有价值的文章
才值得我们收藏

ئايالىمنىڭ ئەپتى-بەشرىسى20

ئايالىمنىڭ20

قەدىرلىك ئاڭلىغۇچى ۋە ئوقۇرمەن دوسىتلارئاپتورىمىز تاھىرجان يۈسۈپ سىزلەرنىڭ بىزنى قوللىشىڭىزلار ئۈچۈن،ئاۋازلىق ئەسەرلىرىمىزنى ئورگان سالونىمىز بولغان ئەدىپلەر سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئاڭلاشقا ۋە ئوقۇشقا ئەسكەرتىدۇ

سالونىمىزنىڭ ئىلتىماسى-قەدىرلىك ئوقۇرمەن ۋە ئاڭلىغۇچى دوسىتلار سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارسىز سالونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىدىن ئېغىز ئاچقىنى بوممايدۇ،سالونىمىزنىڭ بۈگۈنى دەل سىلەرنىڭ قوللىشىڭلاردۇر،ئەمما يېقىندىن بۇيان قوللاش بەكلا تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ،مەيلى تېما تارقىلىشى ۋە ئاستىدىكى سۈرۈتلىك ئېلان چېكىش قاتارلىقلار بولسۇن، بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ،بىز سۈرۈشتۈردۇق، ئادەتتىكى بىر مەينەت نەرسە يوللايدىغان سالونلاردىمۇ ،3-،5،پىرسەنتكىچە ئادەم تېمىلارنى ھەمبەھىرلەپ تارقىتىدىكەن ۋە ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىدىكەن،ئەگەر بىزنىڭ سالون داۋاملىق مۇشۇنداق قوللاش تۆۋەن بولۇۋەرسە سىلەرنىڭچە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەر،سەمىمىي ئۆتۈنۈشىمىز قەدىردانلار، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنىڭ رۇياپقا چىقىشى ئۈچۈن، ئەدىپلەرنى قوللاپ قويۇڭلار،تېمىلارنى چەمبىرەك ۋە توپلاردا يوللاپ، ئەڭ ئاستىندىكى ئېلاننى چىكىپ قويساڭلار

ئالدىنقى قىسىملارنى بۇيەردىن ئاڭلاڭ، قايسى قىسىمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز شۇ قىسىمنى بېسىڭ

بىرىنچى قىسىم

ئىككىنچى قىسدىم

تۆتىنچى قىسىم

تۆتىنچى قىسىم

بەشىنچى قىسىم

ئالتىنچى قىسىم

يەتتىنچى قىسىم

سەككىزىنچى قىسىم

توققۇزىنچى قىسىم

ئونىنچى قىسىم

ئون بىرىنچى قىسىم

ئون ئىككىنچى قىسىم

ئون ئۈچىنچى قىسىم

ئون تۆتىنچى قىسىم

ئون بەشىنچى قىسىم

ئون ئالتىنچى قىسىم

ئون يەتتىنچى قىسىم

ئون سەككىزىنچى قىسىم

ئون توققۇزىنچى قىسىم

تارتۇقلاڭ

مېھرىنسانىڭ يېنىدىن زۇۋانمۇ سۈرمەستىن ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ چىقىپ كەتتىم ،ئەجابا مېنىڭ بەخىتتىن ھوزۇرلىنىش ھوقۇقۇم يوق بىر ئىنساندۇرمەنمۇ، مېھرىنساغا ھېشقانداق بىر قەرزىم يوق تۇرۇپ ،نېمىشقا ئۇنىڭ ئۈسرىدە باش قاتۇرىمەن ،ئۇ ماڭا شۇنچىۋالا ھاقارەت قىلغان تۇرسا يەنە نېمىشقا ئۇنىڭ ئاچچىق تەقدىرى بوغانلىقى ئۈچۈنلا ،سەن بىلەن نېمە كارىم دېيەلمەيمەن .
يولدا كەلگۈچە ئېگىز-پەس خېياللار بىلەن ،ئۆيگە قانداق كەپ قاغىنىمنىمۇ تۇيمايلا قالدىم .
ئوغلۇم ،قايتىپ كەلدىڭمۇ، بۈگۈن سەل كەچ قالدىڭغۇ، مېھرىنسانىڭ ئەھۋالى قانداقراقلكەن –
ياخشىكەن ئانا -ئانامغا شۇنداق دەپ قويغاندىن كېيىن ،ئوغلۇمنى قولۇمغا ئالدىم،توغرا ئوغلۇم ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالمايدىغان بىر بالا ،چوڭ بولغۇچە تىبابەت تەرەققىي قىلىپ قالسا ساقىيىپ قالار دىگەن ئۈمۈدۈم بار بولسىمۇ ئەمما بۇ پەقەتلا بىر ئۈمۈد ،خالاس .
ئەگەر ئۇ بىر ئۆمۈر ساقىيالماي قالسا ،چوقۇم بىرىنىڭ ھالىدىن جىم ئولتۇرۇپ خەۋەر ئېلىشىغا مۇھتاج بولىدۇ ،مەن ئۇنىڭ دادىسى ،ئۇنى ۋە ئائىلەمنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ،ئىشلىمسەم بوممايدۇ ،ئانام بىزگە بىر ئۆمۈر باقىۋەندە بولاممايدۇ ،ئەگەر كېيىن قايتا ئۆيلىنىپ قالسام، ئۇ مېىڭ مۇشۇ ئوغلۇمغا بىر ئۆمۈر ،بوۋاق بالىغا قارىغاندەك ،قاراپ ھالىدىن خەۋەر ئالالارمۇ؟
تۇيۇقسىزلا نەچچە يىل ئاۋال تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويغان ئۆزىنىڭ مېڭسىگە قان چۈشۈپ پارالىچ بوپ قالغان ئاپىسىنى خارلىغان پەرزەنتلەر توغرىسىدىكى ،قانۇن ۋە پۇقرا پىروگىراممىسىنىڭ بىرسانىنى يادىمغا ئالدىم .
بۇ پىروگىراممىدا رايونىمىزدىكى مەلۇم  ناھىيدىكى بىر ئائىلە كىشىللىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى مېڭسىگە قان چۈشۈپ ،تۇيۇقسىز تەرەت تۇتامماس ۋە پۇت»«قولى نورمال ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ ،پەرزەنلەرگە ئاتا-ئانىسىنى بېقىش ئېغىر كېلىپ ،بىر-بىرىگە ئېتتىرىشىكەننى ئاز دەپ، بىچارە ئانىنى ،ئۆزىنىڭ قىزى ،كېلىنى قاتارلىقلار ،قاتتىق خارلايدۇ، پۇت قوللىرىنى چىمداپ ،كۆكەرتىپ ،ھەتتا تاش،كالتەكلەر  بىلەن ئۇرۇدۇ-
ئۆزىنى ئاچچىق تولغاق يەپ تۇغۇپ، شۇنچە يىل پەرۋىش قىلىپ قاتارغا قوشقان ئانىسىغا ،ئۆز پەرزەنتلىرىدىن كەلگەن ۋاپا مۇشۇ تۇرسا ،يات بىر ئايال ،مېنى دەپ، مېنىڭ بىر ئۆمۈر تەرىتىنى تۇتالمايدىغان ماڭالمايدىغان ئوغلۇمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىپ بېرەرمۇ؟ئەگەر ئۇ چوڭ بولۇپ قاسىچۇ ؟
ئەجەبا ،ئوغلۇم ئۈچۈن يەنە بى قېتىم خەتەرگە ،غورۇرۇمنىڭ چەيلىنشىگە ،ۋىجدانىمنىڭ ئىگلىشىگە بەرداشلىق بىرىپ ،يەنە بىر قېتىم مېھرىنسا بېلەن يارىشىشىم كېرەكمۇ ؟ئۇ راستىنلا قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغانمىدۇ ؟
ئەنۋەر ،ئوغلۇم ،ئۇ نېمە قىپتۇ، ئۇ زادى نېمە قىپتۇ ؟-ئانامنىڭ تۇيۇقسىزلا ئەندىكىپ ،كىمدۇر بىرلەر بىلەن سۆزلەشكەچ دەرۋازا تەرەپتىن ماڭا يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ،پۈتۈن خېياللىرىم بۇزۇلدى .
ئەنۋەر دىگەن سىز بولامسىز ؟-بىردەمدىلا كۆز ئالدىمدا بىر نەچچە ساقچى پەيدا بولدى .
ھەئە ،مەن شۇ-ھېچنىمنى ئاڭقىرالماي قالدىم .دەۋاگەر ئادىل مەنسۇر سىزنى قىزى مېھرىنسا ئادىلنى  خارلاپ ئۈلۋېلىشىغا سەۋەبچى بولدى دەپ ،ئۈستىڭىزدىن جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇندى ،بىز بېلەن مېڭىڭ – ساقچىلار شۇنداق دەپلا قولۇمغا كويزا سېلىپ ماڭدى ،نېمىش بولىۋاتقانلىقىنى ھەم نېمە بوغانلىقىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپلا ساقچى ماشنىسىغا چىقىرىلىپ ،ھۇقۇيتقان ئاۋازلارغا ئەگىشىپ ،ئانامنىڭ ئوغلۇم گۇناسىز ،ئوغلۇمنى قويۇۋېتىڭلار -دىگەن يىغا-زارىللىرىنى بارا-بارا يىراقتا قالدۇرۇپ كېتىپ قالدىم .
ئەجەبا بۇ مېھرىنسانىڭ ئويۇنىمىدۇ ياكى ئۇ بىخەۋەر ھالدا ئادىلاخۇن دىگەن ئادىمىي ھايۋاننىڭ مەندىن نەپ ئېلىش ئۈچۈن قىلغان ئىشىمىدۇ ؟-ئەقلىمگە كەلگەندىن كېيىن ،شۇلارنى ئويلاپ مېھرىنسادىن يەنە گۇمان قىلىشقا باشلىدىم ،
ئەجەبا مېھرىنسا پۇشايمان قىلمىغان بولسا ،مېنى ئەرز قىلىپ ،نەپ ئۈندۈرىدىغان بولسا ،ماڭا ھېكايە سۆزلەپ نېمە  قىلىدۇ ؟بۇمۇ بىر پۇرسەت بوپتۇ ،مۇشۇ ئارقىلىق مېھرىنسانىڭ ئىچىدىكىسىنى بىر بىلىپ باقاي ،ئۇ راستىنلا پۇشايمان قىلغان ،بالىمىزنى باقىدىغان بولسا ،مېنى ئوتتۇرغا چىقىپ ئاقلايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان بولسا ،ئۇ چوقۇم بۇ ئىشقا ئارلاشمايدۇ ياكى ھەقىقى ئەپتى بەشرىسىنى ئاشكارلاپ ماڭا تۆھمەت قىلىدۇ ؟-شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن ،ئانامدىن ئەندىشە قىلىپ ،بىئارام بولۇشقا باشلىدىم، ئابام بىچارە شۇ تاپ نېمە بولۇپ كەتكەندۇ، قانچىلىك جىددىيلىشىپ كەتكەندۇ ،ھەممە كەگۈلۈك ئانامغىلا بولىدىغان بولىدۇ-دە ،مەنغۇ ھامان ئاقلىنىپ چىقىمەن ،قانۇن دىگەن ئادىل تارازا ،بىگۇناھلارغا ھەرگىز ئۇۋۋال قىممايدۇ، لېكىن ئانام بىچارە ئاچچىق يۈتىۋېلىپ ،سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقارمۇ؟
شۇ قېتىم ساقچىخانىدا ئىككى ،ئۈچ كۈن  تۇتۇپ تۇرۇلۇپ ،نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدۇم، ئاخىرقى نەتىجەم ،بۇ قېتىم مېھرىنسا ،مېنى ئاقلاپ چىقىدىغانلا بولسا ئۇنىڭ بىلەن يارىشىش، ئەگەر ئۇ مېنى ئاقلىمايدىغان بولسا ،ئاندىن ئۆزۈم ئاقلىنىپ چىققاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشنى ئايدىڭ قىلىۋېتىشتىن ئېبارەت بولدى .
ئەنۋەر بۇياققد چىق ،سېنى قويۇۋېتىمىز ،سەن ئاقلىنىپ چىقتىڭ -ئارىدىن ساق ئىككى يېرىم كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ،ساقچىلار كىرىپ مېنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن ئېلىپ چىقتى -ئايالىڭ ساڭا بەكلا كۆينىىكەن ئۇنى قەدىرلىگىن ،ئۇ ئاشۇ ھالدا تۇرۇپمۇ، يەنا سېنىڭ بىرمۇنچە ياخشى گېپىڭنى قىلىپ ،ئۆزىنىڭ دادىسىنى ئەيىپلىدى ،دەۋاگەر ئادىل ھېبىبۇل قەستەن  باشقىلارغا تۆھمەت چاولىغانلىقى ئۈچۈن ،ھازىر 15كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلدى ،ئۆيۈڭگە قايتقاندىن كېيىن ،دوختۇرخانىغا بېرىپ ،چوقۇم ئايالىڭنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغىن -ساقچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ پەقەتلا خۇشال بولاممىدىم ،مېھرىنسا بىلەن يارىشىش مېنىڭ ئوغلۇم ئۈچۈن چىقارغان بىردىنبىر تاللاش يوق بولغان قارارىم بوسىمۇ،ئەمما ،بۇ مېنىڭ خالىشىم ئەمەس ئېدى، بۇ تۇرمۇش ،بۇ نېقاھ ،بۇ ئەر خوتۇنچىلىق ،مېنىڭ ئەركەكلىك ئىززىتىمنى دەپسەندە قىلىدىغان، غورۇرۇمنى ھەركۈنى بىر قېتىم ئۆلتۈرىدىغان ،ئازابلىق قىسمەتلەرنىڭ باشلىنشىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇقەررەر ئېدى .
ئوغلۇم ،مېھرىنساقىز راستىنلا ئۆزگىرىپتۇ ،ئۇ سېنى دەپ دادىسىنى سولىتىۋەتتى ،ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ياراشقىن، ھەممە ئازارچىلىقلارنى ئۇنتۇپ ،مۇشۇ ئوغلۇڭ ئۈچۈن بوسىمۇ ئۇنى كەچۈرىۋەتكىن ،سەندىن ئۆتۈنەي -ئۆيگە كېلىشىمگىلا ئانام ،شۇنداق دەپ ماڭا يالۋۇرۇشقا باشلىدى .
مەن ئوغلۇمنى ئېلىپ  مېھرىنسانىڭ يېنىغا بېرىپ كېلەي-ئانامغا ھېچنىمە دىمەي ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ ماڭدىم -مەنمۇ بىللە بارىمەن ئوغلۇم -،ئانامنىڭ چېھرى كۈلدى .
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مېھرىنسا ياتاقتىن چىقتى.
ئوغلۇم ،مەن سىزدىن بەك مېنمەتدار  سىز قىزىمنىڭ شۇنچىۋالا ئىشلىرىنى كەچۈۈرىۋېتىپ ،ئۇنى يەنە بۇ ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدىڭىز ،ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمانسىز ،غەمسىز كېتىدىغان بولدۇم -مېھرىنسانىڭ ئاپىسى ،مېھرىنسانى دوختۇرخانىدىن چىقىرىپ ،بىزنىڭ ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن شۇنداق دېدى ،شۇ تاپتا مېھرىنسا بىلەن ئاجرىشىش ،ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشنى تېخى جەزىملەشتۈرگىنىم يوق ،ئەمما بۇ ئۈمۈدلۈك كۆزلەرگە يۈز كېلەممەيدىغان بىر ئىش قىلىپ قويۇشنى تېخىمۇ ئۈمۈد قىممايمەن ،زادى قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ئەجەپ قىينالدىمغۇ بۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمەي .
تۇنجى كۈنى ئاخشام ،مېھرىنسا ئاپىسى بىلەن بىللە ئۇخلىدى ،مەن ئۆزۈمنىڭ ھۇجرىسىدا ،
كىچىچە تولا خېيال قىلىپ تۈزۈكرەك كۆزمۇ يۇمۇپ باقمىدىم ،ئەگەر مېھرىنسا بىلەن يارىشىدىغانلا بولسام، ئۇنىڭ ئانىسى قايتىپ كەتسىلا ئۇ مۇشۇ ھۇجرىغا كىرىپ ئورۇنلىشىدۇ، مەن ئۇنىڭ ئاچچىق كەچمىشى ۋە بۇلغانغان تەنلىرىگە ھەمراھ بولۇپ ئۇخلايمەن، ئەجەبا بۇ ماڭا يارىشامدۇ ؟مەن يېقىنلىرىم ئۈچۈن بەختىمنى قۇربان قىلىشقا يارالغان ئىنسانمۇ ؟ئايتىللانى دەپ تۇنجى قېتىم قۇربانلىق بىرىپتىمەن ،ئەمدى ئوغلۇمنى دەپ قۇربانلىق بىرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىمەن …
ھېي مېھرى دىگەن ،باققاننى بىلمەيدىغان ،دادىسىغا  يانىدىغان كاززاپ،بۇياققا چىقە -ئەتىسى تاڭ سەھەر قاچاندا ئۇخلاپ قاغانتىمكىن تاڭ، ھويلىدا ئادىلاخۇننىڭ ئالا-تاغىل چاقىرغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ ،ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم .
نېمە ،نېمىش بولدى -مەن ھويلىغا چىققان چېغىمدا ،ئانام بىچارە بىر ياندا بۇ قاۋانغا ئوخشايدىغدن ئادەمگ نېمە دەپ تەڭ كىلەرمە دىگەن غەم بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرۇپتۇ، مېھرىنسا بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسى ئۆيدىن چىقالماي ،ئولتۇرۇپتۇ .
سېنىڭ نېمە كارىڭ با ،مەن قىزىمنى چاقىرىۋاتىمان ،سەن ئىشىڭنى قىل ۋۇ ھارمى -ئادىلاخۇن شۇنداق دەپلا ،يوغان قوللىرى بىلەن ياقامغا ئېسىلدى .
قېرىدىڭ قېيناتا ،سەن قېرىدىڭ ،ئۇنىڭ ياقامغا ئېسىلغان قوللىرىنى قايرىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم.
قىرامدىم ،ياشىيامدىم بۇ ئۆزەمنىڭ ئىشى ،مەن بۈگۈن سەن بىلەن دىيىشكىنى كەممىدىم، مەن قىزىمنى ئەپكەتكىنى كەلدىم ،سەن نېرى تۇر -ئادىلاخۇن مېنى ئىتتىرىپ ئىچكىرىگە كىرمەكچى بولدى .
ھوي ساراڭ خوتۇن ،قىزىڭنى ئېلىپ بۇياققا چىكىش بوممىسا كۆگۈلكۈڭنى كۆسىتىمەن –
دادا ،بولدى قىلىڭ ،مەن ئاران دىگەندە ئەنۋەر بىلەن يارىشاي دەپ قالدىم ،سىزنىڭ مېنىڭ تۇرنۇشۇمنى بۇزىشىڭىزنى خالىمايمەن ھەرگىز -مېھرىنسا ئىچكىرىدىن يۈگۈرەپ چىقتى .
ھېي زاتىنى تونۇمايدىغان لاقۋا ،سەن مۇشۇ ئەبگانى دەپ داداڭنى سولىتىۋاتىسەنيا تېخى ،مۇشنىڭغىمۇ ھېشنىمە دىمسەم ،مەن تەپ بەرگەن باي نەرنى ياراتماي مۇشۇ ئەبگانىڭ يېندا قالامسەن ؟بۈگۈن مەن بىلەن كەتمەيدىغان بوساڭ، ئاناڭ ئىككىڭنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن .
ئۆلتۈرەلمەيسىز دادا ،ھاشىر دىگەن قانۇن ئىدارە قىلىدىغان زامان،بۇرۇنغا ئوخشىمايدۇ، ئەمدى مېنى ھېچچىشقا زورلىياممايسىز .
زورلىيامامدىمەن،ۋۇ تېگىدىن بۇزۇلۇپ كەتكەن راخىنا ،سىنى ئادەم قىپ قويمايدىغان بوسام بۈگۈن  -ئادىلاخۇن مېھرىنساغا قاراپ ئېتىلدى
بولدى قىل ۋۇ نامەرت ئوغرى ،سەنمۇ بىر ئادەم بولدۇڭمۇ، قىزىڭغا مۇشۇنداق دىيىشتىن نۇمۇس قىممىدىڭمۇ،قىزىڭنىڭ بۈگۈنىنى سەن كەلتۈرۈپ چىقارمىغانمۇ ئەجەبا ،-ئادىلاخۇننىڭ بۇ سۆزلىرنى ئاڭلاپ غەزىپىم نەچچە تاش ئۆرلەپ ،ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ تامغا تۈرتۈپ ماڭدىم -قىزىڭنى ساتقانمۇ سەن ،ئۇنىڭ ھاياتىنى تۈگەشتۈرگەنمۇ سەن  ئۆلۈشكە تىگىشلىكىمۇ دەل سەن ،قىزىڭغا رەھمەت ئېيت ،ئۇ قانۇنغا مۇراجەت قىلغان بولسا سەندەك مەلئۇن دادىدىنى ئون كۈن ئەمەس ئون يىل قامىۋېتەتتى بىلىۋال .
ئوغلۇم بولدى قىل ،ئۇنداق قىمما ئۆزىمىزگە چۈشىدىغان ئىش قىممايلى -ئانام كېلىپ مېنى ئاجىراتتى ،ئانامنى كۆرۈپ ،ئەقلىمنى تېپىپ ،ئادىلاخۇننىڭ گېلىنى چىڭ تۇتقان قوللىرىمنى ئاستا بوشاتتىم .
راس كەتمەمسەن -تومۇچى ئادىلاخۇن سەل بېسقىغا چۈشۈپ ،مېھرىنساغا قارىدى .
كەتمەيمەن -مېھرىنسا كەسكىنلىك بىلەن  جاۋاب بەردى .
سەنچۇ -ئۇ مېھرىنسانىڭ ئانىسىغا قارىدى .
مېھرىنسانىڭ ئانىسى يۇۋاشلىق بىلەن ئادىلاخۇن تەرەپكا ئۆتتى .
قوقماڭ ھەدە ،ئۆز ھوقۇقىڭىزنى قوغداڭ، جاسارەتلىك بولۇڭ-بېرىپ ئۇنىڭغا رىغبەت بېرىپ قويدۇم .
يۈرە كېتىمىز ،ۋۇ پەس ھايۋان،مېنىڭ سەندەك قىزىم يوق، سەندىن ئادا جۇدا بولدۇم، ئەگەر بۇندىن كېيىن سېنى قىزىم دەپ قاسام ئادىل توڭگۇز بومماي  كېتەي ، ئېسىت سېنى -ئادىلاخۇننىڭ بۇ سۆزلىرىنىۈئېغىزغا ئاغىنى بوممايتتى ،ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ چىقىپ كەتتى .
ئوغلۇك، كەتنىسەم ئۇ يالغۇز قالىدۇ ،شۇنچە يىللىق ئەر خوتۇن ،ئۇنى بۇنداقلا تاشلاپ قويالمايمەن، مېھرىنسا سىزگە قالدى ،ئۇنىڭغا ياخشى قاراڭ ،ئۇ سىزگە ئامانەت -مېھرىنسانىڭ ناپىسى مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ شۇنداق دىگەندىن كېيىن ،چىقىپ كەتتى .
مېھرىنسا مەن بېلەن قالدى ،ئۇنى ئادىلاخۇننىڭ ئارقىسىدىنلا قوشۇپ قويغۇم كېلەتتىيۇ ،ئامما ئۇنىڭ تەقدىرى  ئوغلۇمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ،بۇنداق قىلسام  ،ئۆزۈمنى ئادەم دەپ ئاتاشتىنمۇ نۇمۇس قىلاتتىم .
كېچە ،مېھرىنسا يىنىك تىنىپ ھۇجرامدا ئۇخلاۋاتىدۇ، ئاستاغىنە ئىشىكنى ئاچتىم،
كىردىڭىزما ئەنۋەر ،بىلەنسىز مەن سىزنى شۇنداق بەك سېغىنىپ كەتتىم، -مېھرىنسا شۇ قەدەر نۇلايىم ھەم  ئوڭلۇق ،ئۇ شۇنداق دەپ،ئاستاغىنە كېلىپ ،مۆرەمگە بېشىنى قويۇپ ،ماڭا يېقىنچىلىق قىلدى .
خۇددى بىر زەھەرلىك يىلان بەدنىنگە يامىشىۋاتقاندەك،نىجاسەتنىڭ يۇقلىرى بىلەن بۇلغانغان بىر قول بەدەنلىرىمنى سىلاۋاتقاندەك ،شۇ قەدەر ئاچچىق ئازاب پۈتۈن بەدنىمگە تاراپ، ئۆلگەندىنمۇ بەتتەر ئازاب ئىچىدە قالدىم

 .

赞(0) 打赏
版权说明:文章来自网友分享,仅供读者参考,并请自行核实相关内容微信资源搜索 » ئايالىمنىڭ ئەپتى-بەشرىسى20
分享到: 更多 (0)

评论 抢沙发

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址

觉得文章有用就打赏一下文章作者

支付宝扫一扫打赏

微信扫一扫打赏