有价值的文章
才值得我们收藏

ئايالىمنىڭ ئەپتى-بەشرىسى22

ئايالنىڭ22

قەدىرلىك ئاڭلىغۇچى ۋە ئوقۇرمەن دوسىتلارئاپتورىمىز تاھىرجان يۈسۈپ سىزلەرنىڭ بىزنى قوللىشىڭىزلار ئۈچۈن،ئاۋازلىق ئەسەرلىرىمىزنى ئورگان سالونىمىز بولغان ئەدىپلەر سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئاڭلاشقا ۋە ئوقۇشقا ئەسكەرتىدۇ

سالونىمىزنىڭ ئىلتىماسى-قەدىرلىك ئوقۇرمەن ۋە ئاڭلىغۇچى دوسىتلار سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارسىز سالونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىدىن ئېغىز ئاچقىنى بوممايدۇ،سالونىمىزنىڭ بۈگۈنى دەل سىلەرنىڭ قوللىشىڭلاردۇر،ئەمما يېقىندىن بۇيان قوللاش بەكلا تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ،مەيلى تېما تارقىلىشى ۋە ئاستىدىكى سۈرۈتلىك ئېلان چېكىش قاتارلىقلار بولسۇن، بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ،بىز سۈرۈشتۈردۇق، ئادەتتىكى بىر مەينەت نەرسە يوللايدىغان سالونلاردىمۇ ،3-،5،پىرسەنتكىچە ئادەم تېمىلارنى ھەمبەھىرلەپ تارقىتىدىكەن ۋە ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىدىكەن،ئەگەر بىزنىڭ سالون داۋاملىق مۇشۇنداق قوللاش تۆۋەن بولۇۋەرسە سىلەرنىڭچە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەر،سەمىمىي ئۆتۈنۈشىمىز قەدىردانلار، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنىڭ رۇياپقا چىقىشى ئۈچۈن، ئەدىپلەرنى قوللاپ قويۇڭلار،تېمىلارنى چەمبىرەك ۋە توپلاردا يوللاپ، ئەڭ ئاستىندىكى ئېلاننى چىكىپ قويساڭلار

ئالدىنقى قىسىملارنى بۇيەردىن ئاڭلاڭ، قايسى قىسىمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز شۇ قىسىمنى بېسىڭ

بىرىنچى قىسىم

ئىككىنچى قىسدىم

تۆتىنچى قىسىم

تۆتىنچى قىسىم

بەشىنچى قىسىم

ئالتىنچى قىسىم

يەتتىنچى قىسىم

سەككىزىنچى قىسىم

توققۇزىنچى قىسىم

ئونىنچى قىسىم

ئون بىرىنچى قىسىم

ئون ئىككىنچى قىسىم

ئون ئۈچىنچى قىسىم

ئون تۆتىنچى قىسىم

ئون بەشىنچى قىسىم

ئون ئالتىنچى قىسىم

ئون يەتتىنچى قىسىم

ئون سەككىزىنچى قىسىم

ئون توققۇزىنچى قىسىم

يىگىرمىنچى قىسىم

يىگىرمە بىرىنچى قىسم

تارتۇقلاڭ

بەك ھەيران قېلىۋاتامسەن ئەنۋەر ،ياكى مېنى تونمايۋاتامسەن ،مەن ئايپاشا -ئاياشانىڭ سۆزلىرىدىن ئېسىمنى تاپقاندەك بولدۇم.
تونۇدۇم -ئۆزۈمنى سەل رۇسلىۋالغاندىن كېيىن ،شۇنداق دېدىم -سېنىڭچە تونۇغان بوسام نېمە بومماقچى .
مەن بىر ئىش بولىدۇ دېمىدىم ئەنۋەر ،سېنىڭ ئەگرى -بۈگرى تۇرمۇشۇڭدىن ئاز-تولا خەۋرىم بار ،سېنىڭ بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراپ ،تۇرمۇشۇڭنىڭ ئاستىن -ئۈستىن بولۇپ كېتىشىدە ،ئۆزۈمنىڭمۇ باش تارتىپ بولاممايدىغان مەسئۇلىيتىم بار دەپ قارايمەن، بۇ قېتىم ،مەن پەقەت سەندىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈنلا سېنى ئىزدىدىم ئەنۋەر باشقىچە مەقسىدىم يوق ،خالىساڭ ،دەريا بويى تەرەپكا كېتىپ ،ئازراق پاراڭلىشايلى -مېنىڭ جىددىيلەشكىنىمدىن گەپ تاپالماي قېلىۋاتقىنىمنىڭ ئەكسىچە،ئايپاشا خۇددى تەييارلىق بىلەن كەلگەندەكلا  شۇنداق سالماق ئېدى .
بولدى ئايپاشا  بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ئەينى ۋاقىتتىلا تۈگىگەن ،سەن بىلىسەن ،مەن ھېچقاچاندا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئىشلار ئۈچۈن بىرسىدىن ئاغرىنىدىغان ،قىپ بوغان ئىشلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ يۈرىدىغان ئادەم ئەمەسمەن ،شۇڭا سەنمۇ ئارتۇقچە ئويلىۋامماي ،ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرگىن ،مەنمۇ ئۆزۈم تاللىغان يولۇم بىلەن مېڭىۋېرەي -تۇنجى سۆيگۈنۈم بولغانلىقى ئۈچۈن ،بىر كۆرۈپلا يۈرىكىم تىترەپ ،گەرچە ئايپاشا بىلەن بىردەم ،مۇڭدىشىپ  ئولتۇرغۇم بار بولسىمۇ ئەمما ،ئىنسانىي ئەخلاق ۋە ئائىلەمگە بولغان مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ،ئۇنى تەلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلىۋەتتىم .
ئەگەر ساڭا ھازىر نېمە ئويلاۋاتقىنىڭنى بىلىمەن دىسەمچۇ ؟-ئايپاشانىڭ سۆزلىرى بىلەن ئىزىمدىلا توختاپ قالدىم ،چۈنكى مېنىڭ ھازىر ، بۇ دۇنيادا ،سېنى چۈشىنىمەن دەيدىغان بىر ئادەم بار بولسا ،مۇشۇ ھېسىياتىم بىلەن ،ئۇ كىم بولۇشىدىن قەيئىينەزەر ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىپ بېقىشقا ئېھتىياجىم بار ئېدى –
ئەگەر مەن سېنىڭ ھازەرقە روھىي ھالىتىڭنى چۈشىنىدىغان بولسام ،سېنىڭ ئازابىڭنى ،بارغانسىرى ئاجىزلاپ بېرىۋاتقان روھىيتىڭنى ساڭا ئېچىپ بىرەلىسەم ،سەن يەنە مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاشقا قىزىقمامسەن ؟
ماقۇل ،بىز سىردىشايلى ،نېمىلا دىگەن بىلەن ،سەن مېنى تۇنجى قېتىم داغدا قويغان ئادەم ،قېنى شۇنچە يىل ئارلىشىپ مېنى قانچىلىك چۈشەنگىنىڭنى بىر بىلىپ باقاي -ئايپاشاغا شۇنداق دېگىنىمچە ،ئۇنىڭ ئالدىدىلا دەريا بويىغا قاراپ ماڭدىم .
ئەنۋەر ،بىلەمسەن ،مەن ھازىر ئېرىمدىن ئاجرىشىپ كەتتىم، ئارىمىزدا بىر ئوغۇل ،بىر قىزىمىز بار ،باشتا  ئۇنىڭغا تەگكەن ئىكەنمەن ،چوقۇم ئۆي تۇتۇپ كېتەلەيمەن، پەقەت بۇرۇنقى ئىشلىرىم ئاشقارلانماي قالسىلا ،باشقا ھېشقانداق بىر ئىش بىزنىڭ ئارىمىزنى بۇزالمايدۇ، ئۇ مېنىڭ ئارتۇق ئىشلىرىمنى بىلمىگەندىكىن ،بىز چوقۇم ئېناق-ئىتىپاق ئۆتەلەيمىز دەپ ئويلاپ ئۆزۈمگە قاتتىق ئىشنىپ كېتىپتىمەن، ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن چۈشەندىمكى ،نۇرغۇن ئىشلار بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىكەن، شۇنچە يىل لىۋىمنى چىشلەپ چىداپ كەلگەن بولساممۇ ،ئەمما ئاقىۋەتتا يەنىلا بىر بالامنى  يېتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم .ھازىر ئوغلۇمنى ئېرىم بېقىۋاتىدۇ  ،بۇلتۇر ئۆيدىكلەر شەھەرگە كۆچۈپ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئىزچىل شۇ ئۆيدە تۇرىۋاتىمەن .
بوپتۇغۇ،نېمە بۇلارنى ماڭا دىگۈڭ كەپ قالدى ،بۇلارنىڭ مېنى چۈشنىشىڭ، مېنىڭ ھازىرقى ھېسىياتىم دىگەنلەر بىلەن قانداق ئالاقىسى بار ؟،بولدى ئايپاشا ،مېنىڭ ھازىر سېنىڭ دەردىڭنى ئاڭلاپ بېشىمنى قاتۇرۇپ يۈرگۈم يوق .مېنى ئەمدى ئاۋارە قىلما-ئايپاشانىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىغۇم كەلمەي شۇنداق دەپ ،ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىشكە تەمشەلدىم .
ئولتۇرغىن ئەنۋەر ،مۇناسىۋىتى بار ،مۇناسىۋىتى يوق بولسا سېنىڭ يېنىڭغا كەلمەيمەن، ئەجەبا سەن مەن سۆزلەپ بەرگەنلەردىن ھېس قىلمىدىڭمۇ؟ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ،قىلچىلىك كۆڭلى يوق بىر ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە ،بىر ھوجرىدا ،بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى مانا مەن ئوبدان بىلىمەن ،بۇ سېنىڭ ھەم مېنىڭ تارتىۋاتقان ھەم تارتىپ باققان دەردىمىز ئەنۋەر -ئاياپشانىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يەنە ئىزىمدا توختاپ قالدىم -مەن پۇشايمان قىلدىم ئەنۋەر ،ئەسلى مال-دۇنيا ،پۇل-بايلىق، نام-مەنسەپ، شۆھرەت دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق بولىدىكەن ،ئىنسان مەيلى قىينىلىدىغان ،مەيلى زارلىندىغان ،مەيلى ئاچ-يالىڭاچ قالىدىغان، مەيلى باشقىلارنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرايدىغان ،ھەتتا ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ ،ئۆزىنىڭ كۆڭلى بار ھەم ئۆزىگە كۆڭلى بار ئاشۇ ئىنساننى قەدىرلىشى كېرەككەن، چۈنكى ھاياتلىقتا بۇنداق ئادەم  پەقەت بىرلا قېتىم ئۇچرايدىكەن ،قەدرىنى قىلامماي  ۋاز كەچسە ياكى بىپەرۋالىق قىلسا،بۇنداق ئادەمنى قايتا ئۇچراتماق مۇمكىن ئەمەسكەن ،مەن ئىككىلمىزنى بەخىتسىزقىلدىم ئەنۋەر ،ئەسلى مېنىڭ بەختىم سەن ئىكەنسەن، مەن ئۆزۈمنى بىلمەممەي ،سەن ماڭا ئاتا قىلغان قەدىر-قىممەتتىن ئۆزۈمنى بىلەممەي قاپتىمەن، مەن سېنىڭ ھاياتىڭنىمۇ ئۆزۈمنىڭ ھاياتىمنىمۇ خاراب ئەتتىم، ھەر ئىككىلمىزنىڭ بەختىمىزنى كۆيدۈردۈم -ئايپاشانىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاخىرى يىغىغا ئۇلشىپ كەتتى .
توغرا ئېيتتىڭ ئايپاشا ،بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سەن قىلدىڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پەقەت سەنلا سەۋەبچى ،توغرا مەن سېنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيگەن ،قەدىرلىگەن ،سەن ئۈچۈن كېرەك بولسا يۈرىكىمنى يۇلۇپ ئەپ بېرىشكە ھەم رازى ئېدىم ،بىراق سەن قەدىرلىمىدىڭ ،ئۆزۈڭگىمۇ ماڭىمۇ قىلدىڭ ،ئەمما ھازىرقى پۇشايمىنىڭ بىلەن ھەممىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەمسەن؟مېنى ھەم ئۆزۈڭنى ئاشۇ ئاقكۆڭۈل سەبىي چاغلىرىمىزغا قايتۇرۇپ ،تاللاشنى باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرالامسەن ؟-ئايپاشاغا ھەسرەتلىك ئاھاڭدا شۇ گەپلەرنى دىگەندىن كېيىن ،كېتىشكە تەمشەلدىم .
نەگە بارىسەن، توختا ئەنۋەر -ئايپاشا شۇنداق دەپ كېلىپلا كەينىمدىن مەھكەم قۇچاقلىۋالدى -بىز ھەممىنى قايتا باشلايلى، سەن ئاجرىشىپ كەتكىن ئەنۋەر ،ئۇ بۇزۇق ئايالدىن ئاجرىشىپ كەتكىن .
نېمە دەۋاتىسەن ئايپاشا ،قولۇڭنى تارت -ئۆزۈم شۇنچىۋالا خېياللارغا ئارلاشتۇرۇپ ئويلىسام پەرۋايىم پەلەك تۇرىدىغان ئادەم ئايپاشانىڭ بۇزۇق ئايال دىگەن سۆزلىرىگە چىداپ بولامماي ،ئايپاشانى قاتتىق سىلكىدىم -بىلەمسەن ئايپاشا ،سەن بۇزۇق دەۋاتقان ئايال مېنىڭ ئايالىم ،ئۇ مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ ئانىسى ،ئۇ ھازىر مەن ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ ،ئۆزگۈرىۋاتىدۇ،بارلىق زېھنىنى ئائىلىمىزگە قارتىۋاتىدۇ ،ئەگەر سەن ئاشۇ ئايال بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاچچىق كۈنلەرنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزگەن بولساڭ، ھەرگىز ئۇ قىلغاندەك قىلالمايتتىڭ ،بۇنىڭدىن كېيىن ،ئىسىڭدە ئوبدان تۇت، خەق مەيلى نېمىلا دېسۇن ،ئۇ بىركۈن مېنىڭ ئايالىم بولىدىكەن ،ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن -ئايپاشاغا شۇنداق دىگەندىن كېيىن كېتىپ قالدىم.
ئەنۋەر -ئايپاشا كەينىمدىن چاقىردى -سەن ئۆزگۈرۈپسەن، ۋۇ ئەبلەخ ،سەن ئەسلىدە مەندىن باشقىنى ياخشى كۆرمەسلىكىڭ كېرەكتى، سەن ئۇ ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قاپسەن .
ئايپاشانىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان بۇسۆزلىرىنى ئاڭلىمغانغا سېلىپ قىسقىغىنە توختىۋەتكەندىن كېيىن كېتىپ قالدىم .
ئەنۋەر قايتىپ كەلدىڭىزمۇ ؟-ھويلىغا قەدەم بېسىشىمغا مېھرىنسا كۈلۈپ تۇرۇپ ،ئوغلۇمنى كۆتۈرگىنىچە ئالدىمغا چىقتى -ئاخشام مەندىن ئۆتۈپتۇ ،خاپا بومماڭ ،ئەسلىدە سىزگە ۋاقىت بېرىشىم كېرەك ئېدى، مەن سىزنىڭ ھېسىياتىڭىزنى پەقەتلا ئويلۇشۇپ باقماپتىمەن،بۈگۈن بىركۈن ئويلاندىم ،ئەمدى ھەرگىز سىزنىڭ كۆزىڭىزگە كىرىۋاممايمەن –
مەن بىرنىمە دەي دەپ بولغۇچە ،مېھرىنسا شۇگەپلەرنى قىلىۋىدى ،كۆڭلۈم پاللىدىلا يورۇپ كەتتى ،
ھېچقىسى يوق مېھرىنسا ،خاتالىق مەندىنمۇ ئۆتتى ،ئېدىيەرىڭىزدىن ئۆتكىنى ياخشى بوپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ،بىر-بىرىمىزگە يول قويۇپ  ،رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ،بىر-بىرىمىزگە ،بىرمەزگىل ۋاقىت بېرەيلى -ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويغاندىن كېيىن ،ئوغلۇمنى قولۇمغا ئاغىنىمچە ئانامنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتىم .
-ئاپا ،سىز بەك چارچاپ كەتتىڭىز ،بۈگۈن بالا مېنىڭ يېنىمدا ئۇخلىسۇن ،ژورنالدىن مېڭە پارالىچ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئۇخلىتىش ئۇسۇللىرىنى كۆرگەنتىم ،شۇلارنى بىر سىناپ باقايمىكىن دەيمەن -كەشقۇرۇن ئۇخلاشقا ماڭغاندا ،مېھرىنسا شۇنداق دەپ ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ ماڭدى .
ئۇنداق قىلساڭلار كارىۋاتتا بالا بىلەن قىينىلىپ قالارسىلەرمۇ ؟-ئانام تەئەججۈپلەنگىنىچە ماڭا قارىدى .
قىينىلىپ قاممايمىز ،ئەنۋەر بىرنەچچە كۈن مېھمانخانىدا ئۇخلاپ تۇرسۇن ،بالىسى ئۈچۈن ،بۇنچىلىك قۇربانلىق بەرگەنگە ھېچنىمە بومماس -مېھرىنسانىڭ بۇ گەپلىرى قۇلقۇمغا شۇنداق بەك ياقتىكى ،بۇ قۇربانلىق بېرىش ماڭا نىسبەتەن خۇددى دۇنيادىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق ھەم ھوزۇرلۇق بىر ئىشتەك بىلىنىپ كەتتى .
بوپتۇ ،ئەمىسە ئۆزىڭىز بىلىڭ قىزىم -ئانام شۇنداق دىگەندىن كېيىن ،مېھرىنسا بالىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى .
ئاخشام ھەممە جىدىلىڭلارنى ئاڭلىدىم ،ئۆزۈڭنى سورىۋال ئوغلۇم، بۇ ئۆيدە مەن بار ،ئاراڭلاردا ئازراق پەدىشاپ بولسۇن ،مېھرىنسامۇ چىداۋېرىدىغان تاش،تۆمۈر ئەمەس ئۇنىڭمۇ يۈرىكى گۆش ،ئانامنىڭ ھېكايىللىرىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىغۇدەك تاقىتىپ قامماي ،ئانا ،بەك نۇيقۇم كەپ كەتتى، مەن خاتالىقىمنى تونۇدۇم، چوقۇم دىگىنىڭدەك قىلىمەن ،دىگنىمچە  مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ ،پۇت قوللىرىمنى سوزۇپ ياتقىنىمچە ئايپاشا بىلەن كۆرۈشكەن ئىشلارنى ئويلاپ ،خېيالغا  كەتتىم .
نېمىشقىكىق ،ئايپاشانىڭ چىرايى كۆز ئالدىمغا كەسىلا ،يۈرەكلىرىم جىغ ،جىغ قىلىپ تىترەپ كېتەتتى ،ئۇنىڭ ئاشۇ ،ئامالسىز ،بىچارە ،غەمكىن ۋە يالۋۇرۇش ئارىلاشىقان چىراي تۈسىنى يادىمغا ئاغىنىمدا ،ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ ،بىرقىسمىلا بولۇپ قالاتتىم .
ئەجەبا ،مەن ئايپاشانى تېخىچە ياخشى كۆرەمدىغاندىمان، ئۇ ماڭا شۇنچىۋالا يامان ئىشلارنى  قىلغاندىن كېيىنمۇ ،يەنە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانغا ،تۇنجى سۆيگۈنىڭ سېھرى كۈچى راستىنلا ئاشۇنداق يۇقۇرىمىدۇ ؟
ۋەي ئەنۋەر ،بۇ سەنمۇ، گەپ قىلە -،تۇيۇقسىز تىلفونۇم سايراپ،خېياللىرىمنى بۆلۈۋەتتى ،ئايپاشانىڭ پىچىرلاپ تۇرۇپ ،سۆزلىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى -ئەنۋەر ،سېنى بەكلا سېغىنىپ  كەتتىم .
ئايپاشا ،مەن ساڭا نېمە دىدىم، مەن ئايالى بار ئادەممەن، ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا يېنىمدا ئۇ بوپ قاغان بوسا قانداق قىلاتتىڭ،مېنى تېنىچ ياشىغىنى قوي ئايپاشا –غودوڭشىپ سۆزلىگنىمچە تىلىفوننى قويۇۋېتىشكە تەمشەلدىم.
تىلفوننى قويۇۋەتمە ئەنۋەر ،سەندىن ئۆتۈنەي ،سەن تىلىفوننى قويۇۋەتسەڭلا مەن ئۆلىۋالىمەن -ئايپاشانىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ تېلىفوننى قويۇۋېتىشكە كۆڭلۈم ئۇنمىدى .
ئۇنداقتا قانداق قىلاي ،قېنى دىگنە ،مەن زادى قانداق قىلاي ،ساڭا قانداق قىپ بەسەم مېنى ئاۋارە قىممايسەن –
ھېچقانددق قىپپەمە ،ئاشىققا پەقەت سۆيۈشلا كۇپايە ئەنۋەر ،مەن ھەممىسنى چۈشەندىم ،مەن پەقەت سەن بىلەنلا كۈلەلەيدىكەنمەن ،خۇددى مەن ساڭا بايام دىگەندەكلا ،بىر-بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئاشىقلار مېڭنىڭ ئىچىدىن بىرسى چىقىدۇ، ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگىن ئەنۋەر ،باياتىن ماڭا قىيداپ ئاشۇنداق قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن ،سەن ئۇ خوتۇننى ھەرگىز ياخشى كۆرمەيسەن، مېنى قانداق جازالىساڭمۇ مەيلى ،مەن رازى ،لېكىن ئۇ نايالدىن ئاجرىشىپ كەتكىن ،مەن سېنىڭ بالاڭغا ئۆز بالامغا قارىغاندەكلا ياخشى قارايمەن -ئاياپشىنىڭ سۆزلىرى يۈركىكنى تىترىتىۋاتاتتى -ئاشۇ غۇبارسىز چاغلىرىمىزنى ئەسلىگىن ئەنۋەر ،مەكتەپكا كۈندە بىللە بېرىپ كېلىدىغان، ،دەريا بويىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدىغان،بىر-بىرىمىزگە شېرىن ۋەدىلەرنى بېرىشكەن شۇ چاغلارنى ئەسلىگىن ،سەن شۇلاردىن كېچەلەمسەن ،-ئاياپشا مىشىلداپ يىغلىغاندىن كېيىن تىلفوننى قويۇۋەتتى .
كۆز ئالدىمدا ،تۇنجى مۇھەببەت ،ئاشۇ تاتلىق تەم، تاتلىق ئەسلىملەر ،سەبىيلىكتىن قانلىرىكىز ئۇرغۇغانغىچە داۋاملاشقان ،پاك مۇھەببەت ،بىر-بيرلەپ پەيدا بولۇپ ،يۈرۈكۈم بىر نەرسىگە چىدىمايلا قالغاندەك بولۇپ ،ئايپاشاغا قايتۇرۇپ تىلفون ئۇردۇم .
سېنىڭ قايتۇرۇپ ئۇرۇدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم ئەنۋەر ،سەن چىدىمايسەن، خۇددى مەندەكلا چىداپ بولاممايسەن، ئاشىقلىق ئوتى شۇقەدەر يامانكى ،ئۇ ئادەمگە دەقىقىلەرنى يىللارچە قىلىپ تەسۋىرلەپ، سەۋرىڭنى شۇقەدەر تاشۇرىۋېتىدۇ ئەنۋەر،رەھمەت ساڭا ،ئەتە كەشتە ئىشتىن يانغاندا سېنى ،شەھەر دوقمۇشىدىكى غەربچە  ئاشخانىدا ساقلايمەن ،چوقۇم كەلگىن -ئاياپشا شۇنداق دەپلا ،مېنىڭ سۆزلىشىمگىمۇ پۇرسەت بەرمەستىن تىلفوننى قويۇۋەتتى .
زادى قانداق قىلىشىم كېرەك، مەن زادى نېمە بولدۇم، ئايپاشاغا قايتىدىن كۆيسەم، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ يۈرسەم ،مېنىڭ مېھرىنسا ھەم ئايپاشالاردىن زادى قانداق پەرقىم قالىدۇ ؟بىراق نېمىشقا ،ئايپاشانى ئويلىساملا بۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كېتىدىغاندىمەن.
كېچىچە ئىگىز -پەس خېياللار بىلەن تۈزۈكرەكمۇ ئۇخلىيالماي ،زادى قانداق قىلىش ھەققىدە بىر قارارغا كېلەلمەي گاراڭ بوغۇنۇمچە ئىشقا قاراپ ماڭدىم .
باسام نېمە بوپتۇ، مېھرىنسا جېنىدا ،شۇنچە ئايالدىن ئېشىپ مېنىڭ يېنىمغا كەلدى ،مەن يەنە ئۇنى خوتۇن قىلىۋاتىمەن  مېنىڭ خوتۇنۇم تۇرۇپ، باشقا مەر بىلەن قاچتى، يەنە نۇمۇس قىمماي مېنىڭ چىرايىمغا قاراپ  يۈرىۋاتىدۇ، ئاچچىق ئەسلىكسى بوسا ،بىچارە بوسا نېمە بوپتۇ ؟مەنمۇ بىر بىچارىغۇ؟ئازراق كۆڭلۈم ئېچىلىدىغان ئىېچىلغۇدەك ئىش قىلسام ،نېمە بوپتۇ ؟-كەچقۇرۇن ئىشتىن قايىتىدىغان چاغدا ،ئاخىرى ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ  ئايپاشا بىلەن كۆرۈشۈشنى قارار قىلىپ ،ئۇ دىگەن جايغا قاراپ ماڭدىم .
تۇنجى كۆرۈشۈش ،قەلبىمدە قاتتىق ھاياجان قوزغۇتۇپ ،ئۆچەيلا دەپ قالغان ئاشىق ئوتلىرىمنى قايتىدىن ياندۇرىۋەتتى ،چۈنكى نېمىلا دىگەن بىلەن، ئايپاشا مەن ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم سۆيگەن قىز ئەمەسمۇ ؟
كەشقۇرۇن ،ئايپاشانىڭ تەلپى بىلەن دەريا بويىغا باردۇق ،ئايپاشانىڭ ،ئەسەبىيلەرچە  باغرىمغا ئۆزىنى ئېتىپ ،سۆيۈشلىرىگە بەرداشلىق بىرەلمەي ،ئۇنىڭ بېلەن خېلى ئۇزاق  سۆيۈشتۇق .
نېمىشقىكىن ،بۇ سۆيۈشۈش ،بۇ تەنلەرنىڭ تېگىشىشى ،بۇ راھەت تۇيغۇسى ،مېھرىنساغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى ،شۇقەدەر خاتىرجەم ،شۇقەدەر ئەركىن ھەم ئىختيارىيلىققا تولغان بۇ سۆيۈشۈش مېنى ئۆزىگە ئوبدانلا مەھلىيا قىلىۋالدى .
شۇنىڭدىن كېيىن ،مەن ئايپاشا بېلەن ھەركۈنى دىگۈدەك ئۇچرىشىپ تۇردۇم ،ئايپاشا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ،مېھرىنسانىڭ ۋاي دىيىشلىرىنىمۇ كۆزۈم كۆرمەستىن ،ئۇنىڭغا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان،ئۇنىڭ بىلەن كارىم بوممايدىغان ،ھەتتا بىر ھۇجرىدا ياتمايدىغان بولۇۋېلىپ، ھەركۈنى دىگۈدەك ئايپاشا بىلەن ،ئۇچۇر يېزىشىپ ،تىلفون پاراڭلىشىپ ياتىدىغان بولدۇم .ئايپاشاغا قايتىدىن شۇنداق ئاشىق بولدۇمكى ،ئۇنىڭ مېنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتكىنى ،ھاياتىمنى ئاستىن ،ئۈستىن قىغانلىرى پەقەتلا خېيالىمغا كىرىپ چىقمىدى .
ئوغلۇم ،بۇ سېنىڭ نېمە قىغىنىڭ ،ھەممە خەقنىڭ ئاغزىغا چىقىپ بوپسەن، ئۇ ئايپاشا دىگەن قىز بىلەن يەنە نېمە دەپ كۆرۈشۈپ يۈرۈيسەن، خەق ياخشى بولسا ،خەق خېتىنى بېرەمتى، ئۇنىڭغا ئالدىنىپ كەتمە ،سەن ئائىلەڭ بار ئادەم  بىچارە ئايالىڭنىمۇ ئويلاپ قوي،كۈندىن -كۈنگە ئورۇقلاپ  ،بىر ئۇستىخان ،بىر تىرە بوپ قېلىۋاتىدۇ ،ئوغلۇڭ بىلەنمۇ كارىڭ بوممايۋاتىدۇ ،شۇ بىچارە ھەممىگە يىتىشىۋاتىدۇ، نېمىشقا ئۇنىڭ ھالىغا يەتمەيسەن ،ئۇ ئايپاشا دىگەن مەينەتتىن ساڭا ۋاپا كېلىدىغان بولسا ،ئەينى چاغدا سېنى تاشلاپ كېتەرمىدى ،سەندىن ئۆتۈنەي ،مېنى تىرىل تۇرغۇزۇپ كۆيدۈرنىگىن جېنىم بالام –ئاشكارلانمايدىغان ئىش يوق دىگەندەك ،ئايپاشا ئىككىمىز خەقنىڭ ئاغزىغا چىقىپ ،بۇگەپلەر ئايغا باماي تۇرۇپلا ئانامنىڭ قۇلقىغىمۇ بېرىپ بولدى .
ئانا ،ئەمدى مېنىڭ بىر قىزبالا بىلەن كۆرۈشكىدەكمۇ ئەركىنلىكىم يوقما ،سەن نېمىشقا مېھرىنسا دىگەننىڭ ،باشقا ئەرلەر بىلەن نېمىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلمەيدىغاندەك گەپ قىلىسەن ،ئۇ قىغاننى مەن قىسام بومامدىكەن، بولدى قىساڭچۇ، قارىغاندا سەن ئايپاشانى خاتا چۈشۈنۈپ قاغان ئوخشايسەن، ئۇ دىگەن شۇنداق ياخشى قىز ،ئازمايدىغان كىم بار دەيسەن جېنىم ئانا ،ئۇمۇ بىر قېتىم توي قىلدى ،مەنمۇشۇ ،ئەمدى تەڭلەشكەندىن ،نېمىش قىساق بولۇۋېرىدۇ، مېھرىنسا دىگەنگە سەن دەپ، قوي ،چىدىسا مۇشۇنداق ئۆتسۇن ،چىدىمىسا ،يول ئوچۇق ،بالنى قويۇپ قويۇپ  خېتىنى ئاسۇن ،ئۇنى ئايپاشا ئىككىمىز گۈلدەك باقالايمىز -بۇ گەپلەرنىڭ قانداق ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدىم، لېكىن ،مېنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسىياتىم بويىنچە بوغاندا بۇ سۆزلىرىم ئورۇنلۇق ئېدى ،چۈنكى مەن، ئاللىقاچان، مېھرىنساغا تېڭىپ قويسىمۇ تۇرغۇزغىنى بوممايدىغان ،يۇپيۇمىلاق بىر تاشقا ئايلىنىپ بوغان ئېدىم .ئانامدىن يامانلاپ ،سىرىتقا چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ،ھويلىغا چىقسام ،مېھرىنسا بالامنى كۆتۈرۈپ ،تۇرۇپتۇ ،يىغلىدىمۇ ياقمۇ، ئۇنىڭغا ئېنىق قارمىغاچقا بۇنى بىلەممىدىم .
ۋەي ،ئەنۋەر ،بىزنىڭ ئۆيگە كېلىڭە ،ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ناھىيەگە كەتتى ،بۈگۈن ،بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قېلىڭ بولامدۇ ؟-سىرىتقا چىقشىمغىلا ئايپاشا ماڭا تىلفون ئۇردى ،بۇ ئىشنىڭ ئۇدۇل كەپ قاغىننى كۆمەمدىغان ،ئاناممۇ چۆچۈسۇن ،مەن ھەرقانچە گۆشباش بولساممۇ، ئەمدى ،مېھرىنسادەك ،ئون ئەركەكتىن ئاشقان بىر خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتۇپ يۈرسەم بوممايدۇ، ئايپاشا ماڭا ئەڭ لايىقى شۇ -ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دېگەندىن كېيىن ،ئىككىلەنمەيلا ،ماقۇل ھازىرلا بارىمەن جېنىم ،دىگنىمچە ئايپاشانىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم .
ئايپاشا بىلەن قايتىدىن تېپشىۋاغىنىمغا بىر ئايدىن ئاشقان بوسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ،ئانچە مۇنچە سۆيۈشۈپ قويغاننى ھېسابقا ئاممىغاندا ،بىر كېچىنى بىللە ئۆتكۈزگۈدەك بىر ئىشنى قىپ باقمىغان بولغاچقا ئازراق جىددىيلىشىپ قېلىۋاتاتتىم .
جېنىم ئەنۋەر ،مەن سىزنى بەك سۆيىمەن ،بەك ،بەك سۆيىمەن، -ئايپاشانىڭ بوينۇمغا گىرە سېلىشلىرى بىلەن تەڭ بۇ جىددىيچىلىكلەرنىمۇ ئۇنتۇپ ،ئۇنىڭ بىلەن مەھكەم چىرمىشىپ كەتتىم .
مەن سىزگە ساغلام بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىمەن ئەنۋەر ،سىز مېنىڭ -ئايپاشانىڭ شۇنداق دەپ ،باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىشى بىلەن  تەڭ، تېخىدىنمۇ بەك ھاياجانلىق دەملەر باشلىنىپ كەتتى

 .

赞(0) 打赏
版权说明:文章来自网友分享,仅供读者参考,并请自行核实相关内容微信资源搜索 » ئايالىمنىڭ ئەپتى-بەشرىسى22

评论 抢沙发

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址

觉得文章有用就打赏一下文章作者

支付宝扫一扫打赏

微信扫一扫打赏