有价值的文章
才值得我们收藏

ئايالىمنىڭ ئەپتى-بەشرىسى21

ئەپتى بەشرىسى

قەدىرلىك ئاڭلىغۇچى ۋە ئوقۇرمەن دوسىتلارئاپتورىمىز تاھىرجان يۈسۈپ سىزلەرنىڭ بىزنى قوللىشىڭىزلار ئۈچۈن،ئاۋازلىق ئەسەرلىرىمىزنى ئورگان سالونىمىز بولغان ئەدىپلەر سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئاڭلاشقا ۋە ئوقۇشقا ئەسكەرتىدۇ

سالونىمىزنىڭ ئىلتىماسى-قەدىرلىك ئوقۇرمەن ۋە ئاڭلىغۇچى دوسىتلار سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارسىز سالونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىدىن ئېغىز ئاچقىنى بوممايدۇ،سالونىمىزنىڭ بۈگۈنى دەل سىلەرنىڭ قوللىشىڭلاردۇر،ئەمما يېقىندىن بۇيان قوللاش بەكلا تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ،مەيلى تېما تارقىلىشى ۋە ئاستىدىكى سۈرۈتلىك ئېلان چېكىش قاتارلىقلار بولسۇن، بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ،بىز سۈرۈشتۈردۇق، ئادەتتىكى بىر مەينەت نەرسە يوللايدىغان سالونلاردىمۇ ،3-،5،پىرسەنتكىچە ئادەم تېمىلارنى ھەمبەھىرلەپ تارقىتىدىكەن ۋە ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىدىكەن،ئەگەر بىزنىڭ سالون داۋاملىق مۇشۇنداق قوللاش تۆۋەن بولۇۋەرسە سىلەرنىڭچە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەر،سەمىمىي ئۆتۈنۈشىمىز قەدىردانلار، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنىڭ رۇياپقا چىقىشى ئۈچۈن، ئەدىپلەرنى قوللاپ قويۇڭلار،تېمىلارنى چەمبىرەك ۋە توپلاردا يوللاپ، ئەڭ ئاستىندىكى ئېلاننى چىكىپ قويساڭلار

ئالدىنقى قىسىملارنى بۇيەردىن ئاڭلاڭ، قايسى قىسىمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز شۇ قىسىمنى بېسىڭ

بىرىنچى قىسىم

ئىككىنچى قىسدىم

تۆتىنچى قىسىم

تۆتىنچى قىسىم

بەشىنچى قىسىم

ئالتىنچى قىسىم

يەتتىنچى قىسىم

سەككىزىنچى قىسىم

توققۇزىنچى قىسىم

ئونىنچى قىسىم

ئون بىرىنچى قىسىم

ئون ئىككىنچى قىسىم

ئون ئۈچىنچى قىسىم

ئون تۆتىنچى قىسىم

ئون بەشىنچى قىسىم

ئون ئالتىنچى قىسىم

ئون يەتتىنچى قىسىم

ئون سەككىزىنچى قىسىم

ئون توققۇزىنچى قىسىم

يىگىرمىنچى قىسىم

تارتۇقلاڭ

جېنىم ئەنۋەر ،سىزنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى بىلمەيسىز ،تىنىقلىرىڭىزنى ،سۆيۈشلىرىڭىزنى ،يەنە-مېھرىنسا شۇنداق دىگنىچە لەۋلىرىمگە سۆيمەكچى بولۇپ، لەۋلىرىنى يېقىن ئەكەلدى ،مېھرىنسانىڭ لەۋلىرىدىن بىرخىل خۇش پۇراق ھېد كېلىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ،ماڭا خۇددى ئەڭ سېسىق ،ئەڭ بەدبۇي بىر تۇرۇپ قالغان تاماق ئاغزىمغا مەجبۇرىي باستۇرۇپ كىرىدىغاندەك تۇيۇلۇپ چىشلىرىمنىڭ چىڭ كىرىشتۈرگۈنۈمچە كۆزلىرىمنى يۇمدۇم ،مېنىڭچە بوغاندا ،ھازىرلد مېھرىنسانى ئىتتىرىۋېتىپ سىرىتقا چىقىپ كېتىش ھەقىقى كۆڭلۈمدىكىدەك بىر ئىش بولاتتى ،ئەمما بۇنداق قىلسام ،مېھرىنسانىڭ يۈركى ئاغرىپ ،خورلۇق ھېس قىلدىغنى ئېنىق ئېدى .
جېنىم ئەنۋەر ،مېنى كەچۈرۈڭ، مەن ئوغلىمىزغا ھەمراھ بولىدىغان، يەنە بىر بالا تۇغۇپ بىرەي ،ماڭا ئىشىنىڭكى ،مەن ئەمدى باللىرىم مەندىن پەخىرلەنگۈدەك بىر مېھرىبان ئانا بولىمەن  -مېھرىنسا ماڭا مەھكەم چىرماشتى ،خۇددى مېنىڭ ئالدىمدىكى بۇ ئايالنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇش ۋەزىپەم باردەكلا ،ئۇنىڭ نەپسىنى قاندۇرمىسام پەقەتلا بوممايدىغاندەكلا ،مەجبۇرەن ئۇنىڭ يېپشىشلىرىغا چىشىمنى كىرىشتۈرۈپ چىداپ تۇردۇم .
بولدى ،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىمماڭ ئەنۋەر ،سىزگە ئۇزاق بولدى ئەمەسمۇ ؟مەن توغرا چۈشىنىمەن ،سىز ھامان ياخشىلىنىپ كېتىسىز -ھە دىگەندىلا ،كۆزۈمنى شۇنچە يۇمۇپ تۇرۇپ، ئالدىمدىكى بۇ نايالنى مېھرىنسا ئەمەس دەپ ئويلاپ تۇرساممۇ، ئۇ بىرگە ئۆتكەن ئەرلەر بىر-بىرلەپ خىيالەن كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ،غەزەپ-نەپرەت ۋە كۆڭۈل ئىلىشچىلىقىدا ،ئاستاغىنە مېھرىنسادىن ئاجرىۋالدىم ،مېھرىنسا مېنى كېرەككا كەممەس بولۇپ قالدى ،دەپ ئويلاپ قالدى بوغاي ،ماڭا شۇنداق داپ تەسەللىي بەرمەكچى بولدى .
مېنى كەچۈرۈڭ مېھرىنسا ،مەن يۇيۇنۇپ چىقاي -ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىممايلا ،مۇنچىغا كىرىپ كەتتىم .
مۇزدەك سۇدا خۇددى تېرىللىرىمنى تاتىلاپ بىرقەۋەت تېرىسىنى شۈلىۋەتمىسەم، بىر يۇقۇملۇق كېسەل چوقۇملا ماڭا يۇقۇپ قالىدىغاندەك، سوپۇننى شۇقەدەر كۈچەپ سۈرۈپ يۇيۇندۇمكى ،بەدەنلىرىم ،بۇ سۈركۈرۈشلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي لوقۇلداپ ئاغرىپ ،تېرىللىرىم قىپقىزىل بولۇپ ،خۇددى گۆشى كۆرنۈپ قاغاندەكلا بولۇپ قالدى .
مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ،بۇرۇنلا پەرەز قىلغان بولساممۇ ئەمما ،بۇ نىش بېشىمغا كەلگەن چېغىدا ،بۇخىل ھاقارەتلىك ئەر خوتۇنچىلىقنىڭ ئىنتايىن تەس بولىدىغانلىقىنى ھەقىقى تونۇپ يەتتىم .
مەن غورۇرىنى ئىت يەپ كەتكەن ،يۈندە كۆرمىسە تۇراممايدىغان ،ئېرى باكەن ،مەينەتكەن پاكىزكەن دىمەي ئۇدۇل كەگەنگە ئۆزىنى سۈركەپ يۈرىدىغان بۇزۇق ،شاللاق ئەرلەردىن بولسام ئېدىم ،ئەلۋەتتە مېھرىنسا بىلەن بۇنچىلىك بىر ئىش قىلىش ماڭا ئېغىر كەممەيتى.
ئەمما مەن ،ئۆزۈمنى ،غورۇرنى ،ۋىجداننى ،مەسئۇلىيەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ۋە چوڭ بىلىدىغان ،ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس قورغاننىڭ بىخەتەرلىكى، بەختى ۋە باياشاتلىقىنى ئويلايدىغان، خوتۇنۇمدىن باشقا ئاياللارغا تىكلىپ قاراشنىمۇ، بىر ساتقىنلىق ياكى شاللاقلىق دەپ ھېسابلايدىغان،بىر ئۆمۈر بىرلا خوتۇن بىلەن ياشاشنى نىيەت قىلغان بىر ئەركەك چاغلاپ يۈرەتتىم.يۇيۇنۇپ چىققاندىن كېيىن ،شۇنداق سىرىتقا چىقىپ كەتكۈم كەلدىيۇ، يەنە شۇ كۆڭۈلچەكلىكىم سەۋەبىدىن ،كارۋاتقا ،مېھرىنسانىڭ يېنىغا كېلىپ ياتتىم .
ئەنۋەر سىز مېنىڭ ،پەقەتلا مېنىڭ ،سىزنى ھېھكىمگە بەرمەيمان ھېچكىمگە -مېھرىنسا يەنە بوينۇمغا گىرە سېلىپ تەنلىرىمگە مەھكەم يېپىشتى
بەك چارچاپ قاپتىمەن مېھرىنسا -ئاخىرى بومماي ،شۇنداق دەپ ،،ئۇنىڭدىن سەل ئۆزۈمنى تارتىپ ياتتىم .
قولىڭىزدا ياتايچۇ جېنىم -مېھرىنسا بىر قولۇمنى سوزدۇرۇپ ،بوينىنى قولۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ياتتى.
ئۇنىڭ تىنىقلىرى ،ھەسىرەشلىرى، قەستەن مېنىڭ يۈزلىرىنگە ئامراقلىقى كەلگەنداك ،بۇرۇن قۇلاقلىرىمنى ئويناپ قويۇشلىرى، ئىشقىلىپ ،ئۇ قىلغان ھەربىر ھەرىگەب ،ماڭا خۇددى بەدىنىمگە سانچىلىۋاتقان ئۆتكۈر تىكەنلەردەك تۇيۇلۇپ ،شۇقەدەر سەسكىنىش ئىچىدە ،كېچىچە بىر قېتىممۇ كۆزۈمنى يۇمۇپ باقمىدىم .
ئەنۋەر ،رەھمەت سىزگە ،مەن شۇنچىلىك ياخشى ئۇخلاپتىمەن-سەھەرگە يېقىن ،مېھرىنسا ئورنىدىن  تۇرۇپ ،ماڭا شۇنداق دىگەندىن كېيىن -مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،ناشتىلىق تەييارلىغاچ ،ھويلا ئاراملارنى تاشلىۋېتەي،
ئۇ چىقىپ كەتتى ،بىردە ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ھەيران بولسام، يەنە بىردە ،ئۇنىڭ ياخشى ئۇخلىشى ئۈچۈن ،بىر كېچە ئۇيقۇمنى قۇربان قىلغىنىمغا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ،كۆزۈمنى يۇمۇپ ئاستاغىنە ئۇيقۇغا كەتتىم .
يالغۇز يېتىپ ئۇخلاش نېمە دىگەن راھەت ھە ؟گەرچە ئىش ۋاقتىغىچە ئاران ئىككى سائەتلا ئۇخلىيالىغان بوساممۇ شۇنداق راھەت تۇيۇلۇپ كەتتى .
ھېلىمۇ ،رۇخسەت سوراپ ،ئىش تاشلىغنىمغا خېلى ئۇزاى بولدى ،بۈگۈن ئىشقا بارمىسام پەقەتلا بوممايتتى ،ئىشىم شۇقەدەر جاپالىق بوسىمۇ ،بۇ ئۆينىڭ بەختىيارلىقى ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك !
شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن ،ئىرىنچەكلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،مېھرىنسا تەييارلىغان ناشتىلىققا قاراپمۇ قويماستىن ،ئانامنىڭ ،بالام ناشتا قىلىۋالغىن دەپ چاقىرىشلىرىغا ،،ئىشقا كېچىكىپ قالدىم -دەپ جاۋاب بىرىپلا ئىشىمغا ماڭدىم .
ئەنۋەر قايتىپ كەلدىڭىزمۇ، ھېرىپ كەتكەنسىز ھەقاچان، ئۇستىخانلىرىڭىزنى تۇتۇپ قويايمۇ؟-ئىشتىن قايتىپ كەگىنىمدە مېھرىنسا يەنىلا شۇنداق مۇلايىم ،خۇددى ھېلىقى مېھرىنسانىڭ نورنىغا باشقا بىر مېھرىنسا ئالمىشىپ قاغاندەكلا ،شۇ تاپتا پۇت قوللىرىم ،سىرقىراپ ئاغرىپ ،شۇقەدەر تېلىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ،ئەمما مېھرىنسانىڭ ئاشۇ قوللىرىنىڭ تەنلىرىمگە تىگىشى تالغان پۇت قوللىرىمنى ئەمەس ،بەلكى يۈرۈكۈمنى مۇجۇيتتى .
بولدى مېھرىنسا ،سىزمۇ چارچاپ قاغانسىز ،ئۇستىخانلىرىمنى تۇتۇپ قويسىڭىز تېخىمۇ بەك ئاغرىپ كېتىدۇ،ھازىر ،مەن بەك چارچاپ كەتتىم ،كىرىپ،بىردەم ئارام ئېلىۋالاي -شۇنداق دىگىنىمچە ،مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ،يېتىۋالدىم -قاچانلاردا ئۇخلاپ قاغانتىمكىن تاڭ، مېھرىنسانىڭ ئەنۋەر تانىقىڭىزنى يەۋېلىڭ ،دەپ چاقىرىشلىرى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتىم، ئەمما كۆزۈمنى ئېچىشنى پەقەتلا خالىمىدىم، چۈنكى مېنىڭ كۆزۈمنى ئېچىپ ،مېھرىنسانىڭ يېنىغا چىقىپ ،ئاشۇ كارۋاتتا ئۇنىڭ بىلەن چىڭ چاپلىشىپ بىرگە ياتقۇدەك ھالىم يوق يېدى، توغرىسىنى دىگەندە ھالىم يوق ئەمەس ،ئۇنداق يېتىشتىن نۇمۇس قىلىپ ،ئىچ باغرىم ئۆرتىنىپ كېتەتتى .
مېھرىنسا بىر ھازا چاقىرغاندىن كېيىن ،قارىغاندا چارچاپ كەتكەن ئوخشايسىز بوپتۇ ئارام ئېلىۋېلىڭ، ئويغاندا يەسىز ،دەپ ،بېشىمدا بىر قاچا تاماقنى قويۇپ قويۇپ ،ئىشىكنى چىڭڭىدە يېپىۋەتكەندىن كېيىن ،چىقىپ كەتتى ،ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ،كۆزۈمنى ئېچىپ ،ئۇ ئەكىرگەن تاماققا قاراپ -سىنىڭ قولۇڭدىن چىققان تاماقنى يەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى دەپ ئويلاپ قالدىڭما مېھرىنسا ،قانداقمۇ كۆڭلۈم كۆتۈرسۇن، بىلەمسەن ،مەن سېنىڭ تامقىڭنى يىمەيمەن دەپ ،ئاتايىتەن سىرىتتا قورسىقىمنى تويغۇزۇپ كىردىم -دەپ پىچىرلاپ قويغاندىن كېيىن ،كۆزۈمنى قايتىدىن يۇمۇپ سوزۇلۇپقىنا  يېتىپ ،ئۇيقۇغا كەتتىم .
-ۋاي ئوغلۇم كىچىچە مۇشۇ ئۆيدە ياتتىڭمۇ، بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ ،مېھرىنسا يالغۇز ياتتىمۇ كىچىچە ،مەن سىلەرنى خاتىرجەم ئارام ئېلىۋالسۇن دەپ ،بالاڭلارنى يېنىمدا ئېلىپ قالسام، سېنىڭ بۇ ئۆيدە ياتقىنىڭ نېمسى ،ياراشقىنىڭلارغا تېخى بىركۈن بومماي تۇرۇپ ،بۇنداق قىساڭ قانداق بولىدۇ -ئەتىسى سەھەر ئانام يېنىمغا كىرىپ ،كىتىرلاپ ،پىچىرلاپ يۈرۈپ مېنى ئويغاتقاندىن كېيىن ،شۇنداق دەپ سۆزلەپلا كەتتى .
ئا،ئانا سەنمۇ دەيدىكەنسە ،ئادەم ھېرەپ ئېچىپ كەگەندە ،پۇت-قولىنى سوزۇپ ،بىر ئاخشام ئۇخلىۋاغانغا نېمە بوپتۇ ،بۇنىڭ نېمە يامىنى بار ،مەن ئىشقا ماڭىمەن -شۇنداق دەپلا ھويلىغا چىقتىم ،
ئەنۋەر ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىزمۇ،ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ، قارىسام ئاخشام بەك تاتلىق ئۇخلاۋېتىپتىكەنسىز ،سىزنى ئويغۇتىۋەتمەي دەپ ،چاقىرمايلا چىقىپ كەتكەنتىم ،مەندىن خاپا بولۇپ قاممىغانسىز ،-مېھرىنسا سۈپۈرگىسىنى قويۇپ ،يېنىمغا كېلىپ ،ۋىتىلداشقا باشلىدى ،سەندىن خاپا بولۇپمۇ ئىشمۇ ،شۇنداق خۇشال بولدۇم  بۈگۈن ،ھەركۈنى مۇشۇنداق قىلساڭچۇ كاشكى -ئىچىمدە شۇنداق دەپ پىچىرلاپ قويغاندىن كېيىن -مەن ئىشىمغا باراي مېھرىنسا ،ئىشقا كېچىكىپ قالىدىغاندەك قىلىمەن -دەپ ،ئانام بىلەن مېھرىنسانىڭ ناشتا قىلىپ ماڭ دەپ ئېسىلىۋېلىشلىرىغا ،ئىش ئورنۇمدا ناشتىلىق بار دىگنىمچە ،كېتىپ قالدىم .
بۈگۈن كەشتىمۇ، تۆنۈگۈنكىدەكلا ئاشۇنداق يالغۇز ،ھەم راھەت ئۇخلاشنى شۇقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم ،ئەمما ،ئانام ،مەجبۇرلاپ زورلاپ دىگەندەك، مېھمانخانا ئۆيدە ياتقان يېرىمدىن ،مېھرىنسانىڭ يېنىغا كىرگۈزىۋەتكەندىن كېيىن ،ئاندىن ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى .
جېنىم ئەنۋەر ،ئاخشام بىركۈن يېنىمدا يوق بولۇۋېدىڭىز ،خۇددى بىر يىل يوقاپ كەتكەندەكلا ،شۇقەدەر يالغۇزسىراپ كەتتىم،بىلەمسىز ،كىچىچە بىر مىنۇت ،بىر سىكونت ،بىر دەقىقىدىن ساناپ، شۇنداق تەستە تاڭ ئاتقۇزدۇم -مېھرىنسا شۇنداق دەپ غىلجىڭشىپ ،يەنە ماڭا ياماشتى .سەن نايناققا بىركىم خۇشتار بولۇپ قاپتىكەنمۇ، نېمانداق ئىچىمنى سىقىدىغانسەن مېھرى، بىر جىم ياتساڭ نىمە بولار بولغىيدى، ئايال كىشىمۇ سەندەك قېلىن بولامدۇ ؟،ئىچىمدە ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ  مېھرىنسادىكى بۇخىل تەشەببۇسكارلىققا ئۆچلۈكۈمنى ئىپادىلەپ ،چىشلىرىمنى چىڭ كىرىشتۈرگىنىمچە كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتتىم، چۈنكى ئەمدىكى ھۇجۇم ،مېنىڭ لەۋلىرىم ۋە ئېغىز بوشلۇقۇمغا قارىتىلاتتى .
شۇ كۈنى كېچە ،مەن ئۈچۈن ئەڭ پەس ،ئەڭ يىرگىنىشلىك بىر كېچە بولۇپ قالغاندەك،ئۆزۈم خالىمايدىغان ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ،ماڭا مەھكەم چاپلاشقىنىچە ،بەدەنلىرىمنى ئۆزىدىن ئاجراتقۇسى كەلمەيۋاتقان مېھرىنسانى ،زورىغا ئىتتىرىپ دىگۈدەك ،مۇنچىغا قاراپ ئۆزۈمنى ئاتتىم .
شۇ كۈنى بىركۈن ئاشۇ يىرگىنىچلىك ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، خۇددى پۈتۈن بەدىنىم بۇلغۇنۇپ كەتكەندەك، كۆڭلۈم پەرىشان يۈردۈم ،شۇ كۈندىن كېيىن ،نەچچە كۈنگىچە ،مېھرىنسادىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ ،ھۇجرىغا كىرمەي ،مېھمانخانىدا ئۇخلىدۇم ،ئەمما يەنىلا ،ئانامنىڭ سەزگۈر كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالماي ،ئۇنىڭ مەجبۇرىي بىلەن ھۇجرامنى تاپتىم ،كۈنلەر شۇقەدەر زېرىكىشلىك، شۇقەدەر بېسىم ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى .
بولدى قىلىڭ مېھرىنسا مەن چارچاپ كەتتىم ،مېنى ئۇخلىغنى قويسىڭىز قانداق ؟-بۇخىل يىرگىنىچ تۇيغۇسى ئاقىۋەتتە مانا مۇشۇنداق قاتتىق پوزىتسىيەلىلك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆزگىرىپ كەتتى ،بىركۈنى مېھرىنسانىڭ ئاشۇ يىرگىنىشلىك ئاۋازلىرى ۋە كۆڭلۈمنى غەش قىلىدىغان قىلىقلىرى كۆزۈمگە سىغماي ئاخىرى شۇنداق دەپلا ،كېيملىرىمنى كېيىپ،مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتىم .
مېھرىنساغا ئازار بەردىڭما ئوغلۇم ؟-ئەتىسى سەھەر ئانام ئالدىمغا چىقتى .
ئانا ،نېمىشقا مېھرىنسانىڭ ئازارى بىلەنلا قالىسەن، مېنىڭ ئازارىمنىمۇ ئويلاپ قويساڭ بولمامدۇ، ئوغلۇڭنىڭ ھەركۈنى بىر قېتىمدىن ئۆلىۋاتقانلىقىنى نېمىشقا كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ باقمايسەن -ئانامغا قاتتىقراق تەلەپپۇزدا شۇنداق دىگەندىن كېيىن  ،ئىشقا مېڭىش ئۈچۈن ھويلىغا چىقتىم ،ھويلىدا ،كۆزلىرى ياش يۇقى تۇرغان مېھرىنسا ،ماڭا قاراپ قېتىپ قالغان ئېدى ،بىر دەقىقە توختىۋەتكەندىن كېيىن ،زۇۋان سۈرمەستىن چىقىپ كەتتىم .
سەل ئاشۇرىۋەتتىممۇ قانداق ،ھەر قانچە ئېغىر كەلسىمۇ ،مېھرىنساغا چاندۇرۇپ، ئاڭلىتىپ تۇرۇپ ،ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قاباھەتلىك ئىشلارنى يۈزىگە سېلىشىمنىڭ ھاجىتى بارمىدى ،مېھرىنسامۇ تىرىشىۋاتىدىغۇ، نېمىشقا مېنىڭ كۆزلىرىم ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرمەيدۇ، مەن مۇشۇخىل ئىشلارنىڭ ،مۇشۇ خىل ھېسىيات ۋە تۇيغۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، پەرزەنتىم ئۈچۈن، بۇ يولنى تاللىغان ئىكەنمەن، نېمىشقا يەنە مېھرىنساغا ھۆرمەت قىلمايمەن، ئىچىمدىكى ئازابنى ئۆزۈملا بىلىپ ،داۋاملىق قۇربانلىق بەرمەيمەن -بىركۈن ئىش ئورنۇمدا شۇلارنى ئويلاپ ،مېھرىنساغا قىلغانلىرىمدىن ئازراق پۇشايمان قىلىپ ،كەشتە بالدۇرراق ئۆيگە قايتىپ، ئۇ بۇ قېتىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى   تامىقىغا تۇنجى قېتىم ،كۆزلىرىمنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئېغىز تەگدىم .
كەچتە ئۆزۈمنى سوراپ ،ھۇجرامغا كىرىپ ئۇنىڭ يېنىدا ياتتىم .يەنە شۇ سۆيۈش ،مېھرىنسانىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھېلىقى ئۆتمۈشلەرنى ئېسىمگە سالىدىغان ئاۋازلار ،مەن ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ھېلىقى ئىش .
نېمە بولدىڭىز ئەنۋەر ،سىزگە زادى نېمىش بولدى -ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ،مېھرىنسانى قانداق ئىتتىرىۋەتكىنىمنى بىلمەيمەن، شۇقەدەر ئەسەبىيلىشىپتىمەنكى ،مېھرىنسا كارۋاتتىن قاڭقىپ،پەسكە چۈشۈپ كېتىپتۇ .
نېمىش بوغىننى سىز بىلمەمسىز ،ھەممىسى سىزگە نايان مېھرىنسا ،سىزگە ئايان -مەن شۇنداق دىگنىمچە مۇنچىغا قاراپ ماڭدىم .
توختاڭ ئەنۋەر ،مەن زادى نېمنى خاتا قىلدىم، نېمىشقا ماڭا بۇنداق قىلىسىز  ؟ماڭا بىر چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ ؟-مېھرىنسا ئورنىدىن تۇرۇپ ،قوللىرىمغا ئېسىلدى –
نېمنى خاتا قىلدىم دەپ قويۇڭ، سىز ھېچچىشنى خاتا قىلمىدىڭىز ھېچچىشنى -قوپاللىق بىلەن ئۇنىڭ قوللىرىنى سىلكىدىم .
مەن بىلىمەن ئەنۋەر ،سىز مەندىن سەسكىنىۋاتىسىز  ،بىراق مەنمۇ تىرىشىۋاتىمەنغۇ ؟ئۆزگىرىش ئۈچۈن كۈچەۋاتىمەنغۇ؟نېمىشقا ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىمايدۇ، نېمىشقا مېنمۇ نويلاپ قويمايسىز ،مەن ئاشۇ رەزىل تارىخىمنى ئۇنتۇپ ،ھاياتىمنى قايتىدىن باشلاشنى شۇقەدەر ئارزۇ قىلىدىغان تۇرسام، نېمىشقا ئاشۇ لەنەتلىك ئۆتمۈشۈمنى ھەرۋاقىت مېنىڭ ئېسىمگە سېلىپ تۇرىسىز،بىلەمسىز ئەنۋەر ،ھەر قېتىم سىزنىڭ چىشلىرىڭىز چىڭ كىرىشكەن چاغدا ،مەن قانچىلىك ئازابلىنىپ كېتىمەن، ھەرقېتىم، تەنلىرىم ،تەنلىرىڭىزگە تەگكەن چاغلاردا ،بەدىنىڭىزدە بولىدىغان ئاشۇ سەسكىنىشلەرنى سەزگەن چېغىمدا مەن نەچچە قېتىم  ئۆلىمەن، -مېھرىنسا شۇنداق دەپ مىشىلداپ يىغلىغنى تۇردى .
نېمە دەۋاتىسىز مېھرىنسا ،ئازابلانغىنى ،ئۆلىۋاتقىنى يالغۇز سىزلىما ،بىلەمسىز ھەر قېتىم تىنىقلىرىڭىز ماڭا يېقىنلاپ كەلگەن چېغىڭىزدا ،سىزگە ھۇجۇم قىلغان ئاشۇ بەش ئەركەكتىن ئاشقان تىنىقلىرىڭىز كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ، ھەر قېتىم ،ماڭا مەھكەم يېپىشقان چاغلىرىڭىزدا ،نارسىدە بالىڭىزنى تاشلاپ كەينىدىن كىرىپ كەتكەن ھېلىقى ئەر بىلەن بىر يىل تۇرغىنىڭىز يادىمغا كېلىۋالىدۇ،سىزنى ھەرقانچە چۈشىنىشكە تىرىشساممۇ چۈشىنەلمەيمەن مېھرىنسا ،بوپتۇ، ئۇ بەش ئەركەكنى، ئىشكىردىكى ئىشلىرىڭىزنى ،مەجبۇرلانغان دەپ تۇرۇپ ،قۇبۇل قىلاي ،بىراق ،بوۋاق بالىڭىزنى تاشلاپ، بىر ئەرنىڭ كەينىدىن قاچقانلىقىڭىزنى ،مەن ھەرگىز ،ئەرلەردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قاچتى دەپ چۈشىنەلمەيمەن مېھرىنسا ،ئويلاپ بېقىڭە ،قانداق ئادەم باشقىلارنىڭ نەپسىدىن ئاشقان تاماقنى يىيىشنى خالايدۇ، قانداق  ۋىجدانى ئەركەك ماڭا ئوخشاش نەچچە ئەرنىڭ قوينىدىن چىققان بىر ئايال بىلەن ئۆي تۇتۇشنى خالايدۇ ،مەن ھېلىمۇ ئۆلمەيۋاتىمەن مېھرىنسا ،ھېلىمۇ ئۆلمىدىم مەن -ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ،شۇ گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن ،كېيىملىرىمنى كېيىپلا سىرىتقا چىقىپ كەتتىم .
كېچە قاپقاراڭغۇ، ئاسماندا نە بىرەر تال يۇلتۇزمۇ كۆرۈنمەيتتى ،،بىر ئاممىۋى مۇنچىنى تېپىپ يۇيۇنغاندىن كېيىن ،تورخانىغا كىرىپ كېتىپ ،شۇيەردە تاڭ ئاتقۇزغاندىن كېيىن ،ئەتىسى سەھەر ئىشقا ماڭدىم .
كىچىچە ئويلاندىم،مېھرىنساغا ئاشۇرىۋەتتىممىكىن دىسەم، بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست ،مېنىڭ ئۆز-ئۆزۈمگە ئىچىم ئاغرىپ كەتكۈدەك ھالدىمەن، ئاشۇرىۋەتمىدىممىكىن دىسەم، بۇ گەپلىرىم ،مېھرىنسانىڭ ئىچ باغرىنى ئۆرتىۋېتەلەيدۇ .
ئەنۋەر -كەچقۇرۇن ئىشتىن يېنىپ ،مېھرىنسا بىلەن قانداق يۈزلىشىشنى بىلەممەي كېتىۋاتسام، مەھەللىگە ئاز قالغان يەردە ،شۇنداق تونۇش بىر ئاۋازنىڭ مېنى چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ ،كەينىمگە بۇرۇلدۇم ،كەينىمدا ئايپاشا  ماڭا قاراپ تۇراتتى .
ھە ،،-بۇ مېنىڭ ئايپاشا توي قىلىپ كەتكەندىن كېيىن ،ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرشۈم بوغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر ،ئۇنى كۆرۈپ ھودۇققىنىمدىن نېمە دېيىشىمنى  بىلەممەي دۇدۇقلاپ قالدىم

.

赞(0) 打赏
版权说明:文章来自网友分享,仅供读者参考,并请自行核实相关内容微信资源搜索 » ئايالىمنىڭ ئەپتى-بەشرىسى21

评论 抢沙发

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址

觉得文章有用就打赏一下文章作者

支付宝扫一扫打赏

微信扫一扫打赏