
才值得我们收藏

ئايالىمنىڭ ئەپتى-بەشرىسى18

ئايالىمنىڭ 18

قەدىرلىك ئاڭلىغۇچى ۋە ئوقۇرمەن دوسىتلارئاپتورىمىز تاھىرجان يۈسۈپ سىزلەرنىڭ بىزنى قوللىشىڭىزلار ئۈچۈن،ئاۋازلىق ئەسەرلىرىمىزنى ئورگان سالونىمىز بولغان ئەدىپلەر سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئاڭلاشقا ۋە ئوقۇشقا ئەسكەرتىدۇ

سالونىمىزنىڭ ئىلتىماسى-قەدىرلىك ئوقۇرمەن ۋە ئاڭلىغۇچى دوسىتلار سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارسىز سالونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىدىن ئېغىز ئاچقىنى بوممايدۇ،سالونىمىزنىڭ بۈگۈنى دەل سىلەرنىڭ قوللىشىڭلاردۇر،ئەمما يېقىندىن بۇيان قوللاش بەكلا تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ،مەيلى تېما تارقىلىشى ۋە ئاستىدىكى سۈرۈتلىك ئېلان چېكىش قاتارلىقلار بولسۇن، بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ،بىز سۈرۈشتۈردۇق، ئادەتتىكى بىر مەينەت نەرسە يوللايدىغان سالونلاردىمۇ ،3-،5،پىرسەنتكىچە ئادەم تېمىلارنى ھەمبەھىرلەپ تارقىتىدىكەن ۋە ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىدىكەن،ئەگەر بىزنىڭ سالون داۋاملىق مۇشۇنداق قوللاش تۆۋەن بولۇۋەرسە سىلەرنىڭچە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەر،سەمىمىي ئۆتۈنۈشىمىز قەدىردانلار، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنىڭ رۇياپقا چىقىشى ئۈچۈن، ئەدىپلەرنى قوللاپ قويۇڭلار،تېمىلارنى چەمبىرەك ۋە توپلاردا يوللاپ، ئەڭ ئاستىندىكى ئېلاننى چىكىپ قويساڭلار

ئالدىنقى قىسىملارنى بۇيەردىن ئاڭلاڭ، قايسى قىسىمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز شۇ قىسىمنى بېسىڭ

بىرىنچى قىسىم

ئىككىنچى قىسدىم

تۆتىنچى قىسىم

تۆتىنچى قىسىم

بەشىنچى قىسىم

ئالتىنچى قىسىم

يەتتىنچى قىسىم

سەككىزىنچى قىسىم

توققۇزىنچى قىسىم

ئونىنچى قىسىم

ئون بىرىنچى قىسىم

ئون ئىككىنچى قىسىم

ئون ئۈچىنچى قىسىم

ئون تۆتىنچى قىسىم

ئون بەشىنچى قىسىم

ئون ئالتىنچى قىسىم

ئون يەتتىنچى قىسىم

تارتۇقلاڭ

ئەگەر ،مېھرىنسادا ئۇ كېسەل بولغان بولسا ،توي خېتىدىن ئاۋۋالقى تەكشۈرتۈش ،ھېچ بوممىغاندا ،بۇ قېتىم دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردىن ئاللىقاچان مەلۇم بوپ بولغان بولاتتى، ئەگەر ئۇنىڭدا ئاشۇنداق بىرەخىل كىسەل بوولغان بولسا ،دوختۇر چوقۇم بىزگە ئالدىن ئۇقتۇرغان بولاتتى ،دېمەك ئۇنىڭ بۇنداق كىسەل ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ،ئاللىقاچان نەچچە ھايۋاننىڭ نەپسىگە تاشلانغان بىر ئايال بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق بىللە ياشىغىنىمغا زادى نېمە دىگۈلۈك، بۇ دەرتنى ،بۇ ھاقارەتنى، سۇنغان غورۇرۇمنى زادى قانداق قىلىپ ئورنىغا كەلتۈرگۈلۈك .
ئوغلۇم ،بېرىپ مېھرىنسانى يوقللاپ كەلگىن ،مەن بۇياقتىن ياتاقتىن يېنىپ چىقسام، سەن ئۇياقتىن ،دوختۇرخانىغا بېرىشنى توختاتساڭ، باشقىلار نېمە دەيدۇ، مېھرىنسا نېمىلا دىگەن بىلەن بىزنىڭ ئۆيدە يارىلانغان ،مەسئۇلىيەتنى ئۆزئۈستىمىزگە ئېلىش مەجبۇرىيتىمىز بار –
ئەتىسى ،ئەتىگەن ئانام شۇنداق دەپ ،مېنى مېھرىنسانىڭ يېنىغا بېرىشقا زورلىدى ،ئەسلىدە مېھرىنسانىڭ چىرايىنىمۇ كۆرگۈم يوق ،لېكىن ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قىزىقىمەن، چۈنكى ،مەن تېخى مېھرىنسانىڭ تەقدىرىدىن ،ئۇنىڭ بىر سەبىي يارىلانغان، پاك قەلب ئىكەنلىكىنىلا ھېس قىلدىم، تېخى ئۇنىڭ شۇقەدەر رەزىل بولۇپ ،ئۆزگىرىشىگە سەۋەبچى بولغان ئامىلنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىگە جاۋاب تاپقىنىم يوق .
كەلدىڭىزمۇ ئەنۋەر ،مېنى ھەركۈنى يوقلاپ كېلىۋاتىسىز ،سىزدىن ئىنتايىن مەمنۇنمەن  ،نېمە دەپ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرشۈمنىمۇ ھەم بىلمەيۋاتىمەن -مەن دوختۇرخانىغا كىرىپ ،مېھرىنسانىڭ يېنىغا كىرگەندىن كېيىن ،ئۇ مېنى كۆرۈپ ،سەل تىكلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ،سۆز باشلىدى -سىزگە ،ئۆزۈمنىڭ شەرمەندە تارىخمنى سۆزلەشتىن نۇمۇسمۇ قىلمايۋاتىمەن، ئەمما ،بۇ شەرمەندە تارىخ بۈگۈنكى مېھرىنسانى مەيدانغا كەلتۈرگەن شۇڭا،سىز چوقۇم بۇبشەرمەندە تارخىتىن خەۋەر تېپشىڭىز كېرەك ،-مېھرىنسا بىر ئاز كۆز يېشى قىلغاندىن كېيىن ،ھېكايىسىنى داۋام قىلدى –
مەن ئۈچۈن بىردىنبىر تاللاش ،ئادىل بىلەن توي قىلىش ئېدى ،چۈنكى مەن ئادىل بىلەن توي قىلمىسام ،ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ئازابلىق قىسمەتلەرگە ئۇچرايدىغىنىم ئېنىق ئېدى ،شۇڭا ئامالسىز  ھامان بىركۈنى بېشىمدا بار كۈنكەن، ئەمدى قېچىپ كەتسەممۇ، بۇ بۇلغانغان تېنىمنى كۆتۈرۈپ،يۇرتۇمغا قانداق بارىمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە ،ئادىلنىڭ يېنىدا قېلىپ ،ماڭا مۇشۇ شۇم قىسمەتلەرنى سوۋغا ئەتكەنلەردىن ئۆچۈمنى ئالاي .
شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن ،ئادىلغا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم .
گۈلى بېلەن ھېلىقى ما لوبەن ،ئادىل ئىككىمىزگە ئاددىيغىنە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى، بىز ھەتتا توي خېتىمۇ ئالماستىن بىر ھۇجرىغا  كىرىپ،ئەر -خوتۇن بولدۇق .
گەرچە ئادىل بىلەن ئەر خوتۇن بولغان بولساممۇ، كۆڭلۈمدە ،يەنىلا بىر دۇغ بار ئېدى، چۈنكى ئادىل مېنىڭ پاكلىقىمنى يوقاتقان بىر ئايال ئىكەنلىكىمنى ئوبدان بىلەتتى، ئەگەر ئۇ مۇشۇنى تۇتقا قىلىۋېلىپ ،ئېشىۋالىدىغانلا بولسا ،مەن پەقەت ئۇنىڭ بىر ئېغىز ،يوقال دىگەن سۆزى بىلەنلا ،يېنىدىن كېتىشكە مەجبۇر بولاتتىم .
ئۇ چاغلاردا خېلىلا كىچىك ھەم ساددا بولسام كېرەك، توي قىلىپ بىر نەچچە كۈنگىچە شۇ خىل ئەندىشە بىلەن ئۆتكەن بولساممۇ، ئەمما كېيىنچە ،ئادىلنىڭ ئۇ ئىشنى يۈزۈمگە سامماستىن ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىغا ئەگىشىپ ،ھەممە ئەندىشەمنى بارا-بارا ئېسىمدىن چىقرىپ ،بارلىق زېھنىمنى ئادىلنى جىنايەت يولىدىن قايتۇرۇشقا قارىتىپتىمەن .
سېنىڭ نېمە كارىڭ مېھرى، سەن مەن تېپىپ بەرگەننى شۇك يەپ يېتىشنى بىلسەڭلا بولدى ،ھېلىمۇ سېنى توي قىلغاندىن بېرى ئارتۇق ئىشقا ساممىدىم، ھازىر مەن ئاكامنىڭ خېلىلا كۆزىگە كۆرۈنۈپ قالدىم ،ھازىر ھەتتا پاينەكلەرمۇ مېنى ئاكا دەپ چاقىرىشىدۇ، سېنىڭچە ،مەن ،بۇ ئىمتىيازلاردىن مۇشۇنداقلا ۋاز كېچىشىم كېرەكمۇ ،سىڭگەن نېنىڭنى يە مېھرى -ئادىل مېنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىمگە ئاشۇنداق دەپلا جاۋاب بېرەتتى .
ئارىدىن يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن يەنە بىر ياش چوڭ بولدۇم، ئەقىل تاپتىم، گەرچە ئادىلنى قىلچىلىك ياخشى كۆمىسەممۇ ،ئۇنى شاپائەتچىم قاتارىدا كۆرۈپ،خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ،ئۇنىڭغا بىر ياخشى خوتۇن بولۇشقا تىرىشتىم .
ۋۇي ،نېمە بولدىڭىز ،ئۈستى بېشىڭىز نېمانچە قانغا تولۇپ كەتتى، گەپ قىلىڭە ئادىل ،سىزگە زادى نېمە بولدى -بىركۈنى ئادىل ئۇۋىغا ئۈستى بېشى قانغا مىلەنگەن ھالدا كىرىپ كەلدى ،ئۇنى كۆرۈپ ،شۇمداق قورقۇپ كەتتىم .
ھېچقىسى يوق مېھرى، بىر سودىدا ،ئۇرۇش چىقىپ قالدى ،ئاكامنى قۇتقۇزىمەن دەپ  يارىلاندىم ،بۇ قېتىم ،ئاكامنىڭ راۋۇرۇس ئىشەنچىگە ئېرىشتىم، ئەمدى ئۇ مېنى تېخىمۇ ئەتىۋالايدىغان بولىدۇ -ئادىل جېنىنىڭ ئاغرىقى بىلەنمۇ كارى بومماستىن شۇنداق دېدى .
ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ نەسىھەت قىلدىم ،ئەمما ھېچ پايدىسى بوممىدى .
ئاكا ،خاتىرجەم بولۇڭ ،ئۇلارنى چوقۇم ،بىخەتەر بۇيەرگە ئېلىپ كېلىپ قولىڭىزغا تاپشۇرىمەن، ناھايىتى بەش بالىكەنغۇ شۇ، بولدى ئەنسىرىمەي ماڭا تاپشۇرۇڭ-ئادىل راستىنلا  لوبەننىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن بولسا كېرەك، ئۇ تېخى تۈزۈكرەك ساقايماستىنلا ،لوبەن ئۇنى چاقىرىپ چىقىپ كەتتى، نىمىش قىلىدۇ قېنى دەپ،ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن چىقىۋىدىم ،ما لوبەن ئادىلغا پىچىېلاپ بىرنىملەرنى دىگەندىن كېيىن ،ئادىلنىڭ دىگەن شۇ گەپلىرى ئېنىقلا قۇلقۇمغا كىرىپ قالدى .
ماڭە ماياققا -ما لوبەننىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقىۋاتقان ئادىل ،مېنى قولۇمدىن تارتىپلا ،ياتاققا سۆرەپ دىگۈدەك ئەكىرىپ كەتتى .
ئادىل ،ئەمدى ئادەم ساتامسىز ،سىز قىممىغان شۇ ئىش قاغابمۇ، سىزنىڭ ھەم مېنىڭ تەقدىرىمنى نېمىشقا ئويلىمايسىز ؟ئۇنداق قىمماڭ، نارسىدىلەرنىڭ ئۇۋالىغا قالىسىز ؟-ئۇنىڭغا يالۋۇردۇم ،
سېنىڭ نېمە كارىڭ بار ،مەن ساڭد ئىشىڭنى قىل دىدىم مېھرى ،ئىشىڭنى قىل ،ئاكام بۇيرىغان ئىشقا ياق دەمدىمەن، ئۇ ماڭا ئىشەنمىسە شۇ ئىشنى بۇيرۇمتى، مەن دىگەن ئوغۇلبالا  مېھرى، ئوغۇلبالا ئەركەك دىگەن ھەرقانداق ئىشتىن يانماسلىقى كېرەك، ئۇ بەش بالا بىزنىڭ ئېلىپ كېتىشىمىزنى ساقلاۋاتقىنى بىر ھەپتە بوپتۇ، ۋاقتىدا ئېلىپ  كەممىساك، ساقچىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ قالسا چاتاق بولىدۇ ،ئەگەر مەن بامايمەن دىسەم، ئاكام باشقىلارنى ئەۋەتىدۇ، مەن ئاكامنىڭ ئىشەنچىدىن قالىمەن، ھازىر مەن  ئاكامنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى، مېنىڭ بۇ ئىمتىيازدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق، شۇڭا سەن خوتۇنكىشىلىكىڭنى قىل -ئادىل سۆزلىرىمنى قىرىغىمۇ ئاممىدى.
ئادىل ،گەرچە يېشىم كىچىك بولسىمۇ ،مەن كۆرگەن كۈنلەر بەزىلەرنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئازابىنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ، ئەقلىڭنى تاپقىن ،سەن مەندىن چوڭ ،ئەركەك بولغان ئىكەنسەن ،ئەركەكتەك ياشا ،بىر ئەركاك تۇرۇپ ،نارسىدە بالىلارنى ،ئاجىز قىزلارنى ئېلىپ ساتساڭ قانداق بولىدۇ ،نېمىشقا ،ئەركىشىدەك ياشىمايسەن، مەندەك بىر سەبىي قىزنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغىنىڭ يەتمەمدۇ ئەجەبا -ئۆزۈمنى تۇتۇۋالامماي سۆزلەپ كەتتىم .
سەن تېخى ماڭا ۋېجدان ،غورۇردىن سۆز ئېچىۋاتامسەن ،مەن تېخى سېنىڭ ھدياتىڭنى نابۇت قىلدىممۇ -ئادىل كۆزلىرىگە قان تولغان ھالدا دىۋەيلەپ كەلدى-سەن بۇزۇق،رەسۋانىڭ ھاياتىنى مەن قۇتۇلدۇرۇپ قالدىم ئوبدان بىلىۋال، سەن نابۇت بولغىنىڭنىڭ ھەققىنى  ھېلىقى ياتاقتا سىنى بىر كىچە خوتۇن قىپ چىققان بايۋەتچىدىن ،قاراڭغۇ ئۆيدە لەززىتىڭنى سۈرگەن ،بەش ئەرقەكتىن سورا ،مەن تېخى سېنى خەقتىن ئاشقانكەن دېمەي ،خوتۇن قىلىپ قۇتۇلدۇرۇپ قويسام ،نېمانداق، نەچچە يىلنىڭ ياقى ئەقلىڭنى تاپمايسەن ،ۋۇ بۇزۇق ،سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ،ھەممىسى مېنى ئىتقا ئوخشىتىدۇ بىلەمسەن، سەن خەقتىن ئېشىپ تاشقان، خەق شۈمۈپ تاشلەۋەتكەن ئىت بوغاچقا ،ھەممىسىنىڭ ئاغزىدا مەن بىر كۈچۈك، مەن شۇنچىۋالا ھاقارەتكە چىداپ كېلىۋاتسام، تېخى  مېنى ھاقارەتلەۋاتىسەنيا -ئەنسىرىگەن كۈنۈم ئاخىرى بېشىمغا كەلدى، ئادىل ،مېنى قالايمىقان ئۇرۇپ تېپىپ، شۇگەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن ،چىقىپ كەتتى .شۇ پېتى ئادىلنى ساق بىر ئايغىچە كۆرمىدىم،ئەمما ئۇنىڭ ھېلىقى سۆزلىرى يۈرىكىمنى تىترىتىپ ،بىر مىنۇتمۇ ئەس يادىمدىن چىقمىدى ،توغرا ،مەن بىر ئىپپىتى بۇزۇلغان قىز، بۇزۇلغاندىمۇ، ئەڭ رەزىل، ئەڭ پەس ئۇسۇل بىلەن بۇزۇلغان قىز ،،ئادىلدىن ئاغرىنىشقا ھەققىم بارمۇ؟
 ،بىر ئايدىن كېيىن ،ئۇ سەبى بەش بالىنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى ،بۇ بەش بالىنىڭ ،ئۈچىنى ما لوبەن سېتىۋەتتى، ئىككىسىنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن ئەپ قالدى .
كېتىش ئالدىدا دىگەنلىرىم ئېغىر كەلگەن بولسا كېرەك ،ئادىل قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،مېنىڭ يېنىمغا كىرىپمۇ قويمىدى ،ماڭا تۈزۈكرەك گەپمۇ قىمماي يەنا بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى .
بىر ئايدىن كېيىن ،كۆڭلۈم ئاينىپ ،ئاشقازىنىم بىئارام بولۇپ  كۆڭلۈم ھەرخىل نەرسىلەرنى تارتىدىغان بولۇپ قالدى .
بويۇڭدا قاغان بوممىسۇن يەنە ،مەن دورىخانىغا چىقىپ ،ساڭا تەكشۈرىدىغان نەرسە ئەكىرىپ بىرەي -گۈلى دىگەن خوتۇن ،دوختۇرخانىغا بېرىپ باقماقچى بولۇپ ،سورىغان رۇخسىتىمگە شۇنداق دەپ ،ئالدىمنى توسۇپ ،جاۋاب بېرىپ ،دورىخانىدىن ،ھانىلدارلىقنى تەكشۈرىدىغان بىرنەرسىنى ئېلىپ كىردى .
دەرۋەقە ھامىلدار بولۇپ قالغان ئېدىم، ئۆزۈممۇ بىر بالا تۇرۇپ ،يەنە بىر بالىغا ھامىلدار بوغىنىندىن قىلچىلىك خۇشال بولاممىدىم،دېمىسىمۇ ،مۇشۇ ئۇۋىدا ،بىر بالد تۇغسان، ئۇ كەلگۈسىدا زادى نېمە بولۇپ چوڭ بومماقچى .
چۈشىرىۋەت ،بۇ بالىنى بۈگۈنلا چۈشىرىۋەت ،گۈلىگە دەپ قويدۇم، ئۇ ساڭا ھامىلە چۈشۈرىدىغان دورا ئەكىرىپ بېرىدۇ، بالاڭ ،ئىككى ئاينىڭ ياقى ساڭا يېقىن كەممىسەم كىمدىن تاپىان بالا بۇ ،كىم بىلىدۇ، سەن بۇزۇقنى -ئادىل نەدىن خەۋەر تاپقانكىن تاڭ ،كىرىپلا شۇنداق دەپ ،ماڭا ۋاقىراپ جاقىراپ كەتتى.
نېمە دەۋاتىسەن، بۇ بالا ئېنىقلا سېنىڭ ،مەن ئاشۇ كۈندىن بۇيان ،ئۆزۈمگە ئەركەك چىۋىننىمۇ قوندۇرۇپ باقمىدىم ،سەن مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ، -ئادىلنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قاغاندىن كېيىن ،شۇنداق دەپ ئېتىراز بىلدۈردۈم -ساڭا دەپ قوياي بۇ بالا سېنىڭ بالاڭ،مەيلى ئىتراو قىل ياكى قىمما ،بۇ بالىنى تۇغقىنىم تۇغقان -ئاغزىمدىن بۇ گەپلەرنىڭ قانداق چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قالدىم ،ئەمما شۇ دەمدە ،شۇ بىر ئېغىز گەو ئاغزىمدىن چىقىۋاتقىنىدا ،قورسىقىمدىكى ئاشۇ سەبىي بالىغا پەيدا بولغان بىرخىل مۇھەببەت يۈرىكىمنى يىنىككىنە تىترىتىۋەتتى .
تۇغامسەن،دىگنە يەنە تۇغامسەن -سۆزۈمنى ئاخىرى تۈگمەي تۇرۇپلا ،ئادىلنىڭ قورسىقىمغىلا قاتتىق بىر مۇشىت سالدى ،ئاچچىق چىرقىرغىنىمچە ،قورسىقىمنى چاڭگاللاپ تۈگۈلۈپلا يېتىپ قالدىم، ئىككى پۇتۇمنى ئارىسىدىن قان سىرغىپ چىقتى .
بويۇمدىن ئاجراپ كەتتى دەپ چۈشەندىمدە ،زۇۋابمۇ سۈرمەستىن يېتىۋالدىم، ئالدىمدا ،ئادەم ئەمەس خۇددى ئۆز بالسىنى يەيدىغان ياۋۇز ئالۋاستى تۇرۇۋاتقاندەك،ئادىلغا يىرگىنىچ نەزرىدە قاراپ قويدۇم ،ئادىل چىقىپ كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ،ئۇ سىرلىقلىشىپ، خۇددى ماڭا يات بىر ئادەمگە مۇئانىلە قىلىدىغاندەكلا ،مەندىن بىر ئىشلارنى يوشۇرىدىغان بولۇۋالدى .
ئارىدىن يەنا بىر  ئاي ئۆتۈپ كەتتى ،قورسىقۇم ،ئوبدانلا تومپىيوپ قېلىۋاتاتتى، قارىغان ھېلىقى كۈنى بالام چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا ،كېرەك، تېخى يەيدىغان رىسقىڭ باركەن جېنىم بالام، ساق قاپسەن ،-ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دىگەندىن كېيىن ،بۇ بالىنى تۇغۇشنى قارار قىلىپ، قورسىقىمنى مەھكەم تاڭدىم .
قەدىرلىكىم ،مېنىڭ ھەممە نېمەم سىزنىڭ ،مەن سىزنى سۈيىمەن، مەن پەقەتلا بىر سىزنىڭ -ئارىدىن يەنە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ،تۇيۇقسىزلا ،بىز سىرىتقا چىقالمايدىغان بۇ ئۇۋىنىڭ دەرىزىسىدىن ،دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ،بىر ئايال بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرغان ئادىلنىڭ  سۆزلىرى قۇلقۇمغا كىرىپ قالدى، ئۇنى ياخشى كۆمەينەن دىگنىم بىلەن، ئۇنىڭ مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قاغىنىدىن ،ئۇنى بۇيەردىكى بىردىنبىر ۋىجدابلىق ئادەم، مۇشۇ قورسىقىمدىكى بالامنى تۇغساملد ،چوقۇم ،قايتىدىن ئادەم بولۇپ ،مەن بىلەن يىراقلارغا كېتىپ ،بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، دەپ خام-خېياللارنىمۇ قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئېدىم ،ئەمما  ئۇنىڭ ئۇ ئايال بىلەن دىيىشكەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يېرىم يىلنىڭ ياقى نېمىشقا ،ماڭا يېقىن كەممىگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم .
ئادىل ئېيتە ،ئۇ پەستىكى ئايال زادى كىم، نېمىشقا ئۆزۈڭدىن چوڭ ئايال بىلەن تېپشىۋالدىڭ ،ئاشۇ خوتۇننى دەپ ماڭا ئازار بەردىڭما ،بالاڭدەن ۋاز كەچتىڭما -ئادىل كىرىشىگىلا ،ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىپ ،شۇ گەپلەرنى دىدىم .
كۆردۈڭما ،كۆرگىنىڭ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ مېھرى ،ئەمدى سەندىن زېرىكتىم ،سەن ئۆزۈڭدىن چوڭ ئەرلەر بىلەن ئوينىساڭ بولدىكەن، مەن ئۆزۈمدىن چوڭ ئايال بىلەن ئارلاشسام بولمامدىكەن ،ساڭا دەپ قوياي،سەمدەك كىچىك ھاراملىقتىن راستىنلا بەك زېرىكتىم، چوڭ ئايال دىگەننىڭ پۇلى بار ،كۆڭەلنى بەك چۈشنىدۇ، سەندەك كەشكىچە ھەممە ئىشتىن توسۇپ، ئادەمنى ئەركىشىدەك ياشىغىنى قويمايمەن دەپ يۈرمەيدۇ، بوپتۇ دىسەم ،ئۆزۈڭنى سورمىدۇڭ ،ئۇ ھازىر ئېرى بېلەن ئاجرىشىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ بولىدىغانلا ئىش بولسا ،مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن،ئۇ چاغدا مەن، بۇ خان ،پادىشاھلاردەك ياشايمەن . بىلەمسەن مېھرى، ئۇنىڭ ئىسنى رەشىدە ،رەشىدە دىسە ،بىزنىڭ لوبەننىڭمۇ يۈرىكى سىرقىرايدۇ.-ئادىل شۇنداق دەپ ،قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .
ۋۇ ئادەم ئەمەس ھايۋان،-ئادىلنى قانداق قىلىپ بىر تەستەك سالغىنىمنى بىلمەيلا قالدىم -ئېيتە  ئۇنداقتا مەنچۇ ،مەن قانداق قىلىمەن، مەن سېنىڭ خوتۇنۇڭغۇ ؟
مېنى ئۇرىۋاتامسەن ۋۇ ئىت -ئادىل كىكىردىكىمدىن چىڭ سىقتى -سەن بىلەن مېنىڭ بۇر نېكاھ خېتىم بارمىدى، سېنىڭ جازايىڭ ،ناھايىتى بىر ئېغىز يوقال بىلدىڭما –
ئۇنداق بولسا قورسىقىمدىكى بالاڭچۇ ؟-بار كۈچۈمنى يىغىپ شۇنداق دېدىم .
بالا ،نېمە بالا -ئادىل گېلىمدىن قولىنى ئاجرىتىپ ،قورسىقىمنى قايرىپ، مەھكەم تېپىۋېتىلگەن لاتىلارنى ئاجراتتى،قورسىقۇم ئوبدانلا ساڭگىلاپ قالدى .
ۋۇ ئاناڭنى ،سەن تېخى مەندىن يوشۇرۇن ،بالا تۇغقىدەك بولدۇڭما ،بۇ بالىنى تۇغۇپ نېمە قىمماقچىدىڭ، ھارامدىن بوغان بالاڭنى مېنىڭ بالام دەپ تۇغماقچىمىدىڭ -ئادىلنىڭ كۆزلىرىگە قان تولدى ،ئۇ مېنى بىر تېپىپلا يەرگە ياتقۇزۇپ قويدى .
ئۆلە مانا بۇزۇق، بالاڭ بىلەن قوشۇلۇپ تەڭ ئۆل ،بالاڭ بىلەۇ تەڭ ئۆل ،ھارامدىن بوغان بالاڭ بىلەن تەڭ ئۆل -ئادىل ئەسەبىيلەشكىنىچە ،خۇددى خېمىرغا دەسسەۋاتقاندەك، قورسىقىمغا كۈچەپ، كۈچەپ دەسسىدى .
قاتتىق ئاغرىق ،ئىككى پۇتۇمنىڭ ئارىسى قان دەرياسىغا ئايلابغان ھالەتتە ھوشۇمنى يوقاتتىم ،مانا ئاشۇ كۆزۈمنى يۇمغان چاغدىن تارتىپ، مەن ئۆزگەردىم، بۇ دۇنيادا ئەر ھەم ئەركەك بارلىقىدىن قاتتىق گۇمان قىلدىم، بارچە ئەركەكلەرگە لەنەت ئوقۇدۇم ،-
مېھرىنسا سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەيلا قالدى .
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،مارجاندەك ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى سۈرۈتتۈم، ئەمدى بىر ئېغىز گەپ قىلالىغۇدەكمۇ ماجالىم قاممىغان ئېدى، ئۆز بالسىنى دەسسەپ ئۆلتۈرگەن ئاشۇ مەلئۇن دادا ،تېخى 16ياشنىڭ قارىسىنى ئامماي تۇرۇپلا ،شۇنچە ئېغىر روھىي ۋە جىسمانىي ئازابلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن سەبىي مېھرىنسا ،ئەمدى مېنىڭ مېھرىنسانى ئەيىپلىگۈدەق ھېچبىر ئاساسىم قاممىغان ئېدى، چۈنكى ئۇ ئۆزى بۇنداق رەزىل بولىۋاممىدى، بۇ رەزىل مېھرىنسانى دەل، غورۇرىنى ۋىجدانىنى يوقاتقان مەسئۇلىيەتسىز ئەركەكلەر يىتىلدۈرۈپ چىقتى، مېنىڭ ئۇنى ئەيىپلەيدىغانغا يەنە نېمە ھەققىم بار ،زادى نېمە ھەققىم بار …..

赞(0) 打赏
版权说明:文章来自网友分享,仅供读者参考,并请自行核实相关内容微信资源搜索 » ئايالىمنىڭ ئەپتى-بەشرىسى18
分享到: 更多 (0)

评论 抢沙发

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址

觉得文章有用就打赏一下文章作者

支付宝扫一扫打赏

微信扫一扫打赏